ياللۇغلىنىش بىلەن يۇقۇملىنىش بىر ئىشمۇ؟ بۇ قېتىم ئاخىرى ئېنىق بولدى

日期:2023年12月20日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

قىزىپ قالغاندا ياكى ئۇ يەر- بۇ يەر سوقۇلۇپ كەتكەندە، بەزىلەر دائىم: «دەرھال ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى ئىچىڭ»، «ئەگەر يۇقۇملىنىپ قالسا ئاۋارىچىلىق بولىدۇ» دەپ ئەسكەرتىدۇ...

ياللۇغلىنىش بىلەن يۇقۇملىنىش كۆپچىلىك دائىم ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان ئىككى سۆز، ئۇلار بىر ئىشمۇ؟ ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى ۋە ئانتىبىيوتىكلارنىڭ يەنە قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ «ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەرنى سىزگە بىر- بىرلەپ جاۋاب بېرىشكە ھەم سىزگە بەدىنىڭىزدىكى ياللۇغنى كونترول قىلىشنى ئۆگىتىشكە تەكلىپ قىلدى.

زىيارەتنى قوبۇل قىلغان مۇتەخەسسىسلەر

راكېتا ئارمىيەسى ئۆزگىچە تېبابەت مەركىزى دورا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرىسۇڭ يۈنلۇڭ

جېجياڭ داشۆسى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانا ئۇنىۋېرسال تېببىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، مۇدىر ۋراچ رېن جىڭجىڭ

ياللۇغلىنىش بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟

ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئىككىسى ئوخشاش ئەمەس، لېكىن مۇئەييەن سەۋەب- نەتىجە مۇناسىۋىتى بار:

يۇقۇملىنىشنى باكتېرىيە، ۋىرۇس، زەمبۇرۇغ، پارازىت قۇرت قاتارلىق كېسەللىك قوزغاتقۇچىلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يۇقۇملانغاندىن كېيىن ياللۇغلىنىش رېئاكسىيەسى پەيدا بولىدۇ؛

ياللۇغلىنىشنىڭ ھەممىسىنى يۇقۇملىنىش كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ناتايىن، دائىم كۆرۈلىدىغان «يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىش»تىن ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى، باكتېرىيەلىك ئۈچەي ياللۇغى بار، «يۇقۇملانماي ياللۇغلىنىش»تىن رېماتوئىدلىق بوغۇم ياللۇغى، قان تومۇر ئېندوتېلىيە ياللۇغى قاتارلىقلار بار.

يۇقۇملىنىشنىڭ شەكىللىنىشىدە چوقۇم بىر ئامىل، يەنى كېسەللىك قوزغاتقۇچى ھازىرلىنىشى كېرەك. ھالبۇكى توقۇلما ۋە ھۈجەيرىلەرنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان فاكتورلارنىڭ ھەممىسى ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇ «فاكتور» ۋىرۇس، باكتېرىيە، زەمبۇرۇغ قاتارلىق بىيولوگىيەلىك فاكتور، كۈچلۈك كىسلاتا، كۈچلۈك ئىشقار، فورمالدېگىد قاتارلىق خىمىيەلىك فاكتور ياكى DNA زەخىملىنىش، ئوكسىدلىنىش سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسى قاتارلىق ئۆزىدىكى ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بېيجىڭ تيەنتەن دوختۇرخانىسى نېرۋا كېسەللىكلىرى ئىلمى مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مياۋ جۇڭرۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: يۇقۇملىنىش ياللۇغلىنىشنىڭ بىر تۈرى، ياللۇغلىنىشنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ.

ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى ۋە ئانتىبىيوتىكلارنىڭ يەنە قانداق مۇناسىۋىتى بار؟

ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى بىلەن ئانتىبىيوتىكلار ئوخشاش ئەمەس.

