دىيابېت كېسىلىنىڭ ئاياللارغا بولغان زىيىنى تېخىمۇ چوڭ

日期:2019年06月14日
来源:天山网
【字体:

دىيابېت كېسىلى يۈرەك كېسىلىنىڭ بىر چوڭ خەۋپلىك ئامىلى، يېقىندا ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن ئاپپارات بىرلىشىپ تەتقىق قىلىپ، دىيابېت كېسىلىنىڭ ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىگە بولغان زىيىنىنىڭ ئەرلەرنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى، ئايال دىيابېت بىمارلىرىنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ ئەرلەرنىڭكىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە باراۋەر ئىكەنلىكىنى، قوزغىلىش ۋاقتىنىڭ ئەرلەرنىڭكىدىن بالدۇر بولۇپلا قالماي، تۇنجى قېتىم قوزغالغاندىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنىڭمۇ ئەرلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

ئامېرىكا كولورادو داشۆسى ۋە تېكساس داشۆسىنىڭ بىرلەشمە تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئاياللارنىڭ دىيابېت كېسەللىكىدىن تېخىمۇ «قورقۇش»ىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە ئىزدەندى. ئۇلار بۇ كېسەللىكنىڭ ئاياللارغا نىسبەتەن زىيىنىنىڭتۆۋەندىكى ئىككى جەھەتتەمەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بايقىدى. 1. فىزىئولوگىيىلىك پەرق. ئەر بىمارلار بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلغان نۇرغۇن ئايال ئەمەلىيەتتە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ بولغان ياكى ئۇلاردا قاندىكى ماي مىقدارى يۇقىرى بولۇش، يۇقىرى قان بېسىمى، قورساق قىسمى سېمىزلىك ۋە قان تومۇر ئىقتىدارى بىنورمال بولۇش قاتارلىق كۆپ خىل يۈرەك كېسىلى خەۋپ-خەتەر ئامىلى مەۋجۇت بولغان بولىدىكەن. تۇنجى قېتىم دىيابېت كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلغاندا، ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى ياغ كۆرسەتكۈچى ئادەتتە ئەرلەرنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدىكەن، پۈتۈن بەدەندىكى ياللۇغ كۆرسەتكۈچى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. 2. داۋالاشتىكى پەرق. تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دىيابېت كېسىلى دىياگنوزى قويۇلغاندىن كېيىنكى بىر يىلدا، ئايال بىمارلارنىڭ خولېستېرىننى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنى ئىستېمال قىلىش ئېھتىماللىقى ئەرلەرنىڭكىدىن %10 تۆۋەن بولىدىكەن، باشقا يۈرەك ئاسراش دورىلىرىنى ئىستېمال قىلىش ئېھتىماللىقىمۇ %7 تۆۋەن بولىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئايال بىمارلارنىڭ قان شېكىرى، قان بېسىمى، خولېستېرىن، تاماكا ۋە ھاراقنى تىزگىنلەش جەھەتتىكى ئومۇمىي ئۈنۈمى ئەرلەرنىڭكىدىن تۆۋەن بولىدىكەن.

تەتقىقاتچى، دوكتور رېگنستېنېر تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېدى: ئايال دىيابېت بىمارلىرى ئۆزلىرىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، قەرەللىك ھالدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى، داۋالاشقا ئاكتىپ ماسلىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئەر بىمارلار قارىغاندا تېخىمۇ ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىپ بېرىشى كېرەك.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى