ۋىتامىن C زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالالامدۇ؟

日期:2019年06月14日
来源:天山网
【字体:

ماتېرىيال سۈرەت

ۋىتامىن C يېگەندە زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولامدۇ؟ خارۋارد داشۆسىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بىر پارچە ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، مۇھىت شارائىتى قاتتىقراق جايلاردا ئېغىر ھەرىكەت قىلىدىغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ۋىتامىن C زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالالايدىكەن، لېكىن، ئادەتتىكى مۇھىت شارائىتىدىكىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۇنداق رولى بولمايدىكەن. ئەكسىچە ۋىتامىن Cنى زىيادە ئىستېمال قىلغاندا قورساق ئاغرىش، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى دېگەندەكلەرنى پەيدا قىلىدىكەن.

ئادەتتىكى ئادەملەر ۋىتامىن Cنى ئىستېمال قىلسا زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالالامدۇ؟

«ئېلىمىزنىڭ ۋىتامىن C تابلېتكىسىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشىدە زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ھېچقانداق ئۇچۇر يېزىلمىغان، ئادەتتىكى ئادەملەر ۋىتامىن C يېسە زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغانلىقى توغرىسىدىمۇ يېتەرلىك ئىسپات يوق.» چىڭخۇا داشۆ قارىمىقىدىكى ياڭ ليۇ دوختۇرخانىسىنىڭ كىلىنىكىلىق دورىگىرى لۇ خۇڭليۇ مۇنداق دېدى : ئامېرىكا يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىلگىرى «ھازىرغا قەدەر، ۋىتامىن Cنىڭ زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق كۈچلۈك دەلىل–ئىسپات يوق» دەپ كۆرسەتكەن.

2007-يىلى «ياۋروپا كىلىنىكىلىق ئوزۇقلۇق ئىلمى» دا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تەنھەرىكەتچىلەر (قار تېيىلىش تەنھەرىكەتچىلىرى، مەشىققە قاتناشقان ھەربىيلەر ۋە مارافونچە يۈگۈرۈش تەنھەرىكەتچىلىرى) ۋىتامىن C تولۇقلىسا زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىدىن خېلى يۇقىرى بولىدىكەن. ئادەتتىكى ئادەملەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ۋىتامىن Cنىڭ زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئاساسىي جەھەتتىن نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولىدىكەن. ئازادلىق ئارمىيە باش دوختۇرخانىسى 3-تېببىي مەركىزىنىڭ مۇدىرى، ئوزۇقلۇق دوختۇرى ليۇ چىڭچۈن مۇنداق دېدى: زۇكام دورىلىرى تەسىر مېخانىزمى بويىچە زىيادە سېزىمچانلىققا قارشى دورىلار، قىزىتما قايتۇرۇپ ئاغرىق توختىتىش دورىلىرى، بۇرۇن شىللىق پەردىسىگە قان تولۇشنى ئازايتىش دورىلىرى ۋە ۋىرۇسقا قارشى دورىلار دەپ تۆت خىلغا ئايرىلىدۇ. ۋىتامىن Cنىڭ ئىسسىقنى قايتۇرۇپ ئاغرىق توختىتىش، بۇرۇن شىللىق پەردىسىگە قان تولۇشنى ئازايتىش ۋە ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش رولى يوق، شۇڭا، ئۇنىڭ زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش–ئالماسلىقىنى ئىلگىرىلەپ ئىسپاتلاشقا توغرا كېلىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

ۋىتامىن Cنى زىيادە ئىستېمال قىلغاندا قانداق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ؟

لۇ خۇڭليۇ ساغلاملىق ۋاقىت گېزىتى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: «قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ كۈندىلىك ۋىتامىن C قوبۇل قىلىش مىقدارى 90-75 مىللىگىرام .» تەجرىبىلەردە ئىسپاتلىنىشىچە، كۈندىلىك قوبۇل قىلغان ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارى 400 مىللىگىرامدىن ئېشىپ كەتسە، ۋىتامىن C سۈيدۈك ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىدۇ، ئەمما، كىسلاتالىق سۈيدۈك بولسا يۇقىرى سۈيدۈك كىسلاتاسى بىمارلىرىنىڭ بەدىنىدىكى سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ چقىرىۋېتىلىشىگە پايدىسىز، شۇ سەۋەبلىك يەللىك بوغۇم ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋپى يۇقىرى بولىدۇ. كۈندىلىك ۋىتامىن C قوبۇل قىلىش مىقدارى 2000 مىللىگىرامدىن ئارتىپ كەتكەندە كۆڭلى ئېلىشىش، قورساق ئاغرىش، ئىچ سۈرۈشنى پەيدا قىلىدۇ، قان شېكىرىنى تەكشۈرۈشكىمۇ دەخلى قىلىشى مۇمكىن.

ۋىتامىن C تولۇقلاش زۆرۈر بولسىمۇ، لېكىن، زىيادە تولۇقلاشقا بولمايدۇ. ۋىتامىن Cنى زىيادە تولۇقلىغاندا سۈيدۈك نەيچىسىگە ياكى بۆرەككە تاش چۈشۈشنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ليۇ چىڭچۈن تولۇقلاپ مۇنداق دېدى: ۋىتامىن Cنى زىيادە قوبۇل قىلغاندا ھەزىم قىلىش يولىنى غىدىقلاپ ئىچ سۈرۈش، ئاشقازان كىسلاتاسى ئارتىپ كېتىش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

ماتېرىيال سۈرەت

قانداق قىلغاندا ۋىتامىن Cنى توغرا ئىستېمال قىلغىلى بولىدۇ؟

ليۇ چىڭچۈن ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: تۇرمۇشىمىزدا نۇرغۇن كىشىلەر كۆپ مىقداردىكى ۋىتامىن C تابلىتكىسىدىن ئىبارەت ساغلاملىق مەھسۇلاتىنى ئۇزۇن مەزگىل ئىستېمال قىلسا زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ، لېكىن بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشقا بولمايدۇ.

ۋىتامىن C ھەر خىل يېڭى كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋىلەرنىڭ تەركىبىدە ئىنتايىن مول. لۇ خۇڭليۇ مۇنداق دېدى: نورمال ئادەملەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۈندىلىك يېمەك-ئىچمىكى مۇۋاپىق بولسا، ۋىتامىن Cنى ئارتۇقچە تولۇقلاش ھاجەتسىز. ۋىتامىن Cنى ئالدى بىلەن يېمەكلىكلەردىن قوبۇل قىلىش كېرەك، كۆكتاتلاردىن شىلەنخۇا، كۆك لازا، بەسەي، مېۋىلەردىن دولانە، چىلان، جىغان قاتارلىقلاردا ۋىتامىن C ئەڭ كۆپ. ليۇ چىڭچۈن تولۇقلاپ مۇنداق دېدى: ۋىتامىن C دورىسىغا قارىغاندا يېمەكلىكلەردىن قوبۇل قىلىنغان ۋىتامىن C كۆپ ياخشى، كۆكتات ۋە مېۋە چىۋىلەردە ۋىتامىن C مول بولۇپلا قالماستىن، بەلكى باشقا ئوزۇقلۇقلارمۇ ئىنتايىن مول، ئەگەر ئالاھىدە سەۋەب تۈپەيلى ئۇنى يېمەكلىكلەردىن قوبۇل قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولمىسا، ئۇنداقتا دورىلاردىن قوبۇل قىلسا بولىدۇ.