سېتىۋالغان يېمەكلىك سۈپىتى ئۆزگەرگەن، ۋاقتى ئۆتەي دەپ قالغان بولۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟ قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش نەق مەيدانىدا خەلق ساقچىلىرى سىزگە قانداق قىلىشنى ئۆگىتىپ قويىدۇ

日期:2024年03月13日
来源:天山网
【字体:

خەلق ساقچىلىرى نەق مەيداندا ئاممىغا قانۇن بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلماقتا. سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى ئورۇن تەمىنلىگەن

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ لېي، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ ياڭ)«كۆپچىلىك سېتىۋالغان يېمەكلىكىڭلارنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كەتكەن بولسا، قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلەمسىلەر؟ ۋاقتى ئۆتەي دەپ قالغان ماللارنى سېتىش توغرىسىدا قانداق بەلگىلىمىلەر بار؟...» 3- ئاينىڭ 10- كۈنى، جىڭ ناھىيەسى ماندان يېزىسىدىكى بازاردا، جىڭ ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى يېمەكلىك، دورا، مۇھىت چوڭ ئەترىتىدىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ سوئاللىرى بازارغا كەلگەن ئاممىنى جەلپ قىلدى، كۆپچىلىك بەس- بەستە بۇ سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

 «مەن بىلىمەن، بۇنداق ئەھۋالدا سودىگەردىن تۆلەم تەلەپ قىلساق بولىدۇ»، دېدى بىر ئامما يۇقىرى ئاۋازدا. «توغرا ئېيتتىڭىز، بىراق كۆپچىلىك بۇنىڭ قانۇنىي ئاساسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟» خەلق ساقچىسىنىڭ ئارقىدىن سورىغان سوئالىغا ئولىشىۋالغان ئامما بەس- بەستە باش چايقاشتى.

 بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، خەلق ساقچىسى دېلو ئارقىلىق قانۇن سۆزلەپ مۇنداق دېدى: ئىستېمالچى لى ئەپەندى مېۋە دۇكىنىدىن بىر يەشىك مېۋە سېتىۋالدى، يېمەكچى بولۇپ ئالمىنى كەسكەندە بۇزۇلغانلىقىنى بايقىسا، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى بويىچە سودىگەردىن تۆلەم تەلەپ قىلسا بولىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى»نىڭ 2- ماددىسى ھەم 150- ماددىسىدىكى «يېمەكلىك»كە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مېۋە ئالدىن مىقدارلىق ئوراپ قاچىلانغان يېمەكلىكلەرگە ئوخشىمايدىغان بولغاچقا، يېڭى يېمەكلىك ھېسابلىنىدىغان بولغاچقا، ساقلاش، پىششىقلاش، ئوراپ قاچىلاش ۋە توشۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالاھىدە شارائىت تەلەپ قىلىدۇ، بولۇپمۇ توشۇش جەريانىدا زىيانغا ئۇچراش، سۈپىتى ئۆزگىرىش قاتارلىق ئەھۋاللاردا، ئاسانلا ئىستېمال ماجىراسى پەيدا قىلىدۇ. سۈپىتى ئۆزگەرگەنلىكىنى بايقىسا ئىستېمالچى مالنى قايتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلسا بولىدۇ، لېكىن سودىگەرنىڭ ئون ھەسسە تۆلەم بېرىش ئاساسى يوق.

 خەلق ساقچىسىنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلاپ، ئامما بەس- بەستە باشلىرىنى لىڭشىتتى. بىر ئىستېمالچى مۇنداق سورىدى: «مەن ئىلگىرى بىر دۇكاندىن كونسېرۋا سېتىۋالغان ئىدىم، ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن يەنە يېرىم ئايدىلا ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىدىم، بۇنىڭ ئۈچۈن سودىگەرنى ئىزدىسەم بولامدۇ؟» خەلق ساقچىسى مۇنداق جاۋاب بەردى: «بۇنىڭدا سودىگەرنىڭ سىز سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن بۇنى ئەسكەرتكەن- ئەسكەرتمىگەنلىكىگە قاراش كېرەك، <يېمەكلىك بىخەتەرلىكى دۆلەت ئۆلچىمىدىكى ئالدىن مىقدارلىق ئوراپ قاچىلانغان يېمەكلىكلەر بەلگىسى ئومۇمىي قائىدىسى>دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، سۈپەت كاپالەت مۇددىتى ئالدىن مىقدارلىق ئوراپ قاچىلانغان يېمەكلىكلەر بەلگىسى كۆرسەتمىسىدىكى ساقلاش شەرتى ئاستىدا، سۈپىتىنى ساقلاش مۇددىتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مۇددەت ئىچىدە، مەھسۇلاتنى سېتىشقا ماس كېلىدۇ. شۇڭا، سۈپەت كاپالەت مۇددىتى يېقىنلىشىپ قالغان يېمەكلىكلەرگە قارىتا، سودىگەرلەرنىڭ ۋاقتى ئۆتەي دەپ قالغان يېمەكلىكلەرنى مەخسۇس سېتىش پوكىيى تەسىس قىلىشىنى ھەم ئىستېمالچىلارنىڭ تېزدىن ئىستېمال قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز.»