نەپەس يولى يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى بالىلارنىڭ ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ

日期:2024年01月30日
来源:天山网
【字体:

1- ئاينىڭ 25-كۈنى، دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، دۆلىتىمىزنىڭ قىش پەسلىدىكى نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ھەم ساغلاملىق ئەسكەرتمىسىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

بېيجىڭ بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىر ۋىراچى ۋاڭ چۈەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بالىلارنىڭ نەپەس يولى يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئۆپكە ياللۇغىغا تەرەققىي قىلىشى مۇمكىن، بولۇپمۇ تۆۋەن ياشتىكى بالىلاردا بۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. ئەگەر بالىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئېھتىيات قىلىڭ، ئۆپكىسى ياللۇغلانغان بولۇشى مۇمكىن:

1. يۇقىرى قىزىتمىسى يانمىسا ياكى ئۇدا ئۈچ كۈندىن ئارتۇق قىزىسا.

2. كۆپ يۆتەلسە ياكى يۆتىلى كۆرۈنەرلىك ئېغىرلاشسا، بۇنىڭغا بەلغەمنىڭ كۆپىيىشى ياكى بەلغەم رەڭگىنىڭ ئۆزگىرىشى، مەسىلەن، سېرىق ياكى سارغۇچ يېشىل رەڭلىك بەلغەم پەيدا بولۇشى قوشۇلۇپ كەلسە؛ لېكىن مىكوپلازمىلىق ئۆپكە ياللۇغىدا ئادەتتە بەلغەم كۆپ بولمايدۇ، پات- پات قۇرۇق يۆتىلىش ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ.

3. نەپەس ئېلىشى كۆرۈنەرلىك تېزلەشسە، ئادەتتىكىگە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك تېزلەشسە، ھاسىراش ياكى دېمى سىقىلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، بىر قىسىم بالىلاردا نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشىش، بۇرۇن قانىتى لىپىلداش، نەپەس ئالغاندا تۆش سۆڭىكىنىڭ ئۈستى قىسمى ئولتۇرۇشۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن؛ ئېغىر بولغاندا ئېغىز ئەتراپى كۆكىرىپ، چىرايى تاتىرىپ كېتىشى مۇمكىن. يېشى چوڭراق بىر قىسىم بالىلاردا مەيدىسى چىڭقىلىش، كۆكرىكى ئاغرىش، دېمى سىقىلىش قاتارلىق بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

4. بالىلاردا يەنە روھىي جەھەتتىن چارچاش ياكى تىت- تىت بولۇش، يىغلاش، بەزلىگەنگە ئۇنىماسلىق، قىسمەنلىرىدە ئۇيقۇسىراش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بوۋاقلار ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغاندا، كېسەللىك ئالامەتلىرى ۋە بەدەندىكى ئىپادىلىرى دائىم تىپىك بولمايدۇ، بەلكىم قىزىش ۋە يۆتىلىش ئەھۋالى روشەن بولماسلىقى مۇمكىن، ئاساسلىق ئىپادىسى نەپەس ئېلىشى تېزلىشىش، ئېمىشى ئازىيىش، ھەتتا ئېمىشنى رەت قىلىش ياكى ئەمگەندە بەك كۈچەش، سۈتنى قۇسۇۋېتىش، پات- پات قېقىلىپ كېتىش، شۆلگەي ئېقىش، نەپىسى بوغۇلۇش، دېمى سىقىلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

يۇقىرىقى كېسەللىك ئالامەتلىرى ۋە بەدەن ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، دەرھال بالىنى ئاپىرىپ دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك.

(باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرلىرى ياڭ ياڭ، شى يىڭچۇن)

پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى