قورساقنى كىچىكلىتىشتە تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك

日期:2019年08月07日
来源:天山网
【字体:

سىز قورسىقىڭىزدىكى ئارتۇق گۆش سەۋەبلىك، چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىشكە جۈرئەت قىلالماسلىقتىن غەم قىلىۋاتامسىز؟ ئەمدى ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ! مودا ژۇرنىلى «COSMOPOLITAN» كۆپچىلىككە قورساقنى كىچىكلىتىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇردى، بىرلىكتە چۈشىنىپ باقايلى!

بىرىنچى، يېمەك-ئىچمەكنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش

قورساق قىسمىنى ئورۇقلىتىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىشتىن باشلاش كېرەك. ئۈچ ۋاق تاماقتا ئوزۇقلۇق تەكشى بولغان ساغلام يېمەكلىكلەرنى تاللاش كېرەك، مەسىلەن، مېۋە-چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلارنى تاللاش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تاتلىق تۈرۈم، ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك. گازلىق ئىچىملىكلەرنىئامال بار ئاز ئىچىش كېرەك، چۈنكى گازلىق ئىچىملىكلەر ئاسانلا ئاشقازان كۆپۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، يېشىل چاي بىلەن سۇ تېخىمۇ ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ.

ئىككىنچى، قورساق قىسمىنى چېنىقتۇرۇش

پەقەت ساغلام بولغان يېمەك ـ ئىچمەك ئادىتىگە تايىنىپلا قورساقنى كىچىكلەتكىلى بولمايدۇ. مۇتەخەسسىسلەر قەرەللىك چېنىقىش ئارقىلىق ساغلاملىقنى ساقلاش ئۇسۇلىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇنىڭدا، قورساق قىسمىدىكى ئارتۇق گۆشكە قارىتا ئىشلىنىدىغان ھەرىكەتلەر كەم بولسا بولمايدۇ. مەسىلەن، قورساق قاتلاش ھەرىكىتى ۋە يانچە قورساق قاتلاش ھەرىكىتىنى ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرغاندا، ئارتۇق ماينى سىيرىپلا قالماي، يەنە قورساق مۇسكۇلىنى چىقارغىلى بولىدۇ.

ئۈچىنچى، ئورۇقلاش پەرۋىشى

ئەڭ ئاخىرىدا، يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلىپ ۋە چېنىقىپ ئورۇقلىغاندىن كېيىنكى ئورۇقلاش پەرۋىشى ئورۇقلاشتا ئاز كۈچ بىلەن كۆپ ئۈنۈمگە ئىگە قىلىدۇ. مەسىلەن، ئورۇقلاش جەۋھىرى سۇيۇقلۇقى ۋە ئورۇقلاش جەۋھەر مېيى سۈرۈش. ئۇنىڭدىن باشقا، قورساق قىسمىنى ئۇۋۇلاشمۇ قورساقنى كىچىكلىتىشتەئالاھىدە ئۈنۈمگە ئىگە.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى