بۇلغانمىغان كۆپ مايلىق بېلىقلار 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

日期:2019年07月22日
来源:天山网
【字体:

شۋېتسىيە ئالىملىرىنىڭ يېقىندا تەتقىق قىلىپ ئىسپاتلىشىچە، بۇلغانمىغان نەرسىلەر بىلەنكۆپ ئوزۇقلانغان كۆپ مايلىق بېلىقلار 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتىدىكەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرىكىبەزى تەتقىقاتلاردا، كۆپ مايلىق بېلىقلارنى ئىستېمال قىلسا 2 تىپلىق دىيابېت كېسەللىكىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەمما شۋېتسىيە چالمېرس تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسىنىڭ تەتقىقات ئۆمىكى 2 تىپلىق دىيابېتكېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا يەتتە يىل بولغان 421 بىمار ۋە 421 ساغلام ئادەمنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلغان. ئىككى گۇرۇپپا تەجرىبىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، تەتقىقاتچىلار كۆپ مايلىق بېلىقلارنىڭ 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىگە بولغان تەسىرىدىكىپەرىقنىڭبۇ بېلىقلارنىڭ بۇلغىنىش دەرىجىسىدىن كەلگەنلىكىنى بايقىغان. ئۆلچەش جەريانىدا، تەتقىقاتچىلار ئۈچ خىل ئورگانىك بۇلغىغۇچى ماددا دىئوكسىن، DDT ۋە پولىخلوروبىفېنىلنى بايقىغان. ئۇلار ياغدا ئېرىگۈچى ماددىلارغا تەۋە بولۇپ، ئاساسلىقى بېلىق، گۆش تۈرلىرى ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق يۇقىرى مايلىق ھايۋانات يېمەكلىكلىرىدە مەۋجۇت ئىكەن.

تەتقىقاتچىلار مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇلغانمىغان كۆپ مايلىق بېلىقلارنىڭ قان شېكىرىنى تىزگىنلەش ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى، ئەمما بېلىقلارنىڭ ياشاش مۇھىتى بۇلغانسا، كىشىلەر ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، بۇنداق بېلىقلارنىڭدىيابېت كېسىلى پەيدا قىلىش خەۋىپىئۇنىڭ پايدىسىنى يوقىتىۋېتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، سېلدبېلىقى ۋە ياۋا سالمون بېلىقى قاتارلىق بېلىقلارنىڭ ماي تەركىبى ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ، بۇلغىمىلارنى تېخىمۇ ئاسان سۈمۈرىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر2 تىپلىق دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋىپىيۇقىرى بولغان كىشىلەرنىڭ بۇلغانمىغان رايونلاردا بېقىلغان مايلىق بېلىقلارنى تاللاپ ئىستېمال قىلىشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.