بالىلارغا ئىسسىقلىق ئۆرلەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟

日期:2019年08月07日
来源:天山网
【字体:

ياز پەسلىدەتېمپېراتۇرا يۇقىرى بولغاچقا، بوۋاقلار كۆپ تەرلەيدۇ، تەرنى ۋاقتىدا سۈرتمىسە، تەر سۇيۇقلۇقى تەر بېزىنى توسۇۋېلىپ، ئىسسىقلىق ئۆرلەپ كېتىدۇ. تۆۋەندە كۆپچىلىككە ئىسسىقلىق ئۆرلەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرىمىز:

ئازادە كىيىملەرنى تاللاش

تەر سۈمۈرەلەيدىغان، يۇمشاق، ساپ پاختا كىيىملەرنى تاللاش، پاسون جەھەتتە يەڭ ۋە ياقىسى چىڭ كىيىملەردىن ساقلىنىش، ياقىسى كەڭ كىيىملەر ياز پەسلىدە بوۋاقلارغا ئەڭ ماس كېلىدۇ.

تېرىنىڭ پاكىز ۋە قۇرغاق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش

مەيلى يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن بولسۇن ياكى ھەرىكەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن بولسۇن، بوۋاقنىڭ تەرلىرىنى سۈرتۈشنى ئۇنتۇپ قالماڭ، چۈنكى تەر بار جايغا ئەڭ ئاسان ئىسسىقلىق ئۆرلەيدۇ.

ئۆي ئىچى سالقىن بولۇش

ھاۋا تەڭشىگۈچ، شامالدۇرغۇچ قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىپ، ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىش لازىم،لېكىن سوغۇق شامالنىڭ بالىغا بىۋاسىتە تېگىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئۆي ئىچى سالقىن بولسا، بوۋاقلارنىڭ تەرلىشىنىئازايتىپ، ئىسسىقلىق ئۆرلەپ كېتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

ئىلمان سۇدا يۇيۇندۇرۇش

ئىسسىق سۇدا يۇيۇندۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك،سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى 34 سېلسىيە گىرادۇستىن 36 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولسا بولىدۇ، يۇيۇنۇش ۋاقتىنى بەش مىنۇتتىن ئون مىنۇتقىچە كونترول قىلىش كېرەك. ئامال بار سوپۇن، يۇيۇنۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەتمەي، بوۋاقلارتېرىسىنىڭ غىدىقلىنىشىنى ئازايتىش كېرەك.

شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلىش

نەم كىيىملەرنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش، ئالماشتۇرۇشتىن بۇرۇن پاكىز لۆڭگە بىلەن بوۋاقنى سۈرتۈش، بولۇپمۇ بويۇننىڭ ئاستى، قولتۇق، پاقالچاق قاتارلىق ئورۇنلارغا دىققەت قىلىش كېرەك .

ئىسسىقلىق ئۇپىسىنى توغرا ئىشلىتىش

ئىسسىقلىق ئۇپىسى ئىسسىقلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، لېكىن ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئىنتايىن مۇھىم. ئىسسىقلىق ئۇپىسىنى چوقۇم قۇرغاق تېرىگە سۈركىسە، ئاندىن ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ، بوۋاقبەدىنىدىكى تېرىسى قاتلاشقان جايلارغا سۈركىسە بولىدۇ.

چوڭلار بىلەن ئۇزۇن ۋاقىت تېرە ئارقىلىق ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش

تېخى ئايىغى چىقمىغان بالىلاغا نىسبەتەن، ئاتا -ئانىلار كۈن بويى كۆتۈرۈۋالماسلىقى كېرەك، ئەڭ ياخشىسى لۆڭگىنى بالىنىڭ ساغرىسىغا قويۇپ، تېرىنىڭ بىۋاسىتە ئۇچرىشىشىدىن ساقلىنىشكېرەك .

يېمەك - ئىچمەك مايسىزراق بولۇشى كېرەك

بوۋاقلارغا كۆپرەك سۇ بېرىش، يەنە تاۋۇز شەربىتى، ماش شورپىسى، دوڭگۇا شورپىسى قاتارلىق سوغۇق يېمەكلىكلەرنى بەرسىمۇ بولىدۇ. بوۋاقلارغا چىڭسەي ۋە مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپرەك يېگۈزۈش لازىم، بۇنداق قىلغاندا ئىسسىقنى پەسەيتىپ، سۇ ۋە ۋىتامىنتولۇقلىغىلى بولىدۇ .

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى