قاچا-قۇچىلارنى قىزىق سۇدا چايقاشنىڭ زادى پايدىسى بارمۇ-يوق؟ (3)

日期:2023年12月04日
来源:天山网
【字体:

نۇرغۇن كىشى سىرتتا تاماق يېگەندە «قاچا- قۇچىلارنى قىزىق سۇدا چايقىۋېتىش»تىن ئىبارەت تاماقتىن بۇرۇنقى بۇ مۇراسىمغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۇلار بۇنداق قىلغاندا دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ، تېخىمۇ پاكىز بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. قاچا- قۇچىلارنى قىزىق سۇدا چايقىۋېتىپ ئىشلەتمىسە، خاتىرجەم بولالمايدۇ. قاچا- قۇچىلارنى قىزىق سۇدا چايقىۋەتسە راستتىنلا دېزىنفېكسىيەلەپ، مىكروب ئۆلتۈرەلەمدۇ؟ قانداق قىلغاندا قاچا- قۇچىلارنى تېخىمۇ پاكىز ئىشلەتكىلى بولىدۇ؟

بۈگۈن بىز قاچا- قۇچا تازىلىقى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتەيلى!

3

ئۆيدىكى قاچا- قۇچىلارنىڭ تازىلىقىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؟

بىز سىرتتىكى ئاشخانىلاردىكى قاچا- قۇچىلارنىڭ تازىلىقىدىن ئەندىشە قىلىپلا قالماستىن، ئۆزىمىزنىڭ ئاشخانىسىدىكى قاچا- قۇچا ۋە ئاشخانا سايمانلىرىنىڭ تازىلىقىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. بۇ ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بەش نۇقتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

(1) قاچا- قۇچىلارنى قەرەللىك دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش

چىنە- قاچا، تەخسە، قوشۇق قاتارلىقلارنى قەرەللىك دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش كېرەك. مەسىلەن، سۇدا قاينىتىپ دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش، ھور ئارقىلىق دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش، دېزىنفېكسىيەلەش ئىشكاپى ئارقىلىق دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بولىدۇ. ھوردا ياكى سۇدا قاينىتىپ دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرگەندە، ئۇنىڭ ۋاقتىنىڭ 10 مىنۇتتىن ئارتۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش ئىشكاپىنى ئىشلەتكەندە، چۈشەندۈرۈش بويىچە ئىشلىتىش، ئادەتتە ئۇنى 10 مىنۇتتىن ئارتۇق ماڭغۇزۇش كېرەك.

(2) چوكىنى قەرەللىك ئالماشتۇرۇش

كۆپ ساندىكى ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان چوكىلار بامبۇك چوكا ياكى ياغاچ چوكا بولۇپ، ئەگەر مۇھىت نەم بولسا ياكى چوكىلار پاكىز يۇيۇلمىسا، چوكىلاردا ئاسانلا باكتېرىيە پەيدا بولىدۇ، ھەتتا كۆكىرىپ قالىدۇ، ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىلگەندە سالامەتلىككە زىيان يېتىدۇ.

چوكىنىڭ پاكىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ھەر قېتىملىق تاماقتىن كېيىن چوكىلارنى پاكىز يۇيۇش كېرەك؛ چوكىلار قۇرۇغاندىن كېيىن ئاندىن ئورنىغا سېلىش كېرەك، قاچا- قۇچا ئىشكاپىنىڭ ئىچى چوقۇم قۇرغاق بولۇشى كېرەك. چوكىنى يەنە قەرەللىك دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، بامبۇك چوكىنىقەرەللىك ھالدا قايناۋاتقان سۇدا20 مىنۇت قاينىتىپ دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش ياكى ھەر ئالتە ئايدا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇش كېرەك.

بىراق، ياغاچ چوكىنى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قايناتقاندا ئاسانلا شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىپ، ئىشلىتىشكە تەسىر يېتىشى مۇمكىن. ئەگەر قوبۇل قىلالمىسىڭىز، قېتىشما ماتېرىياللىق چوكا ياكى داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان چوكا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، لېكىن داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان چوكىدا نەرسە قىسماق تەسرەك، خوۋگوۋ يېگەندىمۇ ئېغىزنى كۆيدۈرۈۋېلىش مۇمكىن.

(3) قاچىلارنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، دۆم قويۇپ قويۇش

قاچىلارنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدا قاچا يۇيغاندىكى سۇ تۇرۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى يۇيۇپ بولغاندىن قاچىنى دۆم قويۇپ قويۇش كېرەك.

(4) ئەمبەلنى ئېسىپ قۇرۇتۇش

ئەمبەل ئىشلەتكەندە ئالدى بىلەن خام بىلەن پىششىق نەرسىلەرنى توغرايدىغان ئەمبەلنى ئايرىش كېرەك، ئۆزئارا بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن خام گۆش توغرايدىغانغا ۋە كۆكتاتلارنى توغرايدىغانغا بىر ئەمبەل ئىشلەتمەسلىك ياكى ئەمبەلنىڭ بىر يۈزىنىلا ئىشلەتمەسلىك كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەمبەلەنى ئىشلەتكەندىن كېيىن ۋاقتىدا ئېسىپ قۇرۇتۇپ، كۆكىرىپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

ئەمبەلنى تازىلاش بۇ ئىشىغا قارىتا، بەزى تەتقىقاتلاردا چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى بىلەن بۇلغانغان ئوخشاش بولمىغان ماتېرىيالدىكى ئەمبەلنى ئوخشاش بولمىغان تازىلاش ئۇسۇلى بىلەن تازىلىغاندىكى ئۈنۈمى سېلىشتۇرۇلغان. نەتىجىدە بايقىلىشىچە، مەيلى قانداق ماتېرىيالدىكى ئەمبەل بولسۇن، پاكىزلىق دەرىجىسى جەھەتتە، 50 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى قىزىق سۇ بىلەن ئەمبەلنى يۇيۇشنىڭ ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولغان؛ ھۆل لاتا بىلەن سۈرتۈش ۋە يۇيۇش سۇيۇقلۇقىدا يۈيۈشتىن ئىبارەت بۇ ئىككى خىل تازىلاش ئۇسۇلى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان؛ قۇرۇق لاتا بىلەن سۈرتۈشنىڭ ئۈنۈمى ئەڭ تۆۋەن بولغان.

شۇڭا، ئەمبەلنى تازىلاشتا، 50 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى قىزىق سۇ بىلەن يۇيۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، قۇرۇق لاتا بىلەن سۈرتۈش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.

(5) قاچا- قۇچىلارنى يۇيغاندا ئىشلەتكەن دەسمال بىلەن قاچا- قۇچىلارنى سۈرتمەسلىك

بەزى كىشىلەر قاچا-قاچىلارنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، دەسمال بىلەن قاچا- قۇچىلارنى سۈرتۈشكە ئادەتلەنگەن، ئەڭ ياخشىسى بۇنداق قىلماسلىق كېرەك. چۈنكى دەسمال ھەقىقەتەن پاكىز ئەمەس، «جۇڭگو ئائىلىلىرىنىڭ ئاشخانا تازىلىقىنى تەكشۈرۈش ئاق تاشلىق كىتابى»دا كۆرسىتىلىشىچە، پائالىيەت ئارقىلىق يىغىۋېلىنغان دەسمالدىكى يەككە باكتېرىيە ئومۇمىي سانى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 500 مىليارد دانىگە يەتكەن، قانچە ئۇزۇن ئىشلەتكەنسېرى باكتېرىيە شۇنچە كۆپ بولىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى، سېرىق ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە، ئاق تەسۋىسىمان باكتېرىيە، سالمونىللا باكتېرىيەسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 19 خىل شەرتلىك كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيە باركەن.

شۇڭا، تازىلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دەسمالنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن چوقۇم پاكىز يۇيۇپ ئېسىپ قۇرۇتۇش ھەم قەرەللىك ھالدا قايناق سۇدا 10 مىنۇتتىن ئارتۇق قاينىتىش، شۇنداقلا دائىم يېڭى دەسمالغا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.

قىسقىسى، «قاچا-قۇچىلارنى قىزىق سۇدا چايقىۋېتىش»تىن ئىبارەت تاماقتىن مۇراسىم تۇيغۇسى بولسا بولىدۇ، ئەگەر قاچا- قۇچىلارنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرمەكچى بولسا 100 سېلسىيە گىرادۇسلۇق سۇ بولۇشى ھەم 30 سېكۇنت تۇرغۇرۇپ چايقىشى كېرەك، بولمىسا رولى چوڭ بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سىرتتىكى ئاشخانىلاردىكى قاچا- قۇچىلارنىڭ تازىلىقىدىن ئەندىشە قىلىپلا قالماستىن، ئۆزىمىزنىڭ ئاشخانىسىدىكى قاچا- قۇچا ۋە ئاشخانا سايمانلىرىنىڭ تازىلىقىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك.

(تۈگىدى)

پايدىلانغان مەنبە: «شىنخۇا تورى» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى