بۇ نەرسىلەرنى كارىۋات بېشىغا قويۇپ قويسا ئۇيقۇغا تەسىر يەتكۈزىدۇ!

日期:2024年02月06日
来源:天山网
【字体:

تۇرمۇشتىكى كىچىك نۇقتىلارغا دىققەت قىلىڭ

نۆۋەتتە، دۆلىتىمىز ئاھالىلىرىنىڭ ئۇيقۇسىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشى ھەم ئۇ ئېلىپ كەلگەن جىسمانىي ۋە روھىي مەسىلىلەر كۈنسېرى گەۋدىلىنىپ چىقماقتا. تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، دۆلىتىمىزدە تەخمىنەن 400 مىليون ئادەم ئۇيقۇ مەسىلىسىنىڭ دەردىنى تارتىۋېتىپتۇ. ئۇيقۇنىڭ ئۇزاق مۇددەت توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى بەدەننىڭ تەڭشەش ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، مېڭە ئىچىدە مېتابولىزم كېرەكسىز ماددىلىرىنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، دېۋەڭلىك، يۈرەك- مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى، دىيابېت، راك قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىش خەۋپىنى ئاشۇرۇپ، ئوڭايلا روھىي جەھەتتىكى توسالغۇ ۋە پىسخىكىلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

سۈپەتلىك ئۇيقۇ ساغلاملىقنىڭ مەنبەسى. تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن كىچىك نۇقتا ئادەمنىڭ ئۇيقۇسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. كۆپچىلىك يان تېلېفونىنى كۆرۈپ بولۇپ، ئۇنى كارىۋات بېشىغا قويۇپ قويغاندىن كېيىن، ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۇخلىيالمايدىغان ئەھۋاللارنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ باققانمۇ؟ ياكى ئەتىگەندە سائەتنىڭ قوڭغۇراق ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ، خۇددى توك سوقۇۋەتكەندەك ماغدۇرسىزلىنىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ باققانمۇ؟ باھار بايرىمى كېلەي دەپ قالدى، كۆپچىلىكنىڭ دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئىش- پائالىيەت بىلەن دەم ئېلىشنى قانۇنىيەتلىك قىلىپ، يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، بۈگۈن بىز قايسى نەرسىلەرنى كارىۋات بېشىغا قويۇشقا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ باقايلى.

يان تېلېفون

ھازىرقى زامان تۇرمۇشىمىزدا، يان تېلېفون كىشىلەرنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان، يېنىدا ئېلىپ يۈرۈشى زۆرۈر بولغان مۇھىم بۇيۇمىغا ئايلاندى. كىشىلەر يان تېلېفونغا شۇنچىلىك كۆنۈپ كەتكەنلىكتىن، پىسخولوگلار ھەتتا يان تېلېفون نەق مەيداندا بولۇش ئېففېكتى ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويدى. لېكىن، سىز ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئۇزاق ۋاقىت تېلېاون كۆرۈشنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

بىر تەرەپتىن، ئۇخلاشتىن بۇرۇن يان تېلېفون كۆرگەندە، يان تېلېفون ئېكرانىدىن چىققان نۇر، بولۇپمۇ ئۇنىڭدىكى كۆك نۇر چوڭ مېڭىدىكى مېلاتونىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، مېلاتونىن ئۇيقۇنى كەلتۈرۈش جەريانىدىكى مۇھىم خەۋەرچى. شۇڭا، ئۇخلاشتىن بۇرۇن يان تېلېفون كۆرگەندە ئادەمنىڭ ئۇيقۇسىنى قاچۇرۇۋېتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، كىشىلەر ئۇخلاشتىن بۇرۇن قىسقا سىن قاتارلىق ئادەمنى ئاسان ھاياجانلاندۇرىدىغان مەزمۇنلارنى كۆرسە، چوڭ مېڭىدە روھلاندۇرغۇچى ماددا پەيدا بولۇپ، تېز ئۇيقۇغا كىرىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

شۇڭا، كۆپچىلىكنىڭ يان تېلېفونىنى كارىۋات بېشىغا قويۇپ قويۇشى تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇيقۇنىڭ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن، كۆپچىلىك ئەڭ ياخشىسى ئۇخلاشتىن بىر سائەت بۇرۇن يان تېلېفوننى ئازراق كۆرۈشى ياكى ئامال بار كۆرمەسلىكى كېرەك. يان تېلېفوننى كارىۋات بېشىدىن يىراقلاشتۇرۇش ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنىڭ بىرىگە ئايلىنىشى كېرەك.

