ياشانغانلارغا نىسبەتەن غەزەپلىنىش قايغۇرۇشتىنمۇ زىيانلىق

日期:2019年06月06日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

زىيادە قايغۇرۇش ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق. يېقىندا، ئامېرىكىدا چىقىدىغان «پىسخولوگىيە ۋە قېرىش» ژۇرنىلىغا بېسىلغان بىر تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ياشانغانلارغا نىسبەتەن غەزەپلىنىشنىڭ زىيىنى قايغۇرۇشنىڭكىدىنمۇ زور بولىدىكەن.

ئامېرىكا كونكوردىيا داشۆسىدىكى دوكتور بارلوۋ ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى كانادانىڭ مونترېئال شەھىرىدىكى 93 ~ 59 ياشلىق 226 ياشانغان كىشىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى توپلاپ تەھلىل قىلغان. تەجرىبىگە قاتناشقان ياشانغانلار غەزەپلىنىش ياكى قايغۇرۇشقا ئائىت تەكشۈرۈش قەغىزىنى تولدۇرغان، تەتقىقاتچىلار ئۇلارنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ، ياللۇغلىنىش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق تەكشۈرگەن ھەمدە مۇناسىۋەتلىك سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى ئېنىقلىغان. نەتىجىدە، 80 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، غەزەپلىنىشنىڭ بەدەندىكى ياللۇغلىنىش دەرىجىسى ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك ئەھۋالى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى بايقالغان. بارلوۋ مۇنداق بىلدۈردى: ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، كۆپلىگەن ياشانغانلار جورىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ، بەدىنىنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، بۇ سەۋەبلەر ئۇلارنى ئاسان غەزەپلىنىدىغان قىلىپ قويۇشى مۇمكىن. غەزەپلىنىش قايغۇرۇشقا قارىغاندا ياشانغانلارنىڭ پىسخىكىلىق ساغلاملىقىغا تېخىمۇ زىيانلىق بولۇپ، ئۇ ياللۇغنى كۈچەيتىۋېتىدۇ، يۇقۇملىنىش ۋە توقۇلمىلار زەخمىلىنىش، ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلاپ كېتىش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئۇزاق مۇددەتلىك ياللۇغلىنىش يەنە يۈرەك كېسىلى، بوغۇم ياللۇغى ۋە راك كېسىلى قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى زورايتىۋېتىدۇ.

شۇڭا، ياشانغانلار كەيپىياتىنى تەڭشەشكە دىققەت قىلىشى، بىرەر ئىشقا يولۇققاندا ئاچچىقلانماسلىقى، مەسىلىلەرنى ئالدىرىماي ھەل قىلىشى، ئادەتتە ئىمكانقەدەر گۈل بېقىپ، سەيلە قىلىپ، كۆڭلىنى ئازادە تۇتۇشى كېرەك. ئائىلىدىكىلەرمۇ ياشانغانلارغا كۆپرەك ھەمراھ بولۇپ، ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنى ۋاقتىدا يېتەكلىشى كېرەك.