بالىلار تارقىلىشچان زۇكام بولغاندىن كېيىن ئۇلاردا كېسەللىك ئاسارىتى قالامدۇ؟

日期:2023年12月18日
来源:天山网
【字体:

​قىش پەسلىدە بالىلاردا نەپەس يولى كېسەللىكلىرى كۆپ يۈز بېرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك قوزغاتقۇچىلارنىڭ بىرى. ئاتا-ئانىلار كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە قارىتا، مۇتەخەسسىسلەرنى جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلدۇق.

01 قانداق بالىلار تارقىلىشچان زۇكامغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر توپى ھېسابلىنىدۇ؟

ئېغىر تارقىلىشچان زۇكامغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى بالىلار تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: يېشى بەش ياشتىن تۆۋەن، بولۇپمۇ ئىككى ياشتىن تۆۋەن بالىلار؛ ئاساسىي كېسىلى بارلار، مەسىلەن: زىققا كېسىلى، ئۆسمە، بۆرەك كېسىلى، ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك، ئىممۇنىتېتنى تىزگىنلەيدىغان دورىلارنى ئىچىۋاتقانلار قاتارلىقلار؛ سېمىز بالىلارمۇ ئېغىر تارقىلىشچان زۇكامغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر توپىدۇر.

ئېغىر تارقىلىشچان زۇكامغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر تارقىلىشچان زۇكام تارقىلىدىغان پەسىلدە قىزىغاندا، يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش ھەم بالدۇرراق دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك. تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالدىمىكىن دەپ ئويلاشقان ھامان، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى بالدۇرراق باشلاش كېرەك.

ئەگەر چەكلىنىدىغان ئەھۋاللار بولمىسا، تارقىلىشچان زۇكامغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر تارقىلىشچان زۇكام پەسلى باشلىنىشتىن بۇرۇن ئاكتىپلىق بىلەن ۋاكسىنا ئەملىتىشى كېرەك.

02 يېقىندا ئۆپكە ياللۇغى مىكوپلازمىسى بىلەن يۇقۇملانغان بولسا، يەنە تارقىلىشچان زۇكام بىلەن يۇقۇملىنامدۇ؟

شۇنداق بولىدۇ. ئورگانىزم يۇقۇملانغاندا، قارشىلىق كۈچى تۆۋەنلەپ، ئاسانلا باشقا كېسەللىك قوزغاتقۇچى يۇقۇملىنىش قوشۇلۇپ كېلىشى مۇمكىن.

گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى ئۆزىنى ياخشى قوغداشقا دىققەت قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، نەپەس يولى كېسەللىكلىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان پەسىلدە، ئامال بار بالىنى ئادەم كۆپ جايلارغا، بولۇپمۇ ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان جايلارغا ئېلىپ بارماسلىق؛ ئۆي ئىچىدە قەرەللىك ھالدا دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش، ئەگەر شارائىت يار بەرسە، كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئايرىۋېتىش كېرەك؛ قول تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، بالىلارغا مەينەت قولدا كۆز، ئېغىز، بۇرۇننى تۇتماسلىقنى ئەسكەرتىش كېرەك.

03 بالىلار تارقىلىشچان زۇكام بولغاندىن كېيىن ئۇلاردا كېسەللىك ئاسارىتى قالامدۇ؟

مۇتلەق كۆپ قىسىم بالىلاردا تارقىلىشچان زۇكام بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن كېسەللىك ئاسارىتى قالمايدۇ. لېكىن تارقىلىشچان زۇكامدا بەدەن تېمپېراتۇرىسى نورماللاشقاندىن كېيىن، يۆتىلىش ۋە ماڭقىسى ئېقىش، يەنە بىر ھەپتە ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق داۋاملىشىشى مۇمكىن، داۋالاش جەھەتتە يەنىلا كېسەلگە قاراپ داۋالاشنى ئاساس قىلىپ، ھاۋانىڭ نەملىكىنى ساقلاپ قېلىپ، نەپەس يولىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يۆتەل دەم ئېلىشقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزسە، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يۆتەلنى پەسەيتىدىغان دورىلارنى ئىچسە بولىدۇ.

نەپەس يولىدىكى زىيادە ئىنكاس سەۋەبىدىن بىر قىسىم بالىلارنىڭ كونا يۆتىلى ساقايماسلىقى مۇمكىن، بولۇپمۇ ھۆل تەمرەتكە، زىققا كېسىلى تارىخى بارلار، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا بىلەن داۋالانسا بولىدۇ.

04 تارقىلىشچان زۇكامنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟

مەكتەپ ۋە ئائىلىدە تارقىلامدۇ؟

مەكتەپلەر تارقىلىشچان زۇكام پەسلى باشلىنىشتىن بۇرۇن، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملىتىشكە تەشكىللىشى ۋە سەپەرۋەر قىلىش كېرەك؛ ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە ساغلاملىق تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولىنى پات-پات يۇيۇش، مۇھىت تازىلىقىنى ساقلاش قاتارلىق ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىشى ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك؛ سىنىپتا قەرەللىك ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك؛ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى ۋاقتىدا بايقىشى كېرەك.

ئوقۇغۇچىلار تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ھامان، ئۆيدە ئارام ئېلىشى، كېسەل ھالەتتە مەكتەپكە بارماسلىقى كېرەك؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، تەن ساپاسى ۋە كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.

بالىلار تارقىلىشچان زۇكامغا گىرىپتار بولغاندىن كېيىن ئائىلىدە تولۇق ئارام ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى، ئوزۇقلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشى، سۇنى كۆپرەك ئىچىشى، ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشى كېرەك؛ ئائىلە ئەزالىرى ياخشى تازىلىق تۇرمۇش ئادىتىنى ساقلىشى، مۇھىت تازىلىقىغا دىققەت قىلىشى، يۆتەلگەندە قولى بىلەن ئېغىزىنى توسۇۋېلىشى كېرەك. ئەگەر شارائىت يار بەرسە، كېسەل بولۇپ قالغان ئائىلە ئەزالىرىنى ئامال بار ئايرىۋېتىش كېرەك؛ ئەگەر ئايرىۋەتكىلى بولمىسا، ماسكا تاقاپ ياخشى مۇداپىئە قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆينىڭ دېرىزىلىرىنى قەرەللىك ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش، ئەمما قىش پەسلىدە ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىش، سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.