تاتلىق يېمەكلىكلەر ئىشتەينى ئېچىۋېتىدۇ

日期:2019年07月29日
来源:天山网
【字体:

ساغلاملىق ۋە بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش يولىدا تاتلىق يېمەكلىكلەر بىلەن يۇقىرى مايلىقيېمەكلىكلەر ئىزچىل توسالغۇ بولۇپ كەلدى. تاتلىق، مايلىق يېمەكلىكلەرنىيېگەندە نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى توختاتقىلى بولمايدۇ؟ ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، تاتلىق يېمەكلىكلەر چوڭ مېڭە قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئادەمنىڭ يېگەنسېرى يېگۈسىنى كەلتۈرىدىكەن.

ئامېرىكا شىمالىي كارولىنا داشۆسىنىڭ تەتقىقات كوللېكتىپى چوڭ مېڭىنىڭ ئاستىنقى قىسمىدىكى يېمەكلىك يېيىشنى كونترول قىلىدىغان رايون __ سىرتقى قىسمىدىكى تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە ئۈستىدە ئىزدىنىپ، گلۇتامىك كىسلاتا ئېنېرگىيەسىنېۋرونىنىڭ تاماق يېيىشنى تورمۇزلاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىغان. تەتقىقاتچىلار كىچىك تەجرىبە چاشقىنىنى ئۈچ گۇرۇپپىغا ئايرىغان،1-گۇرۇپپىدىكىچاشقانلارنىڭ يېمەكلىك مىقدارىنىقاتتىق كونترول قىلغان، 2-گۇرۇپپىدىكى چاشقانلارغا ئادەتتىكى نورمال چاشقان يېمەكلىكى بەرگەن(ھەم قۇرغاق، ھەم تۇزلۇق، تەمى ناچار يىرىك يېمەكلىك)، 3-گۇرۇپپىدىكى چاشقانلارغا يۇقىرى مايلىق چاشقان يېمەكلىكىنى بەرگەن، بۇ چاشقانلار12 ھەپتىدىلا سەمرىپ كەتكەن. قوش فوتونلۇق مىكروسكوپ ئارقىلىق كۆزەتكەندە كىچىك چاشقاننىڭ يېمەكلىك يېگەندىن كېيىنكى ھۈجەيرە پائالىيىتىدىن قارىغاندا، بىر كۈن ئاچ قالغان 1-گۇرۇپپىدىكى چاشقانلار بىلەنسېلىشتۇرغاندا، ئەمدىلا تويغان 2-گۇرۇپپا ۋە 3-گۇرۇپپىدىكى كىچىك چاشقانلارنىڭ تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە رايونىدىكى نېۋرون ئاكتىپلىقى چۈشۈپ كەتكەن، ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭە ھۈجەيرىسىنىڭ شېكەرگە بولغان ئىنكاسى كۆپ بولغاندا %80 چۈشۈپ، يېمەكلىكنى كونترول قىلشقا ئامالسىز قالغان.

تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىم تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېمەيدىغانچاشقانغاشېكەر سۈيى ئىچكۈزگەندە، چوڭ مېڭىسى ناھايىتى تېزلا «يېتەرلىك» دېگەن سىگنالنى بېرىدىكەن.بۇ خىل ھادىسىگە بېرىلىدىغان چۈشەندۈرۈش بولسا: تاتلىق يېمەكلىكلەر بىلەن يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەر چوڭ مېڭىنىڭ ئىشتىھا مەركىزى ئىقتىدارىنى ئۆزگەرتىپ، چوڭ مېڭىنىڭ يېمەكلىككە بولغان ئىنكاسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، بىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ يېيىشىمىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەزكۇر تەتقىقات نەتىجىسى «پەن-تېخنىكا» ژۇرنىلىغا بېسىلغان.