ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى: قىش پەسلىدە ئىسسىنىشتا كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلىنىشتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك

日期:2023年12月11日
来源:天山网
【字体:

مەنبە: ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىريۈ مېڭفەن، ئىختىيارىي مۇخبىر سۇڭ نىڭخەۋىرى) قىش پەسلىدە ھاۋا سوغۇق، ئىشىك ـ دېرىزىلەر ھىم ئېتىلىدىغان بولۇپ، كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلىنىش ۋەقەلىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان پەسىل.بۇ ھەقتە ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ساغلاملىق ئەسكەرتمىسى ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: قىش پەسلىدە ئىسسىنىشتا كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلىنىشتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.

ھاۋا ئۆتۈشۈشى ياخشى بولمىغان مۇھىتتا مەشتەئىسسىنىش، كۆمۈرگە ئوت يېقىپ ئىسسىنىش ياكى يېقىلغۇ گاز، گازلىق سۇ ئىسسىتقۇچنى ئورنىتىش،ئىشلىتىشمۇۋاپىق بولماسلىق ياكى سۈپىتى لاياقەتسىز بولۇش، كۆمۈر گازى ئوچىقى ياكى كۆمۈر گازى تۇرۇبىسىدىن گاز چىقىپ كېتىش قاتارلىق ئامىللار ئاسانلا كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يالغۇز تۇرىدىغان ياشانغانلار ۋە بالىلار تېخىمۇنۇقتىلىق ئېھتىيات قىلىشى كېرەك.

ئامما تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك:

ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئەلىنىش ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك.ئامال بار مەركەزلەشتۈرۈپ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى تاللاش؛ مەش، كۆمۈر گازى قاتارلىق ئىسسىنىش ئۈسكۈنىلىرىنى توغرا ئورنىتىش ۋە ئىشلىتىش، ئۆي ئىچىدە مەش، كۆمۈر گازى ئىشلىتىپ ئىسسىنغاندا، دائىم دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش؛ قەرەللىك ھالدا يېقىلغۇ گاز، كۆمۈر گازى ئوچىقى، سۇ ئىسسىتقۇچنىڭ بېسىم تۆۋەنلىتىش كلاپانى ۋە رېزىنكە تۇرۇبىسى ھەمدە يېقىلغۇ گاز، گاز تۇرۇبىلىرىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش، ئەگەر زۆرۈر بولسا كۆمۈر گازىدىن سىگنال بېرىش ئەسۋابى ئورنىتىش كېرەك.

ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك. گاز ئوچاق، ئىسسىنىش ئوچىقىنى ئىشلەتكەندە دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك.ئاپتوموبىل مېڭىۋاتقاندا ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئاچقاندا سىرتقى ئايلىنىش شەكلىنى ئىشلىتىش ھەم قەرەللىك ھالدا دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش كېرەك؛ يۈرۈشتىن توختىغاندا، ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئۇزاق ۋاقىت ئاچماسلىق، شۇنداقلا ئىشىك-دېرىزىلەر ھىم ئېتىلگەن، ھاۋا تەڭشىگۈچ ئېچىلغان ئاپتوموبىل ئىچىدە يېتىپ ئۇخلىماسلىق كېرەك. ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بالىلارنى ماشىنا ئىچىدە يالغۇز قالدۇرماسلىق كېرەك.

كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلىنىشنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.ئەگەر كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، دەرھال دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش، كۆمۈر گازى، يېقىلغۇ گاز قاتارلىق ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلەرنى ئېتىۋېتىش، زەھەرلەنگۈچىنى دەرھال ھاۋاسى ساپ، شامال ئۆتۈشىدىغان جايغا يۆتكەش، ئىسسىق تۇتۇشقا دىققەت قىلىش ھەم تېزدىن 120گە تېلېفون قىلىپ جىددىي قۇتقۇزۇش كېرەك.

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى