دۆلەت كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشئىدارىسىنىڭ نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە ئاممىنىڭ ماسكا تاقاش كۆرسەتمىسى (2023-يىللىق نۇسخىسى)نى تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى
بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى تارقاتقان [2023] 4-نومۇرلۇق
ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى (رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى، قوماندانلىق ئىشتابى)، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىغا ئەزا ھەرقايسى ئورۇنلار:
يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس، تارقىلىشچان زۇكام قاتارلىق كۆپ خىل نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ئىلمىي ماسكا تاقىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش گۇرۇپپىسى «نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئاممىنىڭ ماسكا تاقاش كۆرسەتمىسى (2023-يىللىق نۇسخىسى)»نى تۈزدى. ھازىر بۇنى سىلەرگە تارقاتتۇق، ئەستايىدىل تەشكىللەپ يولغا قويۇشىڭلارنى سورايمىز.
گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش گۇرۇپپىسى (دۆلەت كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىدارىسىنىڭ ۋاكالىتەن تامغىسى)
2023-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى
نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئاممىنىڭ ماسكا تاقاش كۆرسەتمىسى
(2023-يىللىق نۇسخىسى)