يۇقۇملىنىشقا تاقابىل تۇرۇشتا، ئوخشاش بولمىغان «كېسەللىك مەنبەسى»گە ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان يۇقۇملىنىشقا قارشى دورىلارنى ئىشلىتىش كېرەك:

ئەگەر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بولسا، ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى ئىشلىتىش كېرەك، كۆپ ئۇچرايدىغانلىرىدىن ئاشىلوۋېي، گېڭشىلوۋېي قاتارلىقلار بار؛

ئەگەر كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيەدىن يۇقۇملانغان بولسا، ئانتىبىيوتىكلار، مەسىلەن، ئازىترومىتسىن، ئېرىترومىتسىن قاتارلىقلار ئىشلىتىلىدۇ.

ئانتىبىيوتىكلار پەقەت باكتېرىيە، زەمبۇرۇغ قاتارلىق كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى مىكرو ئورگانىزملارغىلا ئۈنۈم بېرىدۇ، يۇقۇملىنىش (مەسىلەن، ۋىرۇس) سەۋەبىدىن ۋە يۇقۇملىنىشتىن باشقا سەۋەبتىن (مەسىلەن، چېكىنىش خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغى) كېلىپ چىققان ياللۇغنى داۋالاش رولى يوق.

ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى، خەت مەنىسىدىن چۈشەنگەندە، ياللۇغنى يوقىتىپ، قىزىرىش، ئىششىش، قىزىش، ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ياخشىلايدىغان دورىلارنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، برۇفېن، ناترىي دىخلوروفېن، يەنى بىز دائىم دەيدىغان سېتروئىدسىز ياللۇغقا قارشى دورىلار؛ بەزىدە يەنەئىممۇنولوگىيەلىك چەكلەش دورىسى، گلۇكوكورتىكوئىد قاتارلىقلار ئىشلىتىلىدۇ.

ياللۇغلىنىشنى تۈرگە ئايرىماي ئانتىبىيوتىكلارنى ئىشلەتكەندە، بىۋاسىتە ئاقىۋەت شۇكى، باكتېرىيەنىڭ دورىغا چىدامچانلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا دەرىجىدىن تاشقىرى باكتېرىيەنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ ئەسلىدىكى ئۈنۈملۈك ئانتىبىيوتىكلارنىڭ ئۈنۈمىنى يوقىتىپ، ئورگانىزمنىڭ يۇقۇملىنىپ كونترولسىز قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزىدۇ.

ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى، باش ئاغرىش، چىش ئاغرىش قاتارلىق ئەھۋاللاردا ئانتىبىيوتىكلارنى ئەمەس، سېتروئىدسىز ياللۇغقا قارشى دورىلارنى، مەسىلەن، برۇفېن قاتارلىقلارنى ئىچسە بولىدۇ.

ئەگەر باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىپ ياللۇغلىنىش كۆرۈلسە، ئانتىبىيوتىكلارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئىشلىتىشتىن بۇرۇن چوقۇم دوختۇردىن مەسلىھەت سوراپ، تۈرى ۋە مىقدارىنى بېكىتىش كېرەك.

ياللۇغلىنىشنى تىزگىنلەش ساغلاملىقنىڭ مۇھىم «تۇتقىسى»

ياللۇغلىنىش بەزى ئېغىر كېسەللىكلەرنىڭ تەرەققىياتىدىكى بىر ھالقا، ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىشنىڭ روشەن كېسەللىك ئالامىتى بولمايدۇ، ئەمما ئۇ خۇددى ئېنېرگىيە توپلايدىغان يانار تاغقا ئوخشايدۇ، يىغىلىپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە بۇزغۇنچىلىق كۈچى ناھايىتى زور بولىدۇ.

ياللۇغلىنىشنى تىزگىنلەش ساغلاملىقنى باشقۇرۇشتىكى بىر مۇھىم «تۇتقا» بولۇپ، تۇرمۇشتا ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى بىر قانچە ئىشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك:

1. ئىممونىتېت كۈچى تۆۋەنلەشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك

ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزۇش، ئۇزاق مۇددەت چارچاش، ئۇزاق ئولتۇرۇپ مىدىرلىماسلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا زىيان يەتكۈزۈپ، ۋىرۇس ۋە باكتېرىيەلەرگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. زۇكام، يۇتقۇنچاق ئاغرىش قاتارلىق ئەھۋاللارغا يولۇققاندا ۋاقتىدا داۋالىنىپ، ياللۇغلىنىشنىڭ كونترولسىز قېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

