قىزىل كۆپ يۈزبېرىدىغان پەسىل، قىزىلنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ

日期:2024年03月13日
来源:天山网
【字体:

ئەتىيازلىق ئوقۇش باشلاش پەسلى جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسىلى قىزىل كۆپ يۈزبېرىدىغان پەسىل، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىگە كۆڭۈل بۆلگەندىن باشقا، ئاتا-ئانىلار ۋە مەكتەپلەر يەنە جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسىلى قىزىلنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. ئەتىياز پەسلىدە تېمپېراتۇرىنىڭ داۋالغۇشى بىر قەدەر زور بولىدۇ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ، شۇڭا ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملىتىپ، ئۆزىنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك.

قىزىل ۋىرۇسى

قىزىل ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش يوللىرى كەڭ بولۇپ، ئاساسلىقى نەپەس يولى تۈكۈرۈك چاچراندىلىرى ئارقىلىق تارقىلىدۇ، يۇقۇملانغان ئاجرالمىلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىش ئارقىلىقمۇ تارقىلىدۇ. بۇ ۋىرۇس بىر قەدەر كۈچلۈك يۇقۇمچانلىققا ئىگە بولۇپ، كىشىلەر توپى ئومۇميۈزلۈك ئاسانلا يۇقۇملىنىدۇ. قىزىل چىقىپ باقمىغان ھەمدە تەركىبىدە قىزىل تۈرى بار ۋاكسىنىنى ئەملەتمىگەنلەرنىڭ ھەممىسى يۇقۇملىنىشى مۇمكىن. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئاسان يۇقۇملانغۇچىلار ئاغرىقلار بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن %90تىن كۆپرەكى بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتە ئايلىقتىن بەش ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئومۇمىي ئادەم سانىنىڭ %90ىنى ئىگىلەيدىكەن.

ۋاكسىنا ئەملىتىش

ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملىتىش قىزىلنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ مۇھىم تەدبىرلەرنىڭ بىرى: سەككىز ئايلىق بولغان بوۋاقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بوۋاقلارنى ئانا تېنىدىكى ئانتىتېلا قوغدايدۇ، دۆلەت ئىممۇنىتېتلاش يىرىك پىلانى ۋاكسىنىسى ئىككى قېتىم قوۋۇز ياللۇغى ۋاكسىنىسى (سەككىز ئايلىق، 18 ئايلىق بولغاندا بىر قېتىم)نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بالىلارغا ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملىتىپ، ئىممۇنىتېت توسۇقىنى بالدۇرراق بەرپا قىلغاندا، ۋاكسىنىغا ئالاقىدار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى كېسەللىك ئالامەتلىرىنى يېنىكلىتىشكە بولىدۇ، ئاتا-ئانىلار بالىلارنى يەسلىگە، مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن دۆلەت ئىممۇنىتېتلاش يىرىك پىلانى تۈرىدىكى ۋاكسىنىنى ئەملىتىشنى تاماملىغان-تاماملىمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشى كېرەك؛ ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتكەندە، قوۋۇز ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئەملەتكەن تەقدىردىمۇ، تەلەپ بويىچە بىرتۇتاش ئەملىتىشكە پائال ماسلىشىشى كېرەك. ۋاكسىنا ئەملىتىش يېشىغا توشمىغان ياكى بەزى چەكلىمە تۇتىدىغان كىشىلەر توپىغا قارىتا، كۈندىلىك تۇرمۇشتا چوقۇم شەخسىي قوغدىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

تۆۋەندىكى مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

01

01 قولنى پات-پات يۇيۇپ تۇرۇش، تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش

قاينىمىغان سۇنى ئىچمەسلىك، پاكىز بولمىغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، ئىستاكان، قاچا-قۇچا، لۆڭگە قاتارلىق نەرسىلەرنى باشقىلار بىلەن ئورتاق ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش؛ ئاممىۋى بۇيۇملار بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، سوپۇن، قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ھەم ئېقىۋاتقان سۇ بىلەن قولنى يۇيۇۋېتىش، چۈشكۈرگەندە ياكى يۆتەلگەندە ئېغىز-بۇرۇننى توسۇۋېلىش ھەمدە ئېغىز-بۇرۇندىن چىققان ئاجرالمىلارنى مۇۋاپىق تازىلاش كېرەك.