ئېلېكتىرونلۇق قىزىيدىغان پاشا قوغلاش ئەسۋابى ياكى خۇش پۇراق چىقىرىش بۇيۇمى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رەڭسىز، پۇراقسىز بولغان نۇرغۇن ئېلېكتىرونلۇق قىزىيدىغان پاشا قوغلاش ئەسۋابى پاشا قوغلايدىغان ئەنئەنىۋى بۇيۇملارنىڭ تەدرىجىي ئورنىنى ئېلىپ، كىشىلەرنىڭ ئۆيدە پاشا يوقىتىشتىكى ئالدىن تاللىشىغا ئايلاندى. ئېلېكتىرونلۇق قىزىيدىغان پاشا قوغلاش ئەسۋابى ئاساسلىقى قىزىش ئارقىلىق بەزى خىمىيەلىك ماددىلارنى قويۇپ بېرىپ، پاشا قوغلاش ئۈنۈمىگە يېتىدۇ. لېكىن، بەزى پاشا قوغلاش ئەسۋابى قويۇپ بەرگەن خىمىيەلىك ماددىلار ئادەمنىڭ نەپەسلىنىش سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىپ، بۇرۇن بوشلۇقى ياكى ئۆپكىدە زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەسى پەيدا قىلىپ، بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش، يۆتىلىش قاتارلىق بىئاراملىق ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئوچۇق ھالەتتىكى ئېلېكتىرونلۇق پاشا قوغلاش ئەسۋابىنى كارىۋات بېشىغا قويۇش ساغلاملىققا ۋە ئۇيقۇغا ئىنتايىن پايدىسىز.

يەنە بەزىلەر خۇش پۇراق چىقىرىش بۇيۇملىرىنىڭ ئۇيقۇغا ياردەم بېرىش رولى بار دەپ قاراپ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن خۇش پۇراق چىقىرىش بۇيۇملىرىنى كارىۋات بېشىغا قويۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، خۇش پۇراق چىقىرىش بۇيۇمىنىڭ ئۇيقۇغا ياردەم بېرىش ئۈنۈمىنىڭ بار- يوقلۇقى توغرىسىدا ھازىرچە ئېنىق يەكۈن يوق. لېكىن، شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، ئوخشاش بولمىغان خۇش پۇراق چىقىرىش بۇيۇملىرىنىڭ تەركىبىدىكى پەرق ناھايىتى زور بولىدۇ. بەزى خۇش پۇراق چىقىرىش بۇيۇملىرىنىڭ تەركىبىدىكى ماددىلارنىڭ ئۇيقۇغا ياردەم بېرىش ئۈنۈمى بولمايلا قالماستىن، ئەكسىچە نەپەس يولىغا تەسىر كۆرسىتىشتەك ناچار ئەكس تەسىرلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا، خۇش پۇراق چىقىرىش بۇيۇمىنىڭ تەركىبىنى كونكرېت بىلمىگەن ئەھۋالدا، ئۇخلاشتىن بۇرۇن خۇش پۇراق چىقىرىش بۇيۇمىنى كارىۋات بېشىغا قويۇش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.

يېشىل ئۆسۈملۈكلەر

نۇرغۇن يېشىل ئۆسۈملۈكنىڭ، مەسىلەن، سېرىق پېلەك (绿萝)، سىم چىغىرتماق (龟背竹) قاتارلىقلارنىڭ ھاۋانى ساپلاشتۇرۇش رولى بار. بىراق، يېشىل ئۆسۈملۈكلەر كېچىدە نەپەسلىنىش رولى ئارقىلىق ئوكسىگېننى كاربون تۆت ئوكسىدقا ئايلاندۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۆي ئىچىدىكى ئوكسىگېننىڭ مىقدارى تۆۋەنلەيدۇ. بۇ، كىشىلەرنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىگە مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

بىراق، يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۈندۈزى فوتوسىنتېز رولى ئارقىلىق ھاسىل قىلغان ئوكسىگېن مىقدارى ئۇلارنىڭ خوراتقان ئوكسىگېن مىقدارىدىن خېلىلا كۆپ بولىدۇ. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئۆيگە يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنى قويۇپ قويۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، ئەمما ياتاق ئۆينىڭ كارىۋات بېشىغا قويۇپ قويۇش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.

