بىر ئائىلىدىكى ئۈچەيلەن قالقانسىمان بەز راكىغا گىرىپتار بولۇپ قالدى، بۇ ئالتە سىگنال كۆرۈلگەندە بىپەرۋالىق قىلماڭ

日期:2024年03月14日
来源:天山网
【字体:

تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا جياڭسۇلۇق 42 ياشلىق ياڭ خانىم دائىم يۆتىلىش، گېلىغا بىر نەرسە تۇرۇپ قالغاندەك ھېس قىلىش سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەندە، قالقانسىمان بەز راكى، دەپ دىياگنوز قويۇلغان.

دوختۇرنىڭ تەكلىپى بىلەن، دوختۇرخانىدا ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان ئاپىسى بىلەن ئىنىسىمۇ تەكشۈرتۈپ، قالقانسىمان بەز راكى، دەپ دىياگنوز قويۇلغان.

بىر ئائىلىدىكى ئۈچەيلەن قالقانسىمان بەز راكىغا گىرىپتار بولۇپ قالدى

قالقانسىمان بەز چوڭ بولمىسىمۇ، ئەممابېسىمى ئاز ئەمەس، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كېسەل بولۇش نىسبىتى بىراقلا ئاشتى.دۆلىتىمىزدە قالقانسىمان بەز راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بارلىق يامان سۈپەتلىك ئۆسمىلەر ئىچىدە 6 - ئورۇندا تۇرىدۇ، ئاياللارنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتى ئەرلەرنىڭكىدىن 4 ~ 3 ھەسسە يۇقىرى.

قالقانسىمان بەز راكى ئاسانلا «توپلىشىۋالىدۇ»

ئىرسىيەت، يود كەمچىل بولۇش ياكىئېشىپ كېتىش، ناچار تۇرمۇش مۇھىتى، سېمىزلىك، ناچار تۇرمۇش ئۇسۇلى قاتارلىق ئامىللارنىڭ ھەممىسى قالقانسىمان بەزنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. نىسبەتەن ئېيتقاندا، قالقانسىمان بەز راكى تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل كىشىلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ:

1. جەمەتىدە قالقانسىمان بەز راكى بارلار؛

2. يودنى زىيادە كۆپ ياكى زىيادە ئاز ئىستېمال قىلىدىغان كىشىلەر، بۇ ئائىلىدىكى يېمەك - ئىچمەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بۇ خىل كىشىلەر مېڭە ئاستى بېزى قالقانسىمان بەزنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ھورموننى زىيادە كۆپ ئاجرىتىپ چىقىرىپ، قالقانسىمان بەز ئىششىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاسانلا بۇ كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛

3. ئاياللار توپىنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتى ئەرلەرنىڭكىنىڭ 4 ~ 3 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ؛

4. دائىم ئىيونلۇق رادىياتسىيەنى قوبۇل قىلىدىغان كىشىلەر ياكى بالىلىق مەزگىلىدە باش - بويۇن قىسمىنى رادىيوئاكتىپ نۇر بىلەن يورۇتۇش تارىخى ياكى رادىيوپئاكتىپلىق ئۇچرىشىش تارىخى بارلار.

سىچۇەن ئۆلكىلىك ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى باش - بويۇن تاشقى كېسەللىكلەر مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى چاۋ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بويۇن قىسمى رەڭلىك ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق ئادەتتىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىكى تاسقاپتەكشۈرۈش تۈرى ئەمەس ئىدى، ھازىر ئومۇملاشتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە رەڭلىك ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى ۋە سەزگۈرلۈكى ئىلگىرىكىدىن خېلىلا يۇقىرى بولۇپ، تاسقاپ ئايرىپ چىقىلغان كېسەللىك مىسالى كۆپەيدى. بىراق، يەنە بەزى تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، بىر سانتىمېتىردىن تۆۋەن بولغان مىكرو راكنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ئۆرلەپلا قالماستىن، تۆت سانتىمېتىردىن يۇقىرى بولغان كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىمۇ ئۆرلەيدىكەن.

شۇڭا، ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا بالدۇر بايقاش قالقانسىمان بەز راكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ناچار تۇرمۇش ئۇسۇلى، سېمىزلىك نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى قاتارلىقلارمۇ مۇھىم سەۋەب ھېسابلىنىدۇ.

قالقانسىمان بەز راكى بەرگەن ئالتە سىگنال

تۆۋەندىكى سىگناللار قالقانسىمان بەز راكىنىڭ سىگنالى بولۇشى مۇمكىن، خەتەرلىك كىشىلەر توپى ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك:

1. بويۇن قىسمىدىكى مونەك

قالقانسىمان بەز راكىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە روشەن ئىپادىسى بولمايدۇ، ئادەتتە بويۇن قىسمىدىكى مونەك ياكى تۈگۈنچىدىنداۋالىنىدۇ، مونەك ئادەتتە ئاغرىمايدۇ.

