گۈرۈچتە ئېغىر مېتال قالدۇقى بارمۇ؟ دىيابېت ئاغرىقلىرى گاڭپەن يېسە بولمامدۇ؟ كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن چۈشىنىسىز! (3)

日期:2023年12月14日
来源:天山网
【字体:

    مەنبە: ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

دىيابېت ئاغرىقلىرىگاڭپەن يېسە بولمامدۇ؟

نۇرغۇن كىشى دىيابېت بولغاندىن كېيىن گاڭپەن يېمەيدۇ، ھەتتا ئۆزىنىڭ دىيابېت بولغانلىقىنى گاڭپەندىن كۆرىدۇ.

بۇ «مەسئۇلىيەت» بەك ئېغىر ئىكەن، گاڭپەن كۆتۈرەلمىگۈدەك ...

ئالدى بىلەن، دىيابېت بولۇشنىڭ سەۋەبى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇ گاڭپەننىڭ «مەسئۇلىيىتى» ئەمەس.

ئۇنىڭدىن قالسا، گاڭپەن قان شېكىرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ دەپلا گاڭپەن يېمەسلىك ئاقىلانىلىك ئەمەس، نېمىلا دېگەن بىلەن گاڭپەن مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشى كاربون- سۇ بىرىكمىسىنى قوبۇل قىلىدىغان ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى.

دىيابېت بولغان تەقدىردىمۇ، گاڭپەن يېسە تامامەن بولىدۇ. ئەمما، گاڭپەن يېگەندە تۆۋەندىكى تۆت نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك:

1. ساپ گۈرۈچتە ئېتىلگەن گاڭپەن يېمەسلىك كېرەك، ئەڭ ياخشىسى قارا ئاشلىق بىلەنگۈرۈچنى ماسلاشتۇرۇپ، 1/3 قىسىمدىن 1/2 قىسىمغىچە بولغان ئاق گۈرۈچنىڭ ئورنىغا دانلىق زىرائەتنى دەسسىتىش كېرەك، مەسىلەن، نوقۇت، ئاق سەي پۇرچاق، قىزىل پۇرچاق، ماش، قارا پۇرچاق قاتارلىق يېمەكلىكلەر تاماقتىن كېيىنكى قان شېكىرىنى تۇراقلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە ئوزۇقلۇق تالاسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئاشۇرۇپ، تويۇش تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىشتىھانى تېخىمۇ ياخشى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ.

2. گاڭپەن ئەتكەندە بەك كۆپ سۇ قوشماسلىق، بەك ئۇزۇن قايناتماسلىق كېرەك، چۈنكى قوشۇلغان سۇ مىقدارى قانچە كۆپ بولسا، تاماق ئېتىش ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا، تاماقتىن كېيىن قان شېكىرى شۇنچە ئاسان ئۆرلەپ كېتىدۇ.

3. گۈرۈچنى سۇغا ئۇزاق چىلاپ قويماسلىق كېرەك، گۈرۈچنى ئوخشاش سۇ مىقدارىدا بىر نەچچە سائەت چىلاپ پىشۇرغاندىن كېيىن بىۋاسىتە پىشۇرغانغا قارىغاندا، قان شېكىرىنى تېخىمۇ ئاسان ئۆرلىتىۋېتىدۇ.

4. گاڭپەن يېيىش بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆكتات ۋە ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى ماسلاشتۇرۇش كېرەك. مەسىلەن، نوقۇت گاڭپەن بىلەن شىلەنخۇا- توخۇ تۆش گۆشى قورۇمىسىنى ماسلاشتۇرۇپ، ئاۋۋال كۆكتات يەپ ئاندىن گاڭپەن يېيىش كېرەك، بۇنداق ماسلاشتۇرۇپ ئوزۇقلىنىش تاماقتىن كېيىنكى قان شېكىرىنى تۇراقلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ پايدىلىق.

شۇڭا، دىيابېت بولغانلار گاڭپەن يېيىشتىن ئۆزىنى تارتمىسىمۇ بولىدۇ، ياخشى ماسلاشتۇرسىلا خاتىرجەم يېسە بولىدۇ.

سوغۇق گاڭپەن يېسە ئورۇقلىغىلى بولامدۇ؟

بەزىلەر «پىشۇرۇلغان گاڭپەننى سوۋۇتقاندا تاقابىلچان كىراخمال پەيدا بولىدۇ، يېمەكلىكنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەنلەيدۇ، بۇنداق ئاساسلىق يېمەكلىكنى يېگەندە ئورۇقلىغىلى بولىدۇ»، دەيدۇ.

پايدىسى بولۇشى مۇمكىن، لېكىن تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.

ئەمدىلا قازاندىن چىققان قىزىق گاڭپەن تەركىبىدىكى كىراخمال تېز ھەزىم بولىدىغان كىراخمال بولۇپ، ئىنچىكە ئۈچەيدە 20 مىنۇت ئىچىدە ھەزىم قىلىنىپ سۈمۈرۈلۈپ، گىلۇكوزىغا ئايلىنىپ ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن پايدىلىنىدۇ. لېكىن، ئەگەر ئىسسىق گاڭپەننى سوۋۇتقاندا، تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا «كونىراش» ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ، بۇ چاغدا گاڭپەن تەركىبىدىكى تاقابىلچان كىراخمال ئېشىپ كېتىدۇ، تاقابىلچان كىراخمال ئىنچىكە ئۈچەيدە ھەزىم بولماي، گلۇكوزىغا پارچىلىنىپ بەدەننىڭ پايدىلىنىشىغا يەتكۈزۈپ بېرىلمەيدۇ.

تاقابىلچان كىراخمالنىڭ ئىسسىقلىق قىممىتى پەقەت تېز ھەزىم بولىدىغان كىراخمالنىڭ يېرىمىغا توغرا كېلىدۇ، شۇڭا تاقابىلچان كىراخمالنىڭ مىقدارى ئاشسا، يېيىلگەن گاڭپەندىن قوبۇل قىلىنىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئادەمنى ئورۇقلىغاندەك ھېس قىلدۇرىدۇ.

لېكىن، ئورۇقلاش ئۈچۈن ھەر كۈنى سوغۇق گاڭپەن يېسە، ئاشقازان- ئۈچەي بەرداشلىق بېرەلمەسلىكى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئورۇقلاش- ئورۇقلىيالماسلىقتا يەنىلا پۈتۈن كۈنلۈك ئومۇمىي ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا قاراش كېرەك، ئەگەر ئومۇمىي ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى بولسا، مۇزلىتىلغان گاڭپەن يېگەننىڭ پايدىسى يوق.

شوۋىگۈرۈچكە شۇلتا قوشسا ئوزۇقلۇق قىممىتى ئاشامدۇ ھەم يېيىشلىك بولامدۇ؟

پېشقەدەملەر شوۋىگۈرۈچ ئەتكەندە ئازراق سودا سېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇنداق شوۋىگۈرۈچ ھەم ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ھەم يېيىشلىك، شوۋىگۈرۈچ قاينىتىش ۋاقتىنى قىسقارتقىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.

شوۋىگۈرۈچكە شۇلتا قوشقاندا، بىر تەرەپتىن دانلاردىكى كىراخمالنىڭ ئېرىشىنى تېزلىتىپ، دانلارنى پىشۇرۇش سۈرئىتىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، دانلىق زىرائەت كىراخمالىنىڭ تەركىبىدە مەلۇم مىقداردا فوسفات كىسلاتاسى بولۇپ، ئاساسلىقى ئېستېر بېغى بىلەن تارماق زەنجىرلىك كىراخمال بىرىكىپ كىراخمالغا سۈمۈرۈلىدۇ، فوسفات كىسلاتاسىنىڭ ئېستېرلاشمىغان گىدروكسىل رادىكالى مۇسبەت ئىيون بىلەن بىرىكىپ، دانلىق زىرائەت كىراخمالىنىڭ تەمى، كېڭىيىشچانلىقى، ئېرىشچانلىقى، يېپىشقاقلىقى، توك ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى ئۆزگەرتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن شوۋىگۈرۈچنىڭ يېپىشقاقلىقى ۋە سىلىقلىقىنى ئاشۇرۇپ، تەمىنى ياخشىلايدۇ.

لېكىن شوۋىگۈرۈچكە شۇلتا قوشقاندا شوۋىگۈرۈچتىكى ئوزۇقلۇق تەركىبلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، بولۇپمۇ B تۈردىكى ۋىتامىنلارنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، مەسىلەن، پانتوتېنىك كىسلاتاسىنىڭ %90تىن ئارتۇقراقى زىيانغا ئۇچرايدۇ.

شۇڭا، تېخىمۇ كۆپ ئوزۇقلۇقنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن، شوۋىگۈرۈچ ئەتكەندە ئەڭ ياخشىسى شۇلتا قوشماسلىق كېرەك.

گاڭپەن تاماق ئۈستىلىدىكى مۇھىم ئەزا، شۇنداقلا كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ تويۇشىدىكى مۇھىم ھالقا. گاڭپەنگە ماسلاشتۇرۇلىدىغان قورۇما قورۇلمىغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچىدۇ. پىتنە- ئىغۋانىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماڭ، چوقۇم ساغلام گۈرۈچ يەڭ، قارا ئاشلىق بىلەن گۈرۈچنى ماسلاشتۇرۇڭ.