ئايروپىلان سىلكىنىشكە ئۇچرىغاندا، يولۇچىلار ئۆزىنى قانداق قوغدىشى كېرەك؟ بۇ ئەپچىل چارىلەرنى ياخشى ساقلىۋېلىڭ!

日期:2023年07月11日
来源:天山网
【字体:

7- ئاينىڭ 10- كۈنى، نۇرغۇن تورداش ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا، شاڭخەيدىن بېيجىڭغا ئۇچقان CA1524 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ بوشلۇقتا ئېغىر سىلكىنگەنلىكىنى، ھەتتا «ئايروخانقىز ۋە يولۇچى قاڭقىپ چىقىپ ئايروپىلاننىڭ تورۇسىغا ئۇرۇلغان» ئەھۋال يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى (ئۈستىدىكى سىنغا قاراڭ).

ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان، پۈتۈن دۇنيادا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يىلى 5000دىن ئارتۇق ئايروپىلاننىڭ قاتتىق سىلكىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ئايروپىلاننىڭ سىلكىنىشى قايسى ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن بولىدۇ؟ سىلكىنىشكە ئۇچرىغاندا، ئۆزىمىزنى قانداق قوغدىشىمىز كېرەك؟ قېنى، بىرلىكتە چۈشىنىپ باقايلى.

ئايروپىلان نېمىشقا سىلكىنىدۇ؟

بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى قايناملىق ھاۋا ئېقىمى ياكى تۇراقسىز ھاۋا ئېقىمىدىن ئىبارەت.

ئايروپىلان ھاۋا بوشلۇقىدا يۇقىرى سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلىدۇ. ھاۋا ئېقىمى تىنچ بولغان ئەھۋالدا، ئايروپىلان ئۆزىنىڭ سۈرئىتى، ئېگىزلىكى ۋە ئۇچۇش يۆنىلىشىنى ساقلاپ قالالايدۇ، يولۇچىلار ئايروپىلاننىڭ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاساسەن ھېس قىلالمايدۇ.

ئاتموسفېرا قاتلىمىدا، ئادەتتە ئىسسىقلىقنىڭ تارقىلىشى تەكشى بولماسلىق، يەر شەكلى ۋە يەر ئەھۋالىنىڭ توسۇشى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن تۇراقسىز ھاۋا ئېقىمى پەيدا بولىدۇ، بۇ تۇراقسىز ھاۋا ئېقىمىنىڭ دائىرىسى چوڭ ياكى كىچىك بولۇپ، يۆنىلىشى ۋە سۈرئىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

ئەگەر ئايروپىلان قايناملىق ھاۋا ئېقىمىغا كىرىپ قالسا، ئۇ