ئاتا-ئانىلارنىڭ باشقا جايدا داۋالىنىشىنى قانداق ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك؟

日期:2023年10月17日
来源:天山网
【字体:

ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىشتا بىۋاسىتە راسچوت قىلىش سىياسىتىدە دائىم كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەرگە جاۋاب كەلدى

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭچيۇ بايرىمى، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، نۇرغۇن كىشىلەر ئاتا-ئانىسىنى ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەرگە ئېلىپ كەلدى. ئاتا-ئانىلار سىرتقا چىقىپ، دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسەتسە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى قانداق ئاتچوت قىلىدۇ؟ ئاتا-ئانىلارنىڭ باشقا جايدا داۋالىنىشىنى قانداق ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك؟ دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى يېقىندا بۇ سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

ئامما دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمەت سۇپىسى ئەپ دېتالىغا چىقىپ، توردا «باشقا جايدا ئەنگە ئالدۇرۇش»نى بېسىپ باشقا جايدا ئەنگە ئالدۇرۇش مەخسۇس رايونىغا كىرسە، ئاندىن «باشقا جايدا داۋالىنىشنى ئەنگە ئالدۇرۇش ئىلتىماسى»نى چېكىپ، «باشقىلارنى ئەنگە ئالدۇرۇش»نى تاللىسا، تۇغقانلىرىنى ئەنگە ئالدۇرۇشنى بېجىرىشكە بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، باشقا جايدا جىددىي قۇتقۇزۇلغان خادىملار ئەنگە ئالدۇرغان دەپ قارىلىدۇ، ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى قايتا بېجىرىش ھاجەتسىز.

ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولغان ئەنگە ئالدۇرغۇچىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، «سۇغۇرتىغا قاتناشقان جاي»، «داۋالىنىش ئورنى»، «سۇغۇرتىغا قاتنىشىش تۈرى»، «ئەنگە ئالدۇرۇش تۈرى»، «ئەنگە ئالدۇرغۇچى»نى تاللىغاندىن كېيىن، ئەنگە ئالدۇرۇش كۇنۇپكىسىنى بېسىش كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە، «ئەنگە ئالدۇرغۇچى» «ئائىلە ئەزالىرىنى تاللاش»نى بېسىپ قوشۇشقا بولىدۇ، ئەگەر ئائىلە ئەزالىرىنى باغلىمىغان بولسا، «ئائىلە ئەزالىرىنى قوشۇش»نى چېكىپ، مۇۋاپىق ئۇسۇلنى تاللاپ باغلىسا بولىدۇ.

ئەنگە ئالدۇرۇش ئۇقتۇرۇشىنى تەپسىلىي ئوقۇغاندىن كېيىن، «ئەنگە ئالدۇرۇش ئۇقتۇرۇشىنى ئۆزۈم تەپسىلىي ئوقۇپ چىقتىم» دېگەننى تاللاپ، ھەمدە «ئوقۇپ بولدۇم، ئەنگە ئالدۇرىمەن» دېگەننى بېسىش كېرەك. كېيىنكى بەتكە كىرگەندىن كېيىن، ئەنگە ئالدۇرۇش ئۇچۇرىنى تولدۇرۇپ، ئالاقىلاشقۇچىنىڭ ئۇچۇرىنى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى يوللاپ، خاتالىق يوقلۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، ئەنگە ئالدۇرۇش كۇنۇپكىسىنى بېسىش كېرەك.

ئەنگە ئالدۇرۇش ئۇچۇرىنى تاپشۇرغاندىن كېيىن، ئەنگە ئالدۇرغۇچىنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئەنگە ئالدۇرۇش خاتىرىسى كۇنۇپكىسىنى چېكىپ كۆرۈپ، باشقا جايدا داۋالىنىش ئەنگە ئالدۇرۇش ھالىتىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ.

نۆۋەتتە، بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان خادىملىرى دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمەت سۇپىسى ئەپ دېتالى ۋە دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى ئۈندىدار سالونى ئارقىلىق ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا داۋالىنىشنى توردا ئەنگە ئالدۇرسا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، توردا سۈرۈشتۈرۈش ئىقتىدارى ئۆلكە ھالقىغان تورلاشقان بەلگىلەنگەن تېببىي دورا ئاپپاراتى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بېجىرگۈچى ئاپپاراتنىڭ مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمەت تېلېفونى، توختاپ قالغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئاممىۋىلاشقان ئۇچۇر سۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتىدىن تەدرىجىي ھالدا شەخسلەر سۇغۇرتىغا قاتناشقان جايدىكى ئامبۇلاتورىيە، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەل سالاھىيىتى، ئامبۇلاتورىيە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەل، ئۆلكە ھالقىغان تورلاشقان ئۇقتۇرۇش، شەخسلەر ئۆلكە ھالقىغان راسچوت خىراجىتى قاتارلىق خاسلاشقان ئۇچۇر سۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتىگىچە كېڭەيتىلدى.