ئاپتاپقا ئون مىنۇت قاقلىنىش، بالىلاردىكى ئۈچەي ياللۇغىنى %6 تۆۋەنلىتىدۇ

日期:2019年08月05日
来源:天山网
【字体:

ئاپتاپقا قاقلىنىش جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن خۇشاللىق ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە ۋىتامىن D تولۇقلاپ، ئۈچەي يولىساغلاملىقىنى ئاشۇرىدۇ. يېقىندا، ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك داشۆسىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، بالىلىق مەزگىلىدە ئاپتاپقا قاقلىنىشنىڭ ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك ئۈچەي كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىسى بار ئىكەن.

ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك ئۈچەي كېسىلى يەر شارى مىقياسىدا يامراپ، كېسەللەر توپى تەدرىجىي ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ. قۇياش نۇرى بىلەن ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك ئۈچەي كېسىلىنىڭ باغلىنىشچانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، تەتقىقاتچىلار ئۆز دۆلىتىدىكى بالىلارنى ئىز قوغلاپ تەكشۈردى. ئۇلارنىڭ بايقىشىچە، ھەر كۈنى 10 مىنۇت ئاپتاپقا قاقلانسا، بالىلارنىڭ ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك ئۈچەي كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى % 6 تۆۋەنلەيدىكەن؛ يېرىم سائەت ئاپتاپقا قاقلانسا، بۇ خەۋپ-خەتەر %20 كە يېقىن تۆۋەنلەيدىكەن. تەتقىقات نەتىجىسى «بالىلار كېسەللىكلىرى ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى ئىلمى ۋە ئوزۇقلۇق ئىلمى ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان.

تەتقىقات يېتەكچىسى، دۆلەتلىك داشۆسى ساغلاملىق ۋە مېدىتسىنا شۆيۈەنىدىن روبىئېن لۇكاس مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «قۇياش نۇرى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق بولۇپ، ياللۇغنى پەسەيتىدۇ، قۇرامىغا يەتكەنلەر ھازىردىن باشلاپ ھەرىكەتكە كېلىپ، ھەر كۈنى ئاپتاپقا قاقلىنىشى كېرەك، بالىلىرىنى ئېلىپ قۇياش نۇرى ئاستىدا ئويناتسا، ئۇلارنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن.»