كېچىلىك كىچىك چىراغ

نۇرغۇن ئائىلە، بولۇپمۇ بالىلىق ئائىلىلەر كېچىدە قوپۇشقا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، كارىۋات بېشى ياكى كارىۋات ئەتراپىغا كېچىلىك كىچىك چىراغ ياندۇرۇپ قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئىنتايىن توغرا ئەمەس.

تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، كېچىدە ياتاق ئۆيدىكى ئىنتايىن ئاجىز چىراغ نۇرىمۇ، ئادەم بەدىنىنىڭ مېتابولىزمنىڭ سەۋىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئىچكى ئاجراتما مېتابولىزمىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، دىيابېت قاتارلىق مېتابولىزم خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. كېچىلىك كىچىك چىراغنىڭ ئاجىز چىراغ نۇرى يەنە ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، ئادەمنى ئاسانلا ئويغىنىپ كېتىدىغان قىلىپ قويۇپ، ئۇيقۇ قۇرۇلمىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدىكەن.

سۈپەتلىك ئۇيقۇ نېمە ئۈچۈن شۇنچە مۇھىم

2019-يىلى، جۇڭخۇا تېببىي ئىلىم جەمئىيىتى، جۇڭگو دوختۇرلار جەمئىيىتى بىرلىكتە «ھەممە ئادەم ئىلمىي، مۇۋاپىق ئۇخلاشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك − ساغلام ئۇيقۇ توغرىسىدىكى تەشەببۇسنامە»نى ئېلان قىلدى. تەشەببۇسنامىدە مۇنداق دېيىلدى: سۈپەتلىك ئۇيقۇ ساغلاملىقنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى بولۇپلا قالماي، يەنە ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆزىنى تەڭشەش، فۇنكسىيەسى ۋە زېھنىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كېسەللىك خەۋپ- خەتىرىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنى تۈگىتىشىنىڭ مۇھىم يولى، ساغلاملىقنى قوغداشتىكى ئىنتايىن ئاچقۇچلۇق ئامىل. تەشەببۇسنامىدە مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۈندىلىك ئۇخلاش ۋاقتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 10 سائەت، 9 سائەت ۋە 8 سائەتتىن كەم بولماسلىقى، قۇرامىغا يەتكەنلەر ۋە ياشانغانلارنىڭ كۈندىلىك ئۇخلاش ۋاقتى 7 سائەتتىن كەم بولماسلىقى كېرەك.

ئەمەلىيەتتە، ئۇيقۇ سۈپىتى ئۇيقۇنىڭ ۋاقتىدىنمۇ مۇھىم. يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كىشىلەر خىزمەت، ئۆگىنىش، كۆڭۈل ئېچىش، دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغاندا، نىسپىي قانۇنىيەتلىك قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئىمكانقەدەر ئوخشاش بىر ۋاقىت بۆلىكىدە ئۇخلاشقا ئادەتلىنىشى، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىمۇ قانۇنىيەتلىك ئۇخلاشقا دىققەت قىلىشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇخلاشتىن بۇرۇن قاتتىق ھەرىكەت قىلىشتىن، كارىۋاتتا ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار قاتارلىق ئۇيقۇغا تەسىر يەتكۈزىدىغان نەرسىلەرنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

كۆپچىلىكنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇيقۇ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇيقۇنى تەڭشەش ئۇسۇلىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىپ، ئىلمىي، قانۇنىيەتلىك ئىشلەپ ۋە دەم ئېلىپ، ياخشى خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش ھالىتىنى ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى