A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام بولغاندىن كېيىن يەنە B تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام تېگەمدۇ؟ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش مەركىزى بىلەن بىرلىكتە ساغلاملىق ئەسكەرتمىسى ئېلان قىلدى

日期:2024年01月17日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى ـ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ مېڭفەن، ئىختىيارىي مۇخبىرسۇڭ نىڭ خەۋىرى) A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكامدىن كېيىن، يېقىندا B تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. نۇرغۇن كىشى: A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام بولغاندىن كېيىن يەنە B تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام تېگەمدۇ،دېگەن مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلدى؟ 1ـئاينىڭ 16ـكۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيەـساغلاملىق كومىتېتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشـتىزگىنلەش مەركىزى بىلەن بىرلىكتە ساغلاملىق ئەسكەرتمىسى ئېلان قىلدى: B تىپلىق تارقىلىشچان زۇكامنى ئىلمىي تونۇپ، دائىملىق ئالدىنى ئېلىشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى A، B، C، Dدىن ئىبارەت تۆت چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ، B تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام B تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان كېسەللىك بولۇپ، ئاساسلىقى تۈكۈرۈك چاچراندىلىرى ئارقىلىق تارقىلىدۇ، ۋىرۇستىن بۇلغانغان بۇيۇملار بىلەن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ئۇچرىشىش ئارقىلىقمۇ يۇقىدۇ.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشـتىزگىنلەش مەركىزى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ كەيلۇن مۇنداق تونۇشتۇردى: A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام بىلەن B تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئىككى خىل ئىككىلەمچى تىپى بولۇپ، بەلگىلىك پەرق مەۋجۇت، گىرەلەشمە ئىممۇنىتېت مېخانىزمى ھازىرلانمىغان، شۇڭا A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام بولغاندىن كېيىن پەيدا بولغان ئىممۇنىتېت رېئاكسىيەسى B تىپلىق تارقىلىشچان زۇكامنى ئۈنۈملۈك ئىممۇنىتېتلىق قوغدىيالمايدۇ. مۇنداقچەئېيتقاندا، A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ياكى B تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئەگەر ئاغرىقنىڭ ئۆزىدىكى ئانتىتېلا بىر قەدەر ئاجىز بولسا، يەنىلا باشقا بىر خىل ئىككىلەمچى تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشى مۇمكىن.

جاڭ كەيلۇن مۇنداق دېدى: B تىپلىق تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالامەتلىرى ئاساسلىقى قىزىش، باش ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىنىش، مۇسكۇللار تېلىپ ئاغرىش قاتارلىق پۈتۈن بەدەنلىك كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يۇتقۇنچاق قۇرۇش، گال ئاغرىش، قۇرۇق يۆتىلىش قاتارلىق نەپەس يولى كېسەللىك ئالامەتلىرى نىسبەتەن بىرقەدەر يېنىك بولىدۇ، قىسمەن بالىلاردا يەنە كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ھەزىم قىلىش يولى كېسەللىك ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ. ئەگەر يۇقىرىقى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغاندىن كېيىن دوختۇرنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش قىلىش كېرەك. داۋالاش مەزگىلىدە يېتەرلىك ئارام ئېلىش، قايناقسۇنى كۆپ ئىچىش، ئوزۇقلۇقنى كۈچەيتىش سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشـتىزگىنلەش مەركىزى ئاممىغا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملىتىش تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتە بولۇپ، ۋاكسىنا ئەملەتكۈچىلەرنىڭ تارقىلىشچان زۇكامغا گىرىپتار بولۇش ۋە ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ يۈزبېرىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ. تارقىلىشچان زۇكام كۆپ يۈزبېرىدىغان مەزگىلدە، ئادەم توپلاشقان، شامال ئۆتۈشۈشى ياخشى بولمىغان ئاممىۋى سورۇنلارغا ئىمكانقەدەر ئاز بېرىش كېرەك. كۈندىلىك تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شەخسىي ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش، قانۇنىيەتلىك خىزمەتقىلىشـدەم ئېلىش، تەڭپۇڭ ئوزۇقلىنىش، زىيادە چارچاشتىن ساقلىنىش، يۇقۇملىنىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. ماسكىنى ئىلمىي تاقاشقا دىققەت قىلىش، قولنى پاتـپات يۇيۇش، بولۇپمۇ ئاممىۋى بۇيۇملار بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن قول بىلەن كۆز، ئېغىز، بۇرۇننى تۇتماسلىق كېرەك. ئائىلە ۋە ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىنىڭ دېرىزىلىرىنى قەرەللىك ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ، ھاۋانىڭ ساپلىقىنى ساقلاش كېرەك.