مەيدىسى كۆيگەندەك بولسا، قەيەردىن چاتاق چىققان بولىدۇ؟

日期:2019年07月30日
来源:天山网
【字体:

بەزىدە، يېمەكلىك يەپ سوغۇق ئۆتكۈزۈۋالغاندا، ئاچ قورساق قەھۋە ئىچكەندە ياكىمايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېگەندىن كېيىن، بوغۇزىمىزدىن بىر خىل كىسلاتالىق سۇ يېنىپ، ناھايىتى بىئارام قىلىدۇ. بەزىدە مەيدىمىزدىن ئوت يېنىۋاتقاندەك ھېس قىلىمىز، مانا بۇ مەيدە كۆيگەندەك بولۇشنىڭ ئالامەتلىرى.

كىشىلەر دائىم ئېيتىدىغان «مەيدىسى كۆيگەندەك بولۇش»نىڭ يۈرەك بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. نۇرغۇن كىشىلەر قارىسىغىلا بۇ خىل ئالامەتنىڭ يۈرەك بىلەن مۇناسىۋىتى بار، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئاشقازان بىلەن مۇناسىۋىتى بار. كۆپىنچە كىشىلەر «مەيدىسى كۆيگەندەك بولۇش»قا سەل قارايدۇ، بىئارام بولغاندا ئېسىگە كېلىپ، بىئاراملىق يوقالغاندا ئۇنتۇپ قالىدۇ. لېكىن «مەيدىسى كۆيۈش»نىڭ ھەزىم قىلىش يولى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالامىتى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.

ئادەمنىڭ مەيدىسى بىلەن قورساق قىسمىنىڭ ئارىسىدا ئىنتايىن مۇھىم بىر مۇسكۇل بار بولۇپ، بۇ قىزىلئۆڭگەچ قورۇغۇچى مۇسكۇل دەپ ئاتىلىدۇ. بىز بىر نەرسە يېمىگەندە ئۇ يىغىلىپ ئېتىك ھالەتتە تۇرۇپ، ئاشقازان كىسلاتاسى ئېقىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، لېكىن بەزىدە ئۇ كونتروللىقىنى يوقاتقاندا، ئاشقازان كىسلاتاسى كېكىردەكتىن ئېقىپ چىقىپ، كېكىردەك شىللىق پەردىسىگە تەسىر كۆرسىتىپ، مەيدە كۆيگەندەك بولىدۇ.

مەيدە قىزىش بىلەن يېمەكلىك ئىستېمال قىلىش مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، ئالدى بىلەن يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە سۆزلىنىدۇ. تاماقنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ھەم تېز يەپ، كۆپ مىقداردا مايدا پىشۇرۇلغان، ئاچچىققاتارلىق غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىىش، ستېروئىد بولمىغان دورىلارنى ئىستېمال قىلىشنىڭ ھەممىسى كېكىردەكنىڭ ئاستىنقى قىسمىدىكى قورۇغۇچى مۇسكۇلنىڭ بوشاپ كېتىشى ياكى ئاشقازان كىسلاتاسىنى ئاجرىتىپ چىقىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا ئۇيقۇ مەسىلىسى. كۆپچىلىككە ئايانكى، تاماقنى يەپ بولۇپلا دەرھال يېتىۋېلىشقا بولمايدۇ، ئەگەر تاماقنى يەپ بولۇپلا ئۇخلىغاندا، ئاشقازاننىڭ بېسىمى ئېشىپ كېتىپ، يېمەكلىك ئاسانلا كېكىردەككە ئېقىپ كىرىپ، ئاشقازان كىسلاتاسىمۇ بىرگە كېكىردەككە كىرىپ، مەيدە كۆيگەندەك سېزىم شەكىللىنىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا، بەزى كىسەللىكلەر كەلتۈرۈو چىقارغان مەيدە قىزىش. بۇ خىلدىكى كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مەيدىسى كۆيگەندەك بولۇش، بۇزۇلۇپ قالغان يېمەكلىكلەرنىيەۋېلىشنىڭلا ئىشى بولماستىن، سىزنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىڭىزنىكۆرسىتىدۇ. كىلىنكىدا نۇرغۇن ھەزىم يولى كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن مەيدە كۆيۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانبولۇپ، مەسىلەن، ئاشقازان- قىزىلئۆڭگەچ تەتۈر ئېقىمى، ھەزىم خاراكتېرلىك يارا، ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى قاتارلىقلار.

قانداق قىلغاندا مەسىلىنى ھەل قىلىپ، كېسەلگە قارىتا دورا بەرگىلى بولىدۇ ؟

1. تاماقنىڭ مىقدارى ۋە تاماق يېيىش سۈرئىتىگە دىققەت قىلىش، تاماقنى بەك جىق، بەك تېز يېمەسلىك كېرەك. ئەتىگىنى ياخشى يېيىش، چۈشتە تويغۇدەك يېيىش، كەچتە ئاز يېيىش كېرەك.

2. يېيىشكە باشلىغاندا، بەدەندىكى ھەزىم قىلىش سىستېمىسى خىزمەت قىلىشقا باشلايدۇ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى كۆپىيىدۇ. شۇڭا بەك تويۇنۇپ تاماق يېمەسلىك، ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكنى كۆپ يېيىش، پەۋقۇلئاددە ئاچچىق، زىيادە كىسلاتالىق، ئالاھىدە تاتلىق يېمەكلىكنى يېمەسلىك كېرەك.

3. تاماقتىن كېيىن ھەرىكەت قىلىشقا دىققەت قىلىش، تاماقتىن كېيىنلا ئېغىر ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. تاماقتىن كېيىن يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە ئاستا مېڭىپ بەرسە، ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق. تاماقتىن كېيىن بىر سائەتتىن ئىككى-ئۈچ سائەتكىچە ئاستا يۈگۈرۈش، ئورۇقلاش گىمناستىكىسى ئىشلەش، ۋېلىسپىت مىنىش قاتارلىق ئوتتۇرا دەرىجىدىكى ھەرىكەتلەرنى قىلسا بولىدۇ؛ يۇقىرى سىجىللىقتىكى ھەرىكەتلەرنى تاماقتىن كېيىن ئىككىسائەتتىن ئۈچ سائەتكىچە ئىشلىسە بولىدۇ.

4. ئاچ قورساق قەھۋە ئىچمەسلىك كېرەك.