بەش ھەرىكەت ئارقىلىق «چاغاندا كۆپەيگەن ئارتۇق گۆش»لەرنى تاشلاڭ

日期:2024年02月29日
来源:天山网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چاغانلىق دەم ئېلىش ئاخىرلاشتى، نۇرغۇن كۈن ئۇدا يەپ-ئىچىش، دەم ئېلىش تەرتىپسىز بولۇش، ھەرىكەت مىقدارى ئاز بولۇش قوشۇلۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر «ھەر قېتىملىق بايرامدا ئۈچ جىڭ سەمىرىپ كېتىش» باش ئاغرىقىغا دۇچ كەلدى.

جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش باش دوختۇرخانىسى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېببىي بۆلۈمىنىڭ داۋالىغۇچىسى لى چيەنيىڭ خەلق تورى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاغان مەزگىلىدە، كۆپچىلىك سۈمۈرگەن يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك، يۇقىرى مايلىق، يۇقىرى قەنتلىك يېمەكلىكلەر ئادەتتىكىدىن كۆپ بولۇپ، ئاسانلا سېمىزلىك، قان شېكىرى ئۆرلەش، قاندىكى ماي داۋالغۇشى قاتارلىق خەۋپ-خەتەرلەر كۆپىيىدۇ. يېمەك-ئىچمەكتە سۇيۇق-سەلەڭ يېمەكلىكلەرنى تاللاپ، قارا ئاشلىق بىلەن قوشۇپ يېيىش، ھەر ۋاقلىق تاماقتا يەتتە ئۈلۈش تويغۇچە يېيىش لازىم، ھەددىدىن زىيادە كۆپ يېمەسلىك كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىشمۇ ئورۇقلاشقا پايدىلىق. لى چيەنيىڭ كۆپچىلىككە ئۈنۈملۈك بەش ئاددىي مەشىق ھەرىكىتىنى ئېلىپ كەلدى.

مۈرە قىسمىنى ئايلاندۇرۇش

بەدەننى تىك تۇتۇپ، ئىككى پۇتنى تەبىئىي كېرىپ، قولنى سىرتقا 90 گىرادۇس ئېچىپ، بىلەكنى ئالدىغا، ئارقىغا تۆت قېتىم ئايلاندۇرۇشنى بىر گۇرۇپپا قىلىپ، 3 گۇرۇپپىدىن بەش گۇرۇپپىغىچە ئىشلەش لازىم.

نۆۋەتلىشىپ تىزنى قۇچاقلاش

بەدەننى تىك تۇتۇپ، ئىككى پۇتنى تەبىئىي ئايرىپ، تىزنى قۇچاقلاپ، ئوڭ-سولنى ئالماشتۇرۇپ، 10 قېتىمنى بىر گۇرۇپپا قىلىپ 3 تىن 5 گۇرۇپپىغىچە ئىشلەش لازىم.

چوڭقۇر زوڭزىيىش

بەدەننى تىك تۇتۇپ، ئىككى پۇتنى مۈرىدىن سەل كەڭ ئېچىپ، ئىككى پۇت بارمىقىنى يەرگە تىرەپ، پۇت يايىنى چىڭىتىش كېرەك؛ ئىككى قولنى كۆكرەك ئالدىغا قويۇپ، زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ نەپەس ئېلىش، كۆكرەكنى كېرىپ باشنى كۆتۈرۈش، پاقالچاق بىلەن گەۋدە پاراللېل بولۇش؛ ئورنىدىن تۇرۇپ نەپەس چىقىرىش؛ سەككىزدىن ئونغىچە بىر گۇرۇپپا قىلىپ 3 تىن 5 گۇرۇپپىغىچە ئىشلەش لازىم.

نۆۋەت بىلەن تىزنى كۆتۈرۈش

بەدەننى تىك تۇتۇپ، قولنى 90 گىرادۇس ئېگىپ بەدەننىڭ ئىككى تەرىپىگە قويۇپ، پۇتنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ كۆتۈرۈپ، تىزنى ئالقىنىغا تەگكۈزۈپ، 8 دىن 10 غىچە بىر گۇرۇپپا قىلىپ، 3 تىن 5 گۇرۇپپىغىچە ئىشلەش لازىم.

ئۆرە تۇرۇپ ئۆكچىنى كۆتۈرۈش

بەدەننى تىك تۇتۇش، يادرونى چىڭىتىش، ئىككى قولنى تەبىئىي ھالدا تۆۋەنگە ساڭگىلىتىش، ئىككى پۇتنى ئايرىش، ئارقىدىكى پۇتنى سەل-پەل كۆتۈرۈش، قويۇپ بېرىش، تەكشى نەپەسلىنىش لازىم، سەككىزدىن ئونغىچە بىر گۇرۇپپا قىلىپ 3 تىن 5 گۇرۇپپىغىچە ئىشلەش لازىم.