دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى پىيادە مېڭىش ئەڭ ياخشى ھەرىكەت دېدى، شۇنداقمۇ؟ بۇنىڭدا سىزنىڭ قانداق مېڭىشىڭىزغا قاراش كېرەك

日期:2023年07月25日
来源:天山网
【字体:

پىتنە- ئىغۋا

بىز دائىم WHO (دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى)نىڭ پىيادە مېڭىش ئەڭ ياخشى ھەرىكەت دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز.

WHO: مېنىڭ ئەسلىي سۆزۈم بۇنداق ئەمەس! مەن پەقەت پىيادە مېڭىشنى مىسال قىلدىم، مەن ئاساسلىقى ھەرىكەت ۋاقتى، ھەرىكەت سىجىللىقى ۋە ھەرىكەت قېتىم سانىنى تەۋسىيە قىلدىم.

تەھلىل

خەنزۇ يېزىقىدىكى مېڭىشنى بىلدۈرىدىغان «走» بولسا بىر تەسۋىرىي خەت، چىغىناق- تارغاق يېزىقىدا «走» خېتى خۇددى بىر ئادەمنىڭ بىلىكىنى تاشلاپ چوڭ قەدەم بىلەن ئالدىغا قاراپ يۈگۈرگىنىگە ئوخشايدۇ، قەدىمكى يېزىقتا «走» مۇئەييەن يۈگۈرۈش مەنىسىگە ئىگە، مەسىلەن، بىز دائىم دەيدىغان «ئاتلىق مېڭىپ گۈل كۆرۈش»تىكى «مېڭىش» مەلۇم دەرىجىدە يۈگۈرۈش مەنىسىگە ئىگە. «走» خېتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، «走»نىڭ تەدرىجىي ھالدا يۈگۈرۈش مەنىسى ئاجىزلىشىپ، مەخسۇس پۇتنىڭ يۆتكىلىشىنى كۆرسىتىدىغان بولدى، مەسىلەن، يۈرۈش، پىيادە مېڭىش.

ئىلگىرى كىشىلەر ئادەتتە قىسقا ئارىلىققا سەپەرگە چىققاندا مېڭىشقا تايىناتتى، دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، تۈرلۈك قاتناش بىزنىڭ كۈندىلىك سەپەرگە چىقىش ئۇسۇلىمىزنى ئۆزگەرتتى، مېڭىشمۇ تەدرىجىي ھالدا كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك قاتناش ئۇسۇلىدىن كۈندىلىك چېنىقىش ئۇسۇلىغا ئۆزگەردى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 1992- يىلىدىكى ۋېنا خىتابنامىسىدە ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پىيادە مېڭىش ئەڭ ياخشى ھەرىكەت ئۇسۇلى، دەپ ئوتتۇرىغا قويغان، مانا بۇ، كىشىلەر دائىم دەيدىغان «WHO ئېيتقان، پىيادە مېڭىش ئەڭ ياخشى ھەرىكەت» دېگەن گەپنىڭ مەنبەسى. لېكىن، كىشىلەر دائىم ھەرىكەت ۋاقتى، ھەرىكەت قېتىم سانى ۋە ھەرىكەت سىجىللىقىدىن ئىبارەت ئاساسلىق ئامىللارغا سەل قارايدۇ.

ھاياتلىق ھەرىكەتتە، لېكىن ھەرىكەت قىلىشتىن ئىلگىرى بىز ئۆزىمىزنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە قىزىقىشىمىزغا ئاساسەن، ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان ھەرىكەت ئۇسۇلىنى تاللىشىمىز كېرەك، پەقەت مۇۋاپىق ھەرىكەت ئۇسۇلى بولغاندىلا، ئاندىن ھەرىكەتنىڭ خۇشاللىقىنى تېخىمۇ ياخشى ھېس قىلالايمىز.

دۆلىتىمىزنىڭ «2020- يىللىق ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئاخباراتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، پىيادە مېڭىش ۋە يۈگۈرۈش قۇرامىغا يەتكەنلەر قاتنىشىدىغان تەنھەرىكەت تۈرلىرى ئىچىدە ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن، بۇنىڭدىن مەيدان، ۋاقىت ۋە ياش چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان پىيادە مېڭىش ۋە يۈگۈرۈشنىڭ قۇرامىغا يەتكەنلەر قىزىقىدىغان تەنھەرىكەت تۈرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

ئىلمىي بەدەن چېنىقتۇرۇش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، پەقەت مۇۋاپىق تەنھەرىكەت تۈرى بولسىلا كۇپايە قىلمايدۇ، بىز يەنە مۇۋاپىق ھەرىكەت مىقدارى ئارقىلىق ياخشى بولغان بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۈنۈمىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. «دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بەدەن پائالىيىتى ۋە ئۇزاق ئولتۇرۇش ھەرىكىتى توغرىسىدىكى كۆرسەتمىسى (2020- يىلى)»دە، ئوخشاش بولمىغان ياش باسقۇچىدىكى كىشىلەرگە بەدەن پائالىيىتىنى تەۋسىيە قىلىش پىرىنسىپىدىن قارىغاندا، ئۇزاق ئولتۇرۇپ مىدىرلىماسلىق ھەرىكىتى سالامەتلىككە پايدىسىز ھەرىكەت بولۇپ، كىشىلەر ھەرقانداق تۈردىكى بەدەن پائالىيىتىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق ئۇزاق ئولتۇرۇش ھەرىكىتىنى ئازايتسا بولىدۇ، بۇنداق قىلغاندا يۈرەك، بەدەنگە پايدىلىق بولىدۇ ۋە روھى كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھەرقانداق سىجىللىقتىكى بەدەن ھەرىكىتى يوقتىن ياخشى، بارلىق بەدەن ھەرىكىتى پايدىلىق، 65 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار تەڭپۇڭلۇق، ماسلىشىش ۋە مۇسكۇل كۈچىنى ئاشۇرىدىغان بەدەن ھەرىكىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

پىيادە مېڭىشنى مىسالغا ئالساق، پىيادە مېڭىش سەيلە قىلىش بىلەن يورغىلاپ مېڭىش ئوتتۇرىسىدىكى بىر خىل ھەرىكەت شەكلى بولۇپ، ياش، جىنس، جىسمانىي كۈچ قاتارلىق جەھەتلەردىكى چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ، ئۇ ئاددىي، ئاسان، تەننەرخى تۆۋەن، پايدىسى كۆپ بولغان چېنىقىش ئۇسۇلىغا تەۋە. ئىلمىي پىيادە مېڭىش يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارى، مۇسكۇللارنىڭ چىدامچانلىقىنى ئۈنۈملۈك يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان يۈرەك ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىدۇ ھەم قاننىڭ ئوكسىگېن ئېلىپ يۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك كۈچەيتىدۇ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئۈنۈملۈك يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، پىسخىكىلىق ئەھۋال ۋە ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلايدۇ.

پىيادە مېڭىش گەرچە ياخشى بولسىمۇ، لېكىن بىز يەنە بەزىلەرنىڭ «پىيادە مېڭىپ ئەسلىدە ئورۇقلىماقچى بولغان، نەتىجىدە ئورۇقلىمايلا قالماستىن، ئەكسىچە مېڭىۋېتىپ ماڭالماي قېلىۋاتىمەن، تىزىم بەرداشلىق بېرەلمىدى، ھەتتا يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچەكمۇ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى»، دېگىنىنى ئاڭلايمىز. بۇنداق نەتىجىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ھەرىكەت قېلىپلاشماسلىق، ھەرىكەت سىجىللىقى زىيادە چوڭ بولۇش، داۋاملىشىش ۋاقتى زىيادە ئۇزۇن بولۇش، مېڭىشتىن بۇرۇن بەدەن قىزىتماسلىق، ماڭغاندىن كېيىن سوزماسلىق قاتارلىق بىرقانچە جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ.

خۇلاسە

پىيادە مېڭىش ئارقىلىق ساغلاملىق پايدىسىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ «بەدەن ھەرىكىتى ۋە ئۇزاق ئولتۇرۇش ھەرىكىتى توغرىسىدىكى كۆرسەتمىسى(2020- يىلى)»دىكى تەۋسىيەسىگە ئاساسەن، پىيادە مېڭىشنىڭ توغرا ھالىتىنى ساقلاش ئاساسىدا، قۇرامىغا يەتكەنلەر، ياشانغانلارنىڭ ھەر ھەپتىدە جەمئىي ئاز دېگەندە 150 - 300 مىنۇت ئوتتۇرا ھال سىجىللىقتا ياكى ئاز دېگەندە 75 - 150 مىنۇت بىرقەدەر يۇقىرى سىجىللىقتا پىيادە مېڭىشى كېرەك، ئەگەر ئارتۇقچە ساغلاملىق پاراۋانلىقىغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم مۇسكۇل كۈچەيتىش ھەرىكىتى قىلىشىڭىز كېرەك.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى