شوخلا يېيىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز، سەۋەبى بۇ يەردە (2)

日期:2023年08月18日
来源:天山网
【字体:

شوخلا تۇخۇم قورۇمىسى، شوخلا كالا پەش گۆشى دۈملىمىسى، شوخلا سوغۇق سېيى ... تاماق ئەتكەندە دائىم شوخلىدىن ئايرىلالمايمىز، قورۇما قورۇغاندا ئازراق شوخلىنى توغراپ تاشلىۋەتسەك، قورۇمىلارنىڭ تەمى باشقىچە بولىدۇ. ئەگەر ئالدىراشچىلىقتا قورۇما قورۇشقا ئۈلگۈرەلمىسەك، شوخلىنى بىۋاسىتە خام يېسەكمۇ، ئاددىي، تېز قورساق تويغۇزغىلى بولىدۇ، تەمى چۈچۈمەل، تەملىك.

ئىستېمال قىلىشقا قولاي بولۇش، كىشىلەرنىڭ شوخلىنى ياقتۇرۇپ يېيىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇشتىن باشقا، بەزىلەر يەنە شوخلىدا ۋىتامىن C مول، كۆپ ئىستېمال قىلسا تېرىنى ئاقارتىدۇ، دەپ قارايدۇ. ھەتتا توردا يەنە بەزىلەر «ھەر كۈنى بىر تال شوخلا يەپ بەرسە، يەتتە كۈندە تېرىسى ئاقىرىپ نۇرلىنىدۇ»، «ھەر كۈنى بىر تال شوخلا يەپ بەرسە، بىر ياز تېرە ئاق تۇرىدۇ» دەپ قارىماقتا ...... راست شۇنداقمۇ؟ شوخلا راستتىنلا مۇشۇنداق «سىرلىق»مۇ؟

3

شوخلىنى قانداق تاللاپ سېتىۋالىمىز؟

شوخلىنىڭ تەمى نۇرغۇن ئامىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، تەملىك شوخلا سېتىۋېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تەرەپلەردىن پايدىلىنىشنى تەۋسىيە قىلىمىز:

1. تېرىقچىلىق مۇھىتى: پارنىك بىلەن ئوچۇقچىلىقتا ئۆستۈرۈلگەن شوخلىنىڭ تەمى روشەن پەرقلىنىدۇ، كۈن نۇرى پىگمېنت ۋە تەم ماددىسى قاتارلىق ئىككىلەمچى مېتابولىزم مەھسۇلاتلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق مۇھىت ئامىلى ھېسابلىنىدۇ، پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن شوخلىنىڭ كۈن نۇرى شارائىتى ئوچۇقچىلىقتا ئۆستۈرۈلگەن شوخلىنىكىدەك يېتەرلىك بولمىغاچقا، تەمى ئوچۇقچىلىقتا ئۆستۈرۈلگەن شوخلىنىڭكىگە يەتمەيدۇ.

2. پەسىل: ئەتىيازلىق ئېڭىز مەزگىلدىكى شوخلا تەركىبىدە كۈزلۈك ئېڭىز مەزگىلدىكى شوخلىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ئوكسىدسىزلانغان شېكەر، ۋىتامىن C ۋە لىكوپېن بار، ئۇچۇچان ماددىلارنىڭ تەركىبى ۋە مىقدارىمۇ بىر قەدەر مول، ئومۇمىي جەھەتتىن تەمى ۋە كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشى نىسبەتەن يۇقىرى.

3. پىشىش دەرىجىسى: شوخلا پىشىش جەريانىدا، نۇرغۇن كۆچۈرگۈچى فاكتور، ئىككىلەمچى ھۈجەيرىنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئۆزگىرىشى ۋە ئېتىلېن رولىنىڭ تەڭشىشى بىلەن بىر قاتار ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ، مېۋىنىڭ رەڭگى قېنىقلىشىدۇ، β- كاروتىن، لىكوپېن قاتارلىقلارنىڭ مىقدارىمۇ تەدرىجىي جۇغلىنىپ، مېتابولىزمى تېزلىشىپ، ئۇچۇچان ماددىلارنىڭ مىقدارى ئاشىدۇ، تەمى تەدرىجىي ياخشىلىنىدۇ. شۇڭا پىشىش دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولغان شوخلىنىڭ تەمى شۇنچە ياخشى بولىدۇ.

ئەگەر سېتىۋالغان شوخلا سەل قاتتىق بولسا، ئۆي تېمپېراتۇرىسىدا قويۇپ قويسا بولىدۇ. شوخلا نەپەسلىنىشى تېز ئۆزگىرىش تىپىدىكى مېۋە بولۇپ، ئۆزى پىشىشنى تېزلىتەلەيدۇ.

4. ساقلاش شارائىتى: سېتىۋالغان شوخلىنى توڭلاتقۇدا سوغۇق ساقلىسا، تەمىگە تەسىر يېتىدۇ. چۈنكى شوخلىنى تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ساقلىغاندا DNA مېتىللىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇچۇچان ماددىلارنىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ، تەمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

ئەگەر شوخلا بىر قەدەر قاتتىق بولسا، ئۆي تېمپېراتۇرىسىدا ساقلاشقا بولىدۇ؛ ئەگەر سەل يۇمشاپ قالغان بولسا، شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە ئىستېمال قىلىپ بولالمىغان بولسا، ھاۋا ئۆتكۈزىدىغان قۇتىغا سېلىپ، توڭلاتقۇدا سوغۇق ساقلاشقا بولىدۇ.

4

بۇ شوخلىلارنى يېيىشكە بولمايدۇ!

شوخلا يېيىشلىك، لېكىن قالايمىقان يېيىشكە بولمايدۇ. بازاردىن مۇنتىزىم يوللار ئارقىلىق سېتىۋالغان شوخلىلاردىن ئەنسىرىمەڭ، چۈنكى ئۇلار پىشقاندا ئاندىن بازارغا سېلىنىدۇ، ئەمما ئۆزى تېرىغان شوخلىلار ئەگەر تېخى پىشمىغان بولسا يېمەسلىك كېرەك (يېشىل رەڭلىك سورت بۇنىڭ سىرتىدا)، زەھەرلىنىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.

چۈنكى پىشمىغان كۆك شوخلىنىڭ تەركىبىدە ئىتئۈزۈمى ماددىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ، بۇ پىدىگەن ئىشقارى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ خىل تەركىب شوخلىنىڭ پىشىش دەرىجىسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ تەدرىجىي تۆۋەنلەيدۇ. ئەگەر پىشمىغان كۆك رەڭلىك شوخلىنى يېسە زەھەرلىنىپ، قورساق ئاغرىش، قۇلاق غوڭۇلداش، باش قېيىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا نەپەس قىيىنلىشىش، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

خۇلاسە: ھەر كۈنى بىر تال شوخلا يېسە سالامەتلىككە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ئىشتىھانى ئاچىدۇ، شۇڭا، شوخلا يېيىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز!