ئۆزىڭىز ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىپ قايتىپ كەلگىنىڭىزدە، «قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش ئەسكەرتمىسى» تاپشۇرۇۋالدىڭىزمۇ؟ يېڭى ئالدامچىلىقتىن ھوشيار بولۇڭ

日期:2023年10月12日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

جۇڭچيۇ، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە

نۇرغۇن كىشى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە چىقىشنى تاللىدى

ئەمما

بەزىلەر ئاپتوموبىل ھەيدەپ كېتىۋېتىپ تۇيۇقسىز «قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش ئەسكەرتمىسى»نى تاپشۇرۇۋالدى

يېقىندا، شېنجېن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى

بۇ خىل ئۇچۇرلاردىن ھوشيار بولۇشنى ئەسكەرتتى!

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، گۇاڭدۇڭ جۇخەي شياڭجوۋدا ئولتۇرۇشلۇق جاڭ ئەپەندى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىق توغرىسىدىكى ئەسكەرتىش ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالغان. جاڭ ئەپەندى ئۇلانمىنى چەككەندىن كېيىن، تور بەتتە «قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىشنى سۈرۈشتۈرۈش سۇپىسى» دەپ يېزىلغانلىقىنى، مەزمۇنىنىڭ قارىماققا ناھايىتى مۇنتىزىم ئىكەنلىكىنى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن شەخسىي ئۇچۇرى، بانكا ئۇچۇرى ۋە يان تېلېفون دەلىللەش نومۇرىنى تولدۇرغان، بۇ ئىشلار تاماملانغاندىن كېيىن، سىستېمىدا نەتىجىسىنى ئىككى ئۈچ مىنۇت ساقلىغاندىن كېيىن ئاندىن كۆرگىلى بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن، ئۇ ساقلىيالماي تور بەتتىن چېكىنىپ چىققان. ئويلىمىغان يەردىن بىردەمدىن كېيىن جاڭ ئەپەندى بانكا ئەۋەتكەن پۇل تۇتۇپ قېلىش ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالغان، جەمئىي 8500 يۈەن ئالداپ كېتىلگەن.

ئۇلانمىنى چەككەندىن كېيىن، «ساختا نۇسخا»دىكى قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى سۈرۈشتۈرۈش سۇپىسى كۆرۈنىدۇ، ئەگەر تەلەپ بويىچە ئىسىم-فامىلىسى، كىملىك ئۇچۇرى، يان تېلېفون نومۇرى، مەخپىي نومۇر تەسىس قىلىنسا، نۇرغۇن شەخسىي ئۇچۇرلار ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ. ئالدامچىلارنىڭ ئالىدىغىنى بۇلارلا ئەمەس، كېيىنكى قەدەمدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى ئالدامچىلىق Appسىنى چۈشۈرگۈزۈشكە يېتەكلەپ، پۇلنى ئالداپ ئېلىۋېلىش مەقسىتىگە يېتىدۇ.

بۇ Appمۇما ۋىرۇسى بولۇشى مۇمكىن، ئۇ يان تېلېفونىمىزدىكى شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئوغرىلىيالايدۇ، ھەتتا يان تېلېفون قوبۇل قىلغان دەلىللەش نومۇرىنى توسۇپ، بانكا كارتىمىزدىكى پۇلنى يۆتكەپ كېتىشى مۇمكىن.

ئالدامچىلىق يوللىرى توغرىسىدا ئانالىز

بىرىنچى قەدەم: ئۇچۇرغا ئېرىشىش

قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ناتوغرا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋە ئاپتوموبىل ئۇچۇرىغا ئېرىشىدۇ، ئاندىن نومۇر ئۆزگەرتىش يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق ئاپتوموبىل ئىگىسىگە «قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش» دېگەن ئالدامچىلىق ئۇچۇرىنى يوللايدۇ ھەم قىسقا ئۇچۇردا ساختا تور بېكەتنىڭتور ئادرېسىنى قوشۇپ قويىدۇ.

ئىككىنچى قەدەم: كارتا نومۇرىنىڭ مەخپىي نومۇرىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش

ئاپتوموبىل ئىگىسى بۇ تۈردىكى قاتناش قانۇنىغا خىلاپ ئەسكەرتىش ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ئۇلانمىنى چېكىپ ساختا تور بېكىتىگە كىرگەن ھامان، ئالدامچىلار ئاپتوموبىل ئىگىسىنى كىملىك نومۇرى، بانكا كارتا نومۇرى قاتارلىق شەخسىي ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇشقا ئۈندەپ، ئوغرىلىقچە سۈركەشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

ئۈچىنچى قەدەم: ۋىرۇس كۆچۈرۈش

يەنە بىر خىل ئۇسۇل ئاددىي، قوپال بولۇپ، ئالدامچىلار قىسقا ئۇچۇردا قوشۇپ قويغان تور ئادرېسى ئۇلانمىسىغا مۇما ۋىرۇسى كۆچۈرۈلگەن، ئۇلانمىنى چەككەن ھامان يان تېلېفون قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر «قارا» بولۇپ قالىدۇ، ئالدامچىلار شۇنىڭ بىلەن يەنىمۇ ئوغرىلىقچە سۈركەيدۇ.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ھەقىقىي بولغانقاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقئەسكەرتىشىدە ۋاقىت، ئورۇن، سەۋەبئۆز ئىچىگە ئېلىنغان بولىدۇ، ھېچقانداق ئۇلىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، App چۈشۈرۈشتەلەپ قىلىنمايدۇ.

ھەقىقىي بولغان قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىق ئەسكەرتىشى مۇنداق بولىدۇ

ئەستە چىڭ ساقلاش كېرەككى: «يەمچۈك» قىسقا ئۇچۇرنى ھەرگىز چەكمەسلىك، ناتونۇش تېلېفونغا ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كەتمەسلىك كېرەك.

مۇھىم شەخسىي ئۇچۇر، بانكا كارتىسى ئۇچۇرىنى كىرگۈزۈشكە يولۇققاندا، كۆپرەك دىققەت قىلىش كېرەك!

يۇقىرىقى قىسقا ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇۋالغاندا چوقۇم ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، «ئۈچنى قىلماسلىق» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك: ئىشەنمەسلىك، چەكمەسلىك، شەخسىي ئۇچۇرنى كىرگۈزمەسلىك.

مەخپىي نومۇر ياكى يان تېلېفون دەلىللەش نومۇرى بانكىدىكى پۇل ئامانىتىڭىزنى قوغدايدىغان ئەڭ ئاخىرقى ئۆتكەل، ھەرقانداق نامدىكى تور بېكىتىدە تولدۇرۇشقا، ھەرقانداق ئادەمگە بېرىشكە بولمايدۇ. كىرگۈزۈلگەن ئۇچۇرنى بايقىغان ھامان، دەرھال 110غا تېلېفون قىلىش ياكى بانكا بىلەن ئالاقىلىشىپ يوقالغانلىقىنى مەلۇم قىلىش، مەخپىي نومۇرنى ئۆزگەرتىش كېرەك.

ساقچى تەرەپ شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ئېنىق بولمىغان ئۇلانما، ھېسابات يۆتكەش ئۇچۇرى بار قىسقا ئۇچۇرلارغا پەرۋا قىلماڭ، ھەرگىز ئىشەنمەڭ!

مەنبەسى:شېنجېن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇرى

«تىيانشان تورى»ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇرىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى