چىش ئۆستۈرۈش توغرىسىدا نېمىلەرنى بىلىسىز

日期:2023年12月26日
来源:天山网
【字体:


چىش ئۆستۈرۈپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى

چىشى كەمتۈك ئاغرىقلارغا خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلدى.

چىش ئۆستۈرۈپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش چىش جېغى يوق، كۆپ چىشى كەمتۈك،

بىر تال چىشى كەمتۈك،

سۈنئىي چىشنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئىقتىدارى ياخشى بولمىغان كىشىلەرگە ماس كېلىدۇ.

چىش كەمتۈكلۈكنىڭ ئوخشاشمىغان ئەھۋالىغا ئاساسەن،

ماس كېلىدىغان چىش ئۆستۈرۈش لايىھەسىنى تاللاش كېرەك.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى،

چىش ئۆستۈرۈپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە چەكلىنىدىغان ئەھۋاللار بار،

مەسىلەن، سۆڭەك ئېغىر دەرىجىدە كەمتۈك بولۇش، چىش ئەتراپى ياللۇغى تىزگىنلەنمىگەن ياكى ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقى ئىنتايىن ناچار،

جاغ سۆڭىكىدە پاتولوگىيەلىك ئۆزگىرىش بولغان ئەھۋاللاردا چەكلىنىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئاغرىقنىڭ پۈتۈن بەدەن ئەھۋالى،

ئوزۇقلۇق ھالىتى ھەم يېشى قاتارلىق ئامىللارنى،

مەسىلەن، ئىچكى ئاجراتما مېتابولىزمى توسالغۇغا ئۇچراش،

قان سىستېمىسى كېسەللىكى، يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسى كېسەللىكى،

سۆڭەك خاراكتېرلىك كېسەللىك ۋە ئىممۇنىتېت خاراكتېرلىك كېسەللىك قاتارلىقلار بار- يوقلۇقىنى

شۇنداقلا، ئالاھىدە دورىلارنى ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلغان- قىلمىغانلىقى،

كۆپ مىقداردا تاماكا چېكىدىغان- چەكمەيدىغانلىقى قاتارلىقلارنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىش كېرەك.

بۇ ئامىللار،

چىش ئۆستۈرۈپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى

ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

چىش ئۆستۈرۈش ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن قانداق ئىشلارغا دىققەت قىلىش كېرەك؟

ئادەتتە چىش ئۆستۈرۈلگەن ئاغرىقلارنىڭ ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئانتىبىيوتىك دورىلارنى ئىچىشىگە توغرا كېلىدۇ.

ئېغىزنى ياخشى چايقاپ،

ئېغىز بوشلۇقىنى پاكىز تۇتۇش كېرەك.

ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقى ياخشى بولمىسا ئاسانلا يەرلىك ئورۇننىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئوپېراتسىيەدىن كېيىن سوۋۇتۇلغان، يۇمشاقراق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش كېرەك.

ئامال بار ئوپېراتسىيە قىلىنغان ئورۇندا چاينىماسلىق،

قاتتىق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك كېرەك.

ئۇنىڭدىن باشقا ياخشى ئارام ئېلىش تېز ئەسلىگە كېلىشكە پايدىلىق.

ئۆستۈرۈلگەن چىشنى قانداق قوغداش كېرەك؟

ئاغرىق، چىش چوتكىسى، چىش يىپى، چىش ئارىسى چوتكىسى قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپ كۈندە تازىلىغاندىن باشقا،

چىش ئۆستۈرۈپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش تاماملانغاندىن كېيىن،

يەنە بىرىنچى ھەپتىسى، بىرىنچى ئېيىدا، ئۈچىنچى ئېيىدا، ئالتىنچى ئېيىدا، 12- ئېيىدا قايتا تەكشۈرتۈشى كېرەك.

شۇنىڭدىن كېيىن ھەر يېرىم يىلدا ياكى بىر يىلدا بىر قېتىم قايتا تەكشۈرتۈش مۇۋاپىق.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى