ھەر كۈنى ئازراق قاتتىق پوستلۇق مېۋە يېسە بىلىش ئىقتىدارىنى %60 ئۆستۈرىدۇ

日期:2019年05月23日
来源:天山网
【字体:

«ئوزۇقلۇق ساغلاملىقى ۋە قېرىش» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئاۋسترالىيە جەنۇبىي ئاۋسترالىيە داشۆسىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا ئېيتىلىشىچە، ھەر كۈنى 10 گىرام قاتتىق پوستلۇق مېۋە تولۇقلاش چوڭ مېڭىنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنى %60 ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەن.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تەتقىقاتنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 4822 نەپەر 55 ياشتىن ئاشقان ئاسىيالىقنىڭ ھەر كۈنى ئىستېمال قىلىدىغان قاتتىق پوستلۇق مېۋىسىنىڭ مىقدارىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەر كۈنى 10 گىرامدىن ئارتۇق قاتتىق پوستلۇق مېۋە يەيدىغانلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ۋە ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ھەر كۈنى ئىككى قوشۇق قاتتىق پوستلۇق مېۋە يەيدىغانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ بىلىش ئىقتىدارى قاتتىق پوستلۇق مېۋە يېمەيدىغانلارغا قارىغاندا %60 ياخشىلانغانلىقىنى بايقىغان.

بۇ تۈرنىڭ مەسئۇلى دوكتور لى مىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە،قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر تەركىبىدە ماي، ئاقسىل ۋە يېمەكلىك تالاسى مول بولۇپ، خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدىكەن، ھەر كۈنى قاتتىق پوستلۇق مېۋە تولۇقلاش ياشانغانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنى ياخشىلاشقاياردەم بېرىدىكەن.