ياز پەسلىدە ئىچى سۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ...

日期:2019年07月30日
来源:天山网
【字体:

مەملىكىتىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋانىڭ بارغانسېرىئىسسىشىغا ئەگىشىپ، دوختۇرخانىلارنىڭ ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرى بۆلۈملىرىدەبىمارلار كۆپىيىشكە باشلىدى. مۇتەخەسسىسلەرئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: ياز پەسلى ئىچ سۈرۈش كۆپ كۆرۈلىدىغان پەسىل، شۇڭا «كېسەلنىڭ ئېغىزدىن كىرىشى» دىن ئېھتىيات قىلىپ، «زىيادە سوغۇق، زىيادە قىزىق» نەرسىلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

جۇڭگو تېبابىتى پەنلەر ئاكادېمىيەسى گۇاڭئەنمېن دوختۇرخانىسى تال-ئاشقازان بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى تاۋ شياپىڭ مۇنداق دېدى: ياز پەسلىدە ھاۋا ئىسسىق، نەم بولغاچقا، ئۈچەي يولىدا كېسەل پەيدا قىلغۇچى مىكرو ئورگانىزىملارئاسانلا كۆپىيىدۇ، كۆپ تەرلەش، ياخشى ئارام ئالالماسلىق سەۋەبىدىنكېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى تۆۋەنلەش، مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنى خام يېيىش، پاكىز بولمىغان يېمەك- ئىچمەكقاتارلىقلار ئىچ سۈرۈشنى پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياز پەسلىدە كىشىلەرسوغۇق يېمەكلىك ۋە سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ، زىيادە سوغۇق، زىيادە قىزىق يېمەكلىكلەر ئۆز ئارا ئالمىشىپ، ئەزالارنى غىدىقلاپ ياكى ئىسسىق، سوغۇقنى تەڭشەش كونتروللۇقىنى يوقىتىپ، ئاشقازان، ئۈچەي ئىقتىدارىبۇزۇلۇپ ئىچ سۈرۈشكېلىپچىقىدۇ. «ياز پەسلىدە ئىچ سۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئالدى بىلەن يېمەكلىك ۋە مۇھىت تازىلىقىغا دىققەت قىلىپ، يېمەكلىكنىڭ توڭلاتقۇدا ساقلىنىش ۋاقتىنى بەك ئۇزۇن قىلىۋەتمەسلىك، توڭلىتىلغان پىششىق يېمەكلىكلەرنى قىزىتقاندىن كېيىن يېيىش، سىرتقا چىقىپ تاماق يېگەندە تازىلىق شارائىتى ناچار، سوغۇق سەيلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك.ئېمىتىش مەزگىلىدىكى بوۋاقلارغا نىسبەتەن، سوسكىسىنىڭ پاكىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سوغۇق يېمەكلىكلەرنىلا يېمەسلىك، ھاۋا تەڭشىگۈچنى زىيادە ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش، سوغۇق، ئىسسىقنى تەڭشەشكە دىققەت قىلىپ، يازدا سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك ئىكەن.

مۇتەخەسسىسلەرئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: ئادەتتىكى ئەھۋالدا، چوڭ تەرەت قېتىم سانى ئۈچ قېتىمدىن ئاشسا، تەرەت سۇيۇق ھەم قان ئارىلاش كەلسە ئىچ سۈرگەن بولىدۇ. ئېغىر دەرىجىدىكى ئىچ سۈرۈشتە ئادەم بەدىنىسۇسىزلىنىدۇ ۋە ئېلېكترولىت ئازىيىدۇ، ھەتتا كىسلاتادىن زەھەرلىنىش ۋە شوك بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا بىمارلار كېسەل بولۇپ قالغاندا سۇنى كۆپرەك ئىچىشىياكىتۇز سۇيىتولۇقلىشى كېرەك، ئەگەر بەدەن دە ماغدۇرسىزلىنىش ياكى يۈرەك سىقىلىش، ئەقلى-ھوشى جايىدا بولماسلىقتەك ئېغىر ئەھۋاللار كۆرۈلسە دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىشكېرەك.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر كۆپ خىل، شۇڭا كېسەلگە قارىتا دورا يېيىش كېرەك، بىمارلار ھەرگىزمۇ ئىچى سۈرسىلا ئانتىبىيوتىكلارنى ئىشلەتمەسلىكى، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن دورا ئىشلىتىشى كېرەك ئىكەن.

-شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.