تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورىسى بارمۇ؟ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟ ئاتا-ئانىلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە جاۋاب كەلدى

日期:2023年12月11日
来源:天山网
【字体:

قىش پەسلىدە بالىلاردا نەپەس يولى كېسەللىكلىرى كۆپ كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك قوزغاتقۇچىلارنىڭ بىرى. ئاتا-ئانىلار كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا، مۇتەخەسسىسلەرنى جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلدۇق.

تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورىسى بارمۇ، دورا ئارقىلىق ئالدىنى ئالغىلى بولامدۇ؟

ئاۋسىتاۋېي مەخسۇس تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىغا قارىتىلغان ۋىرۇسقا قارشى دورا بولۇپ، كىلىنىكىلىق ئالامەتلەرنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتىنى قىسقارتىدۇ. لېكىن، بالىلار قىزىغان ھامان دەرھال تارقىلىشچان زۇكامغا قارشى دورىلارنى ئىستېمال قىلىشتەۋسىيە قىلىنمايدۇ، چۈنكى قىزىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان نەپەس يولى كېسەللىكلىرى ئەسلىدە كۆپ خىل بولۇپ، ئاۋسىتاۋېي پەقەت تارقىلىشچان زۇكامغا قارىتا ئۈنۈم بېرىدۇ.

تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئاكتىپلىق بىلەن ۋاكسىنا ئەملىتىش. ئەگەر ۋاكسىنا ئەملىتىشكە بولمايدىغان كېسەللىكلەر بولمىسا، ئالتە ئايدىن ئاشقان كىشىلەر توپىنىڭتارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئاكتىپ ئەملىتىشىتەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئېغىر تارقىلىشچان زۇكام ياكى تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرى يۈزبېرىش خەۋپى يۇقىرى ھەمدە تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملىتىشى چەكلەنگەن ياكى تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملەتمىگەن (ياكى ۋاكسىنا ئەملىتىپ ئىككى ھەپتە ئىچىدە)بالىلارغا قارىتا دورا ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىشنى ئويلىشىش كېرەك. دورا بىلەن ئالدىنى ئېلىش ئارقىلىق تارقىلىشچان زۇكامنىڭ خەۋپىنىتۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ خەۋپىنى يوقاتقىلى بولمايدۇ، دورىنى توختاتقاندىن كېيىن، تارقىلىشچان زۇكامغا بولغان ئاسان يۇقۇملىنىشچانلىققايتىدىن ئەسلىگە كېلىدۇ. شۇڭا بالىلارغا ئادەتتىكىدەك دورا ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.

ئاچىمېيسۇ قاتارلىق باكتېرىيەگە قارشى دورىلارنىڭ تارقىلىشچان زۇكامغا قارىتاپايدىسى بارمۇ؟

ئاچىمېيسۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باكتېرىيەگە قارشى دورىلارنىڭ ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشقا قارىتا ئۈنۈمى بولمايدۇ. لېكىن، ئەگەر تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى بىلەن باكتېرىيە ياكى مىكوپلازمىدىن ئارىلاش يۇقۇملىنىش يۈزبەرسە، دوختۇرلارمۇ تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىغا قارشى دورىلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ باكتېرىيەگە قارشى دورىلارنى ئىشلىتىشنى ئويلىشىدۇ.

تارقىلىشچان زۇكام بىلەن يۇقۇملانغاندائادەتتە قانداق داۋالىنىلىدۇ؟

تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، داۋالاش تەدبىرلىرى ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش ۋە كېسەلگە قاراپ داۋالاشتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىغا قارشى دورىلار: نۆۋەتتە تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىغا قارىتا ئىچىلىدىغان ۋىرۇسقا قارشى دورىلار ئاساسلىقى نېرۋا ئامىنازاسىنى تورمۇزلىغۇچى دورىلار بولۇپ، دائىم ئىشلىتىلىدىغان دورىلار ئاۋسىتاۋېي ۋە مابالوشاۋېينى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ۋېنا تومۇرىغائىشلىتىلىدىغان دورىلار پالامىۋېينىئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تارقىلىشچان زۇكامغا گىرىپتار بولغان ھامان، تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىغا قارشى دورىلارنى قانچە بالدۇر ئىشلەتسە شۇنچە ياخشى، بولۇپمۇ كېسەل قوزغىلىپ 48 سائەت ئىچىدە ئىشلىتىش كېرەك، لېكىن كېسەللىك جەريانى 48 سائەتتىن ئېشىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، تارقىلىشچان زۇكام ئېنىقلانغان ھامان، ئاكتىپلىق بىلەن دورا ئىشلىتىش كېرەك.

كېسەلگە قاراپ داۋالاش تەدبىرلىرى: ئاساسلىقى قىزىتما قايتۇرۇش، بىئاراملىقنى پەسەيتىش ئاساس قىلىنىدۇ. كۆپچىلىك قىزىتما ياندۇرۇش دورىلىرىنى ئىلمىي تاللىسا بولىدۇ، يەنە يۆتىلىش ۋە بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەسەيتىدىغان دورىلارنى ئىشلەتسە بولىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بەزى مۇرەككەپدورا ياسالمىلىرىنىڭدورا تەركىبى باشقا داۋالاش دورىلىرى بىلەن تەكرارلىنىپ قېلىپ، بىللە ئىشلەتكەندە مەلۇم بىر تەركىبنىڭ زىيادە ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بالىلاردا ناچار تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن.