سوغۇق ئېقىم كىردى بوغۇملارنى قانداق ئاسراش كېرەك؟ بۇ بىرقانچە نۇقتا ئىنتايىن مۇھىم!

日期:2023年12月26日
来源:天山网
【字体:

يېقىندا، سوغۇق ئېقىمنىڭ تەسىرىدە، دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىدىكى نۇرغۇن جايلاردا قار-يامغۇرلۇق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى. نۇرغۇن بوغۇم ياللۇغى ئاغرىقلىرى مۇنداق بىلدۈردى: «مەن ھەممىدىن قىش پەسلىدىن قورقىمەن، ھەر قېتىم تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىگەندە، بوغۇم ياللۇغى ئاغرىق ئالامەتلىرىم ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ...» ئۇنداقتا، بوغۇم ياللۇغى ئاغرىقلىرى قىشنى قانداق قىلغاندا ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزەلەيدۇ؟

سوغۇقنىڭ تەسىرى گەرچە بوغۇم ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىل بولمىسىمۇ، لېكىن بوغۇم ياللۇغى ئاغرىقلىرىدا ئاغرىق پەيدا قىلىدۇ ياكى ئاغرىقنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، بوغۇم يۇمشاق توقۇلمىلىرى سوغۇقنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىغاندا، سەزگۈرلۈك دەرىجىسى ئېشىپ، ئاغرىق چەك قىممىتى تۆۋەنلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاغرىق سېزىمى ئېغىرلىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، پۇت قىسمى سوغۇققا ئۇچرىغاندا، تىز بوغۇمى ئەتراپىدىكى قان تومۇرلار تارىيىپ، قان ئايلىنىش راۋان بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مۇسكۇللارنىڭ خورىشىدىن ھاسىل بولغان كىسلاتالىق ماددىلار دەل ۋاقتىدا ئالمىشالمىغاچقا، ئاغرىق پەيدا قىلىدۇ. تۆۋەندە، بىز بوغۇم ياللۇغى ئاغرىقلىرى ئۈچۈن ئىككى خىل تەدبىر كۆرستىمىز.