2. ئاۋازى پۈتۈپ قېلىش

قالقانسىمان بەز راكىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئاۋازى بوغۇلۇش، بويۇن ۋە كېكىردەك ئاغرىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

3.لىمفا تۈگۈنى ئىششىش

قالقانسىمان بەز راكى ئۆسمىسى چوڭايغاندا، بويۇننىڭ يان تەرىپىدىكى لىمفا تۈگۈنلىرى ئىششىيدۇ، يەنە چىرايى قىزىرىش، يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلىشىش قاتارلىقلار قوشۇلۇپ كېلىشى مۇمكىن.

4.نەپەس قىيىنلىشىش، ھەتتا قان تۈكۈرۈش

قالقانسىمان بەز كانايغا يېقىن بولغاچقا، ئەگەر قالقانسىمان بەز راكى بۇ ئورۇنغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرسە، نەپەس قىيىنلىشىش، قان تۈكۈرۈش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5.يۇتۇش قىيىنلىشىش

يوغىناپ كەتكەن ئۆسمە قىزىلئۆڭگەچنى بېسىۋالسا، يۇتۇش قىيىنلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. يۇتۇش قىيىن بولغانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى قاتتىق يېمەكلىكلەر، مەسىلەن، بولكا، گۆش قاتارلىقلار بولۇپ، ئادەتتە سۇيۇقلۇق تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ.

6.جاھىل ئىچ سۈرۈش

قالقانسىمان بەز يىلىكسىمان راكى بىمارلىرىدا ئاستا خاراكتېرلىك ئىچ سۈرۈش كۆرۈلىدۇ، كېسەللىك جەريانى نەچچە ئاي ياكى نەچچە يىلغا سوزۇلىدۇ، ھەر كۈنلۈك تەرەت قېتىم سانىمۇ كۆپىيىدۇ.

قالقانسىمان بەز راكى يۆتكەلگەندە، يەنە باش ئاغرىش، كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەش، يۆتىلىش، كۆكرەك ئاغرىش، قورساق ئاغرىش، سېرىقلىق چۈشۈش، سۆڭەك ئاغرىش قاتارلىق بىر قاتار باشقا سىستېمىلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

قالقانسىمان بەز تۈگۈنچىسى پەيدا بولغان بىمارلاردىن قانچىلىكى قالقانسىمان بەز راكىغا گىرىپتار بولغان؟

نۆۋەتتە، قالقانسىمان بەز تۈگۈنچىسى پەيدا بولغان كىشىلەر توپى ئىنتايىن ئومۇميۈزلۈك بولۇپ، تەخمىنەن %70ى 60 ياشتىن ئاشقانكىشىلەر توپىنىقاپلىغان، لېكىن كۆپ قىسمىنى داۋالاش ھاجەتسىز.

بېيجىڭ داشۆشوۋگاڭ دوختۇرخانىسى ئاشقازان - ئۈچەي تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى گاۋ چىڭكۇن مۇنداق دېدى: كېسەللىك ئالامىتى يوق كىشىلەر توپى ئىچىدە، تەخمىنەن %67 ~ %19ىدە قالقانسىمان بەز تۈگۈنچىسى پەيدا بولغان، يامان سۈپەتلىك تۈگۈنچىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %10كىمۇ يەتمەيدۇ. نۆۋەتتە، قالقانسىمان بەز راكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى تېز سۈرئەتتە ئۆرلەۋاتىدۇ، لېكىن ئۆلۈش نىسبىتى ئىزچىل بىر قەدەر مۇقىم.

يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى قالقانسىمان بەز ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى قالقانسىمان بەز تۈگۈنچىسىگە دىياگنوز قويۇشتىكى ئالدىن تاللىنىدىغان ئۇسۇل بولۇپ، ئۇنىڭ سەزگۈرلۈكى يۇقىرى، كىچىكى 2 مىللىمېتىردىن كىچىك بولغان تۈگۈنچىلەرنىمۇ ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ، يەنە ياخشى - يامان سۈپەتلىكىنى پەرقلەندۈرۈشكە ياردىمى بولىدۇ.

CTدا تەسۋىر چۈشۈرۈشنىڭ دىياگنوز قويۇشتا ئەھمىيىتى چوڭ ئەمەس، لېكىن ئۆسۈشى تېز بولغان قالقانسىمان بەز راكىنىڭ باشقا ئەزالارغا ھۇجۇم قىلىش ئەھۋالىنى باھالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

يادروسى شۇ يەردىكى، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى ياخشى قوغداش

قالقانسىمان بەز كونتىروللۇقىنى يوقىتىشنىڭ «باش جىنايەتچىسى» پەقەت قالقانسىمان بەزنىڭ ئۆزىلا ئەمەس، ئالدىنى ئېلىش بىر قەدەر قىيىن، ئۇنىڭ يادروسى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى ياخشى قوغداشتا.

1. زىيادە چارچاشتىن ساقلىنىش

خامۇشلۇق، تەشۋىشلىنىش قاتارلىق سەلبىي كەيپىيات، زىيادە چارچاش، روھىي بېسىم ئېغىر بولۇش قالقانسىمان بەزگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، ئەمما نېرۋا، ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۆز ئانتىگېنىنىڭ «ماسلىشىشچانلىقى»نى بۇزۇپ، قالقانسىمان بەزنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تۇرمۇشتا ئەمگەك قىلىش بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈشكە دىققەت قىلىش، يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش، كەيپىياتنى تەڭشەشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك.

2.مۇۋاپىق مىقداردا يودلۇق تۇز قوبۇل قىلىش

ئالاھىدە تەلەپ قويۇلىدىغان كىشىلەردىن باشقا، نورمال كىشىلەر ئەڭ ياخشىسى يودلۇق تۇز ئىستېمال قىلىشى، ھەر بىر ئادەمنىڭ كۈندىلىك تۇز ئىستېمال مىقدارى بەش گرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

3. دائىم ئەينەككە قاراپ ئۆز - ئۆزىنى تەكشۈرۈش

ھەر بىر مەزگىلدە ئەينەككە قاراپ ئۆزىنى تەكشۈرسە، قالقانسىمان بەزنىڭ نورمالسىزلىقىنى بالدۇر بايقاشقا ياردىمى بولىدۇ. كونكرېت ئۇسۇلى مۇنداق: ئەينەككە قاراپ، باشنى سەل ئارقىغا قىلىپ، بويۇن قىسمىنى ئوچۇق قويۇش كېرەك ____

بىرىنچى، بويۇننىڭ ئىككى تەرىپىنىڭ سىممېترىك ياكى سىممېترىك ئەمەسلىكىگە، ئىششىغان ياكى ئىششىمىغانلىقىغا قاراش؛

ئىككىنچى، شۆلگەي يۇتۇش، يۇتۇش ھەرىكىتىگە ئەگىشىپ يۇقىرى - تۆۋەن ھەرىكەت قىلىدىغان قالقانسىمان بەزنى تېپىش؛

ئۈچىنچى، قالقانسىمان بەزدە يۇمشاق كىچىك تومپىيىپ چىققان، كىچىك مونەك ياكى قاتتىق كىچىك تۈگۈنچىلەرنىڭ بار - يوقلۇقىنى سىلاپ بېقىش كېرەك.ئەگەر مەسىلە بايقالسا، بالدۇرراق دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈش كېرەك.

4. قالقانسىمان بەز ئىقتىدارىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇش

نۇرغۇن قالقانسىمان بەز كېسەللىكلىرىنىڭ ئالامەتلىرى ئالاھىدە بولمايدۇ، بىمارلار نۇرغۇن بۆلۈملەرنى ئايلىنىپ ئاندىن ئېنىق دىياگنوز قويدۇرالىشى مۇمكىن، شۇڭا قەرەللىك تەكشۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم.

35 ياشتىن كېيىن، بولۇپمۇ ئاياللار ئەڭ ياخشىسى ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم قالقانسىمان بەز ئىقتىدارىنى تەكشۈرتۈشى ۋە قالقانسىمان بەزنى رەڭلىك ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق تەكشۈرتۈشى؛ ھامىلىدار ئاياللار چوقۇم قالقانسىمان بەز ئىقتىدارىنى تەكشۈرتۈشى كېرەك؛ ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى، ئاياللارنىڭ قالقانسىمان بەزنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ھورمون (TSH) قاتارلىق ئالاقىدار كۆرسەتكۈچلەرنى تاللاپ تەكشۈرتۈشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

5. ئىيونلىنىش رادىياتسىيەسىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش

تۇرمۇشتا ئېغىر مېتال، ئىيونلىشىش رادىياتسىيەسى، دېھقانچىلىق دورىسى قاتارلىق مۇھىت «زەھەر»لىرىدىن ئىمكانقەدەر يىراق تۇرۇش؛ ئانىلىق ھورموننى قالايمىقان ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش، تەركىبىدە ئانىلىق ھورمون بولغان گىرىم بۇيۇملىرى، ساغلاملىق بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشتىن ھوشيار بولۇش؛ ئاكتىپلىق بىلەن بەدەن چېنىقتۇرۇپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.