02دائىم ھاۋا ئالماشتۇرۇش، ماسكا تاقاش

ياتاق ئۆي، كېسەلخانىلارنىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، ئاسان يۇقۇملىنىدىغانلار كېسەل تارقىلىدىغان مەزگىلدە ئىمكانقەدەر سىرتقا چىقماسلىقى، ئادەم زىچ توپلاشقان ئاممىۋى سورۇنلارغا بېرىشتىن ساقلىنىشى، ئادەم زىچ توپلاشقان سورۇنلاردا ماسكا تاقىۋېلىشى، ئەگەر قىزىش، قىزىل رەڭلىك ئەسۋە چىقىش، يۆتىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ماسكا تاقاپ دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىپ، ئەگەشمە كېسەللىكلەردىن ساقلىنىش زۆرۈر.

03كۆپ ھەرىكەت قىلىش، بەدەن ساپاسىنى ئاشۇرۇش

ياخشى بولغان مەشغۇلات ۋاقتىنى ساقلاپ، يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش. سەيلە قىلىش، يۈگۈرۈش، سۇ ئۈزۈش قاتارلىق دالا ھەرىكەتلىرىنى كۆپرەك ئېلىپ بېرىپ، بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشى زۆرۈر.

مەكتەپ، بالىلارغا ھاۋالىلىك قاراش ئاپپاراتلىرى تۆۋەندىكىلەرنى قىلىشى كېرەك

01ۋاكسىنا ئەملىتىش كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈش

مەكتەپ، بالىلارغا ھاۋالىلىك قاراش ئاپپاراتلىرىئوقۇش باشلىغاندا ۋاكسىنا ئەملىتىش كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قوۋۇز ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى بەلگىلەنگەن قېتىم بويىچە تاماملىمىغان بالىلارنى بايقىغاندا، ئاتا-ئانىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، بالىلارغا مۇناسىپ قېتىم بويىچە ۋاكسىنا ئەملىتىشى زۆرۈر.

02دېزىنفېكسىيەلەشنى ياخشى ئىشلەش

سىنىپ، ئىشخانا، ياتاق قاتارلىق سورۇنلارنىڭ دېرىزىلىرىنى ھەر كۈنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش، ئۆي ئىچى ھاۋاسىنىڭ ساپلىقىنى ساقلاش، ئوقۇغۇچىلار ياتىقى، سىنىپ، ئاشخانىلارنى قەرەللىك دېزىنفېكسىيە قىلىشى زۆرۈر.

03 ساغلاملىق ساۋاتلىرىنى تەشۋىق قىلىش

مەكتەپ، ھاۋالىلىك بېقىش ئاپپاراتلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاتا-ئانىلارغا بالىلاردا گۇمانىي قىزىل ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈشىنى، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغاندىن كېيىن دىياگنوز نەتىجىسىنى بىرىنچى ۋاقىتتا ئوقۇتقۇچىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشىنى، ۋىرۇسنىڭ يامراپ كېتىپ، باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، يوشۇرماسلىقىنى، يالغان مەلۇم قىلماسلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى زۆرۈر.

04 ئەتىگەنلىك ۋە چۈشلۈك تەكشۈرۈشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش

مەكتەپنىڭ ئەتىگەنلىك ۋە چۈشلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش، مەكتەپ ئەگەر گۇمانىي ياكى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئوقۇغۇچىلارنى بايقىسا، ئاتا-ئانىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئائىلىلەردە ئايرىلىپ تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى ھەمدە ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى، سەھىيە تارماقلىرىغا پائال ماسلىشىپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى زۆرۈر.

05 توپلىشىشنى ئازايتىش

ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېسەللىك تارقالغان مەزگىلدەئۆي ئىچىدە كوللېكتىپ پائالىيەت قىلىشىنى ئازايتىش، ئاشخانىدا تاماق يېگەندە يىغىلىپ قېلىشىنى ئازايتىش، ئۆي ئارىلاپ يۈرۈشىنى، سىنىپ ئارىلاپ يۈرۈشىنى ئازايتىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.

مەنبەسى:ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى