كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىمىزنى قانداق ئاشۇرىمىز؟

日期:2024年01月03日
来源:天山网
【字体:

يېقىندىن بۇيان، كىشىلەر ئىممۇنىتېت كۈچى دېگەن ئاتالغۇغا ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارايدىغان بولدى. ئەمما بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ئىممۇنىتېت كۈچى تىبابەتتە سۆزلىنىدىغان ئىممۇنىتېت كۈچى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، بىزنىڭ چۈشەنچىمىزدىكى ئىممۇنىتېت كۈچى بىزنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرىدىغان كۈچىمىز، يەنى بەدەننىڭ كېسەللىككە بولغان قارشىلىق كۈچىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا بۇنداق «كۈچ» قەيەردىن كېلىدۇ؟

ھەممىمىز بەدەن ساپاسى دېگەن سۆزنى كۆپ ئۇچرىتىمىز. بەدەن ساپاسى يۇقىرى بولغانسېرى كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلىمىز. بەدەن ساپاسى ياخشى كىشىلەرنىڭ ئاسان كېسەل بولمايدىغانلىقىنى، روھلۇق، تېتىك يۈرىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. بۇنداق بەدەن ساپاسى دەل مۇسكۇلدىن كېلىدۇ، يەنى بەدىنىمىزدە مۇسكۇل تەركىبى كۆپ، ماي نىسبەتەن ئاز بولغاندا، بەدىنىمىز تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ، ئەكسىچە، بەدەننى ماي قاپلاپ كەتكەنسېرى، مۇسكۇل تەركىبى شۇنچە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ- دە، بەدەنمۇ ئاجىزلاپ كېتىدۇ.

مۇشۇ بويىچە ئېيتقاندا، مۇسكۇلنى تولۇقلىغانلىق دەل كېسەلگە قارشى كۈچىمىزنى تولۇقلىغانلىق بولىدۇ. ئۇنداقتا، مۇسكۇل نەدىن كېلىدۇ؟ ئۇنى قانداق تولۇقلايمىز؟ مۇسكۇل ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىلدىن كېلىدۇ، مەسىلەن، قارا گۆش، سۈت، تۇخۇم دېگەندەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياغنى زىيادە كۆپ يېيىشتىن ساقلىنىشىمىز، كاربون- سۇ بىرىكمىلىرىنى مۇۋاپىق تولۇقلىشىمىز، ئەلا سۈپەتلىك ۋىتامىنلارنى قوبۇل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. مۇنداقچە ئېيتقاندا، يېمەك- ئىچمىكىمىزنى تېخىمۇ خىللاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

دېمەك، ئاقسىل، ياغ، كاربون- سۇ بىرىكمىسى، ۋىتامىندىن ئىبارەت تۆت تەركىب ئىلمىي بىرىككەندىلا، ئاندىن بەدەندىكى مۇسكۇل تەركىبىمىزنى كۆپەيتىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىگە ئىگە بولالايمىز.