2. ياخشى كەيپىيات ئىنتايىن مۇھىم

سىجىل روھىي بېسىم ئورگانىزمنىڭ ياللۇغلىنىشنى تەڭشەش ئىقتىدارىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشى مۇمكىن. ئامال بار ئاكتىپ پوزىتسىيەنى ساقلاش، ھەر كۈنى يەتتە سائەت يېتەرلىك ئۇخلاش، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان كەيپىياتنى تەڭشەش ئۇسۇلىنى تېپىش، زۆرۈر تېپىلغاندا پىسخىكا دوختۇرىدىن ياردەم سوراش كېرەك.

3. ياللۇغقا قارشى فاكتورلارنى تەڭشەش كېرەك

مۇسكۇل قىسقارغاندا، بىر قىسىم ھۈجەيرە فاكتورى ۋە مولېكۇلا ئېغىرلىقى كىچىكرەك ئاكتىن ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، بۇ ماددىلار قانغا كىرىپ، پۈتۈن بەدەندىكى ياللۇغلىنىش رېئاكسىيەسىنى مەلۇم دەرىجىدە يېنىكلىتىدۇ.

ياخشى ھەرىكەت ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلىپلا قالماي، يەنە مۇسكۇللارنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇشقا دىققەت قىلىش، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مەشىقى قىلىش كېرەك.

4. زەھەرلىك ماددىلاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك

ئورگانىك ئېرىتكۈچ، ھاشارات يوقىتىش دورىسى، ئوت- چۆپ يوقىتىش دورىسى بىلەن ئاز ئۇچرىشىش، ھەر يىلى ئەڭ ياخشىسى ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق چاچ بوياتماسلىق، يېڭى ئۆيگە تولۇق ھاۋا ئالماشتۇرۇپ ئاندىن كۆچۈپ كىرىش كېرەك.

5. ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك

دائىم تۇز، ماي، ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى يېگەندە، ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيە توپىنى ئۆزگەرتىپ، ئۈچەينىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاسانلا ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بەزى پېچىنە- پىرەنىكلەردىكى تەتۈر شەكىللىك ياغ كىسلاتاسى، كاۋاپ تەركىبىدىكى شېكەرلەشكەن ئاخىرقى ھاسىلات ياللۇغلىنىش رېئاكسىيەسىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

6. ئاز- تولا «ياللۇغقا قارشى كۆكتات»لارنى يەپ قويۇش كېرەك

جۇڭگونىڭ رويخەتكە ئېلىنغان ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى لى يۈەنيۈەن ياللۇغقا قارشى تۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغان ئىككى خىل ئادەتتىكى قورۇمىنى تەۋسىيە قىلدى:

دۈملەنگەن چىڭسەي يوپۇرمىقى.چىڭسەي يوپۇرمىقىدا ۋىتامىن C، كاروتىن، سېلېن مول بولۇپ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە، ياللۇغلىنىش رېئاكسىيەسىنى تۆۋەنلىتىشكە ياردەم بېرىدۇ. سەۋزە پۆپۈكى، قارىياغاچ چېچىكى، ئەركەك ئەمەن قاتارلىقلارنىمۇ ھوردا پىشۇرۇپ يېيىشكە بولىدۇ.

ئاچچىقسۇغا چىلانغان سۆسۈن كاللەكبەسەي.سۆسۈن كاللەكبەسەيدىكى سۆسۈن رەڭ سىئانىدىندىن كەلگەن بولۇپ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئالاھىدە كۈچلۈك. سىئانىدىن يەنە ياللۇغلىنىش (ھىستامىن)نى پەيدا قىلىدىغان فېرمېنتنى تورمۇزلاپ، زىيادە سەزگۈرلۈك، كانايچە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ياللۇغلىنىش نۇرغۇن كېسەللىكنىڭ ئورتاق تۇپرىقى، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتكەندە ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ، لېكىن ئەگەر بىر قەدەر ئېغىر بولغان جىددىي خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىش بولسا، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ۋاقتىدا داۋالىنىش كېرەك.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى