سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى: 2018-يىلى مەملىكەت بويىچە بالىلار، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئومۇمىي نىسبىتى %53.6 كە يەتتى

日期:2019年07月29日
来源:天山网
【字体:

7-ئاينىڭ 26-كۈنى، ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى ئىشخانىسى «ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتى»دىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقىتەنتەربىيە، سەھىيە ۋە سەنئەت تەربىيەسى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ دېڭفېڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «بىرنى كۆپەيتىش، بىرنى ئازايتىش، بىرنى كاپالەتلەندۈرۈش» ئارقىلىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتىنى ئالغا سىلجىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«نۆۋەتتە، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ۋەسېمىزلىك قاتارلىق مەسىلىلەر كۈندىن كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتىدۇ». شاڭخەي تەنتەربىيە شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى چېن پېيجېي مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئوقۇشيېشىدىكى بالىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئۆلچەمدىنئېشىپ كېتىش نىسبىتى 1985-يىلىدىكى %1.1تىن 2014-يىلىدىكى %20.4كە، سېمىزلىك نىسبىتى %0.5تىن %7.3كە ئۆرلىدى، يېقىنقى بىر قانچە يىلدا بۇ سانلىق مەلۇماتلار بارغانسېرى ئۆرلىمەكتە. بۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ تەن ساغلاملىق سەۋىيەسىدە «ياش چوڭايغانسېرى تۆۋەنلەش» ئەھۋالى كۆرۈلدى، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭتەن ساپاسىنىڭ ئۆلچەمگەيېتىش نىسبىتى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭكىدىن تېخىمۇ تۆۋەن بولدى.

ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سېمىزلىك نىسبىتىنىڭ ئېشىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، يىراقنى كۆرەلمەسلىك مەسىلىسىمۇ ناھايىتى كەسكىن بولغان. سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلىمەملىكەت بويىچە بالىلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئومۇمىي نىسبىتى %53.6كە، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتى %36.0كە يەتكەن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتى %71.6، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتى %81.0 بولغان.

ۋاڭ دېڭفېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتىدە يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىنتايىن مۇھىم كۆرسەتكۈچلەرنىڭ بىرى. يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ مەركەزلەشكەن، ئەڭ سەزگۈر نىشانى.

قانداق قىلغاندا يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋاڭ دېڭفېڭ مۇنداق دېدى: بىرىنچىدىن، تەنتەربىيە چېنىقىشى ۋە دالا پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىش، ئىككىنچىدىن، مۇھىم بولمىغان دەرس بېسىمىنى يېنىكلىتىش، ئۈچىنچىدىن، يورۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، كۆز ئاسراش گىمناستىكىسىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش، كۆزنى ئىلمىيئىشلىتىش بىلىملىرىنى ئىگەللەش، ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش قاتارلىقلار.«بۇ ئۈچ تەرەپتىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئورۇندالسا، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتىدەكۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشبولىدۇ.»

ۋاڭ دېڭفېڭ مۇنداق دېدى: يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشكە ئۈچ جەھەتتىن قاراشقا بولىدۇ: بىرىنچى، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش دۆلەتلىك ئىستىراتېگىيەسىگە كۆتۈرۈلدى. ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك، پۈتۈن جەمئىيەت بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك؛ ئىككىنچى، پۈتۈن جەمئىيەتكە چاقىرىق قىلىپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى مەسىلىسىگە بىرلىكتەكۆڭۈل بۆلۈش كېرەك.پۈتۈن جەمئىيەت ھەرىكەتكە كېلىپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىناچار بولۇش، داۋاملىق تۆۋەن بولۇش يۈزلىنىشىنى ئورتاق توسۇش كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش -تىزگىنلەش يولىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەت، مەكتەپ، جەمئىيەت، ئائىلە ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش -تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئاتا-ئانىلار نازارەت قىلىپ قوغداش رولىنى ياخشى ئۆتەش كېرەك. ئۈنۈملۈك ھالدا بالىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى مۇۋاپىق ئىشلىتىشىگە نازارەتچىلىك قىلىش كېرەك.