مىكوپلازمىلىق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغاندا «ئۆپكىنى يۇيۇش» كېرەكمۇ؟

日期:2023年12月11日
来源:天山网
【字体:

يېقىندا، بالىلاردىكى مىكوپلازمىلىق ئۆپكە ياللۇغى كىشىلەرنىڭ ئىنتايىن دىققىتىنى تارتتى. مىكوپلازمىلىق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان بالىلار قانداق ۋاقىتتا يۇقۇمچانلىققا ئىگە بولىدۇ؟ ئوكۇل ئۇرۇش، «ئۆپكىنى يۇيۇش» كېرەكمۇ؟ دوختۇرخانىدا ئادەم كۆپ بولۇشتىن ئەنسىرىسە، ئۆزى دورا قىلسا بولامدۇ؟ مۇخبىر 11-ئاينىڭ 12-كۈنى دۇنيا ئۆپكە ياللۇغى كۈنى يېتىپ كېلىشنىڭ ئالدىنقى كۈنى، ئالاقىدار تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلدى.

«ئۆپكە ياللۇغى مىكوپلازمىسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، قىزىتىشتىن بۇرۇنقى بىرنەچچە كۈن ئادەتتە يوشۇرۇن مەزگىل بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئاغرىق بەلگىلىك دەرىجىدە يۇقۇمچانلىققا ئىگە بولىدۇ.» بېيجىڭ داشۆ 3-دوختۇرخانىسى بالىلار بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى جوۋ ۋېي مۇنداق دېدى: «ماسكا تاقىغاندا مەلۇم دەرىجىدە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، لېكىن بالىلارغا ئىزچىل قەتئىيلىك بىلەن ماسكىنى ئۆلچەملىك تاقاتقۇزۇش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. ئادەم زىچ توپلاشقان، ھىم، ھاۋا ئۆتۈشۈشى ياخشى بولمىغان ئاممىۋى سورۇنلارغا ئاز بېرىش، ئۆي ئىچىنىڭ ھاۋاسىنى پات-پات ئالماشتۇرۇش، مەكتەپلەرنى قەرەللىك تازىلاپ دېزىنفېكسىيەلەش، سىرتقى پائالىيەتلەرنى كۆپەيتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.