ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىك مۇداپىئەسى-تىزگىنلەش مەركىزى كۆرسەتمە ئېلان قىلدى

日期:2024年01月09日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىك مۇداپىئەسى-تىزگىنلەش مەركىزى ساغلاملىق ئەسكەرتىشى ئېلان قىلدى: ھاۋا سوغۇق، ئامما سىرتقا چىققاندا سوغۇقتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك؛ ئۆي ئىچىدە ئىسسىنىشتا، كەسپىي بولمىغان كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلىنىشتىن ساقلىنىش لازىم.

ئىگىلىنىشىچە، كەسپىي بولمىغان كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلىنىشنى كۆپىنچە ئائىلىدە كۆمۈر قالاپ ئىسسىنىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئۆي ئىچىنى تېخىمۇ ئىسسىتىش ئۈچۈن، كىشىلەر ئادەت خاراكتېرلىك ئىشىك-دېرىزىلەرنى ھىم ئېتىپ، كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلىنىشنىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى پەيدا قىلىدۇ. كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەك:

بىرىنچى، سوغۇق پەسىللەردە ئىمكانقەدەر مەركەزلەشتۈرۈپ پار بىلەن تەمىنلەشنى تاللاش كېرەك، ئەگەر ئۆي ئىچىدە مەش، كوكس ئوچىقى قاتارلىق ئىسسىنىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتكەندە كۆمۈرنى تولۇق كۆيدۈرۈش، ئىشىك-دېرىزىلەرنى تولۇق ئېتىپ قويماسلىق، ئۆينىڭ ھاۋاسىنى دائىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، كاربون چالا ئوكسىدنىڭ يىغىلىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

ئىككىنچى، مەشكە كاناي ئورنىتىپ، ئىس قېچىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

ئۈچىنچى، كۆمۈر گازى ياكى تەبىئىي گاز ئىشلىتىپ تاماق ئەتكەندە، گاز چىقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئوچاقتىكى گاز كىلاپانىنىڭ تولۇق ئېتىلگەن-ئېتىلمىگەنلىكىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈش كېرەك؛ يېقىلغۇ گاز تۇرۇبا يولى، ئوچاق بىخەتەرلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرۈش كېرەك.

تۆتىنچى، ئاپتوموبىلنى ئاپتوموبىل ئىسكىلاتى، يەر ئاستى ئۆيلىرىگە توختاتقاندا، ئۇزۇن ۋاقىت ئوت ئالدۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئۇزۇن ۋاقىت ئاچماسلىق، ئىشىك-دېرىزىلەرنى چىڭ تاقاپ قويماسلىق، ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ قويغان ئاپتوموبىل ئىچىدە ئۇخلاپ قالماسلىق كېرەك. دائىم سىرتقى ئايلىنىشنى ئىشلىتىپ، ئاپتوموبىل ئىچى-سىرتىدىكى ھاۋانى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك. ئەگەر باش قېيىش، ئېغىرلىشىش، پۇت-قول ماغدۇرسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دېرىزىنى ئېچىپ ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىش، شوپۇر بىئارام بولسا دەرھال توختاپ ئارام ئېلىشى كېرەك.

بەشىنچى، بىراۋنىڭ كۆمۈر گازىدىن زەھەرلەنگەنلىكىنى بايقىغان ھامان دەرھال دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ، خادىملارنى تېزلىكتە ھاۋاسى ساپ، شامال ئۆتۈشۈشى ياخشى جايغا يۆتكەش ھەمدە دەرھال 120 جىددىي قۇتقۇزۇش تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ، زەھەرلەنگەنلەرنى بالدۇرراق دوختۇرخانىغا يۆتكەپ جىددىي قۇتقۇزۇش كېرەك.