ھاۋا سوۋۇپ كەتتى، دېرىزىنى قانداق ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرغاندا ياخشىراق بولىدۇ؟

日期:2023年12月11日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12-ئاينىڭ 10-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرشيا كې) يېقىندا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ، قىسمەن رايونلاردا قار ياغدى. ھاۋا بارغانسېرى سوۋۇشقا باشلىدى، نۇرغۇن كىشىلەر ئىشىك-دېرىزىلەرنى چىڭ تاقاشنى ياخشى كۆرىدۇ، بېيجىڭ شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى: ئىشىك-دېرىزىلەرنى ئۇزۇن مەزگىل ھىم ئېتىپ ھاۋا ئالماشتۇرمىغاندا، ئۆي ئىچىدە ھاۋائۆتۈشمەي، سالامەتلىككە بەلگىلىك زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئادەتتە دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇشتا ياخشى پەيتنى تاللاش كېرەك، ئىشقا چىققاندىن كېيىن دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش، ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئاندىن دېرىزىنى تاقاش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا ھەم ئىسسىنىشقا تەسىر يەتمەيدۇ، ھەم ئۆي ئىچى ھاۋاسىنىڭ ئۆتۈشۈپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

بېيجىڭ شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشمەركىزى مۇنداق بىلدۈردى: ئۆي ئىچى مۇھىتى ھىم بولسا، ئاسانلا كېسەللىك باكتېرىيەلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ كېسەللىك بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، قىش پەسلى نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان پەسىل، دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرغاندا ئۆي ئىچىدىكى كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى مىكرو ئورگانىزملارنىڭ قويۇقلۇقىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، ئۆي ئىچى ھاۋاسىنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاپ، خىمىيەلىك بۇلغىمىلارنىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ، ئۆي ئىچىدىكى كاربون تۆت ئوكسىدنىڭ قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قۇياش نۇرىدىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ يەنە مىكروب ئۆلتۈرۈش رولى بار.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھاۋا سوۋۇغاندا، مۇۋاپىق پەيتنى تاللاپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش، سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئەتىگەندە ئۆي ئىچىدىكى ھاۋانىڭ ئوكسىگېن مىقدارى تۆۋەنلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كارىۋات رەتلىگەندە، چاڭ -توزان، كانا، تېرە كېپىكى قاتارلىقلار قالايمىقان ئۇچىدۇ، ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ؛ تاماق ئەتكەندە ئەڭ ياخشىسى ئاشخانىنىڭ دېرىزىسىنى ئېچىش، قورۇما قورۇغاندا پەيدا بولغان كۆپ مىقداردىكى بۇسنى ۋاقتىدا سىرتقا چىقىرىۋېتىپ، ئۆي ئىچى ھاۋاسىنىڭ بۇلغىنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك؛ چۈشتە تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ، ئاتموسفېرانىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى زىيانلىق گازلار تەدرىجىي تارقىلىپ كېتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى بولىدۇ.

ھەر قېتىم دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش ۋاقتى 15 مىنۇتتىن قىسقا بولماسلىقى كېرەك، 20 مىنۇتتىن 30 مىنۇتقىچە بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ. ئەگەر دېرىزىدىن پەقەت بىر كىچىك يوچۇق ئېچىپ قويسا، ھاۋا ئالماشتۇرۇش ۋاقتىنى 30 مىنۇتتىن 60 مىنۇتقىچە ئۇزارتىش، ھەر كۈنى دېرىزىنى 4-3 قېتىم ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش كېرەك. ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىدا كونۋېكسىيە ھاسىل قىلىش ئەڭ ياخشى، مەسىلەن، ئۆينىڭ ئارىلىقى ئەڭ يىراق بولغان دېرىزە ۋە ئىشىكنى ئېچىپ، يۆتكىلىۋاتقان ھاۋانى پۈتۈن ئۆيدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك.

بېيجىڭ شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى: تۇمانلىق ۋە چاڭ-توزانلىق ھاۋا رايىدا، سىرتنىڭ ئاتموسفېراسىنىڭ بۇلغىنىشى بىر قەدەر ئېغىر بولسا، ئىشىك-دېرىزىلەرنى تاقاش كېرەك،دەپ ئەسكەرتتى. بوران چاڭ-توزان پەيدا قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاۋادىكى بۇلغىمىلار ئاسانلا تارقىلىپ كېتىدۇ، شامال كۈچى بەش بالدىن ئاشقاندا دېرىزىنى ئېتىۋېتىش كېرەك، شامال كۈچى بىر قەدەر كىچىك بولغاندا، دېرىزىدىن بىر يوچۇق ئېچىپ قويسىلا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قىش پەسلىدە نېپىز كىيىنىپ شامالدىماسلىق ياكى تەرلىگەندە شامالدىماسلىق كېرەك، بۇنداق قىلغاندا زۇكام بولۇپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ، يۈرەك قان تومۇر ۋە نەپەس سىستېمىسى كېسەللىكلىرى بىمارلىرى سوغۇققا ئالاھىدە سەزگۈر بولىدۇ، دېرىزىنى ئاچقاندا ئىسسىق ساقلاشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىپ ئېلىندى