ئۆپكە ياللۇغى مىكوپلازمىسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، بۇ ئىشلارغا دىققەت قىلىش كېرەك!

日期:2023年11月21日
来源:天山网
【字体:


يېقىندا ئۆپكە ياللۇغى مىكوپلازمىسى بىلەن يۇقۇملانغان بالىلار بىر قەدەر كۆپ بولدى، بالىلار كېسەل بولغان مەزگىلدە دائىم قىزىتمىسى ئۆرلەيدۇ، يۆتىلىدۇ، ئىشتىھاسى ناچارلىشىدۇ، دورا بىلەن داۋالىغاندىن كېيىن يەنە قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بۇ، كېسەلنىڭ ئەسلىگە كېلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىپلا قالماي، ھەتتا بىر مەزگىللىك ئۆسۈپ يېتىلىشىگىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ.

ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ دورا ئىشلىتىشىگە دىققەت قىلغاندىن باشقا، «ئۆپكە ياللۇغى مىكوپلازمىسى بىلەن يۇقۇملانغان مەزگىلدە، بالىلار زادى قانداق ئوزۇقلىنىشى كېرەك؟» دېگەن مەسىلىمۇ كىلىنىكىلىق ئوزۇقلۇق بۆلۈمى دوختۇرلىرى يېقىنقى مەزگىلدە كېسەل كۆرۈش جەريانىدا ئەڭ كۆپ ئۇچرىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى.

ئاتا-ئانىلار ئوتتۇرىغا قويغان تۈرلۈك گۇمانلارغا قارىتا، دۆلەتلىك بالىلار ساغلاملىقى ۋە كېسەللىرى كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا تەتقىقات مەركىزى، جېجياڭ داشۆ تېببىي شۆيۈەنى قارىمىقىدىكى بالىلار دوختۇرخانىسى كىلىنىكىلىق ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى ما مىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئۆپكە ياللۇغى مىكوپلازمىسى بىلەن يۇقۇملانغان بالىلارنىڭ ئوزۇقلىنىشىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ، مۇۋاپىق يېمەكلىك تاللاش ھەقىقەتەن كېسەلنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تېخىمۇ ياخشى ياردەم بېرىدۇ.

مۇتەخەسسىسلەر ئۆپكە ياللۇغى مىكوپلازمىسى بىلەن يۇقۇملانغان مەزگىلدە بالىلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكىدە بۇ بەش پىرىنسىپنى ئىگىلەش كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆتكۈر مەزگىل ۋە ئەسلىگە كېلىش مەزگىلىگە ماس كېلىدۇ:

بىرىنچى، يېتەرلىك سۇ تەركىبىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.ئۆپكە ياللۇغى مىكوپلازمىسى بىلەن يۇقۇملانغان بالىلاردا ئەگەر قىزىش ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كەلسە، كۆپ مىقداردا سۇ يوقىتىدۇ، شۇڭا ئۆپكە ياللۇغى مەزگىلىدە ئىمكانقەدەر كۆپرەك سۇ تولۇقلاش ۋە سۇ تەركىبى مول يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك، ئۈچ ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ كۈندىلىك سۇ ئىچىش مىقدارى 600-800 مىللىلىتىر، ئالتە ياشتىن 10 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ كۈندىلىك سۇ ئىچىش مىقدارى 800-1000 مىللىلىتىر بولۇش، قىزىغان بولسا ئەھۋالغا قاراپ مىقدارىنى كۆپەيتىش، ئىلمان قايناقسۇنى ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم ئىچىش كېرەك.

ئىككىنچى، يېتەرلىك ئاقسىل تولۇقلاش كېرەك.ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بالىلاردا قىزىش، يۆتىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا ۋاقتىدا يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى تولۇقلاش كېرەك، مەسىلەن:سۈت مەھسۇلاتلىرى، ئورۇق گۆش، تۇخۇم، دادۇر ۋە ئۇنىڭدىن ياسالغان يېمەكلىكلەر قاتارلىقلار.

ئۈچىنچى، مايسىز يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىشكېرەك.ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانمەزگىلدە، بالىنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ، شۇڭا ئىمكانقەدەرمايسىز، ئاسان ھەزىم بولىدىغاندۈملەپ پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش،مايلىق بولۇشتىن ساقلىنىش، ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم يېيىشكېرەك. ئاسان ھەزىم بولىدىغان قارا گۆش ئۇمىچى، ئۈگرە، موما، چۆچۈرە قاتارلىق سۇيۇق-سەلەڭ تاماقلارنى تاللاپ ئىستېمال قىلىش كېرەك.

تۆتىنچى، تەركىبىدە ۋىتامىن مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش كېرەك.ۋىتامىن C ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ۋىرۇسنىڭ بىرىكىشىنى تىزگىنلەيدۇ، شۇڭا ۋىتامىن C مول بولغان كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى ئىستېمال قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. سەۋزە، پالەك، پەمىدۇر قاتارلىق تەركىبىدە ۋىتامىن A مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلغاندا، نەپەس يولى شىللىق پەردىسىنى قوغداپ، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

بەشىنچى، ئاز مىقدارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنى مۇۋاپىق تولۇقلاش كېرەك.نەپەس يولى تەكرار يۇقۇملانغاندا، ۋىتامىن A، ۋىتامىن D ۋە سىنك قاتارلىقلارنى تولۇقلاپ، بالىنىڭ ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تەڭشىشىگە ياردەم بېرىپ، مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك، كونكرېت تولۇقلاش مىقدارىنى دوختۇردىن مەسلىھەت سوراش كېرەك.

ما مىڭكېسەل بولغان مەزگىلدە ئامال بار يۇقىرى قەنتلىك، يۇقىرى تۇزلۇق، يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەر، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەر، خام ۋە سوغۇق يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىنساقلىنىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. ئەگەر بالىلاردا نەپەس يولى تەكرار يۇقۇملىنىپ، بەدەن ئېغىرلىقى %5تىن كۆپرەك تۆۋەنلەپ كەتسە، كىلىنىكىلىق ئوزۇقلۇق بۆلۈمى، يېمەك-ئىچمەك مەسلىھەت بېرىش ئامبۇلاتورىيەسى، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك مەخسۇس كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيەسى قاتارلىق مەخسۇس بۆلۈملەرگە بېرىپ داۋالىنىپ، مۇۋاپىق كېلىدىغان ئايرىم يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىپ، ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە مۇۋاپىق غىزالىنىش رېتسىپى تەييارلاش كېرەك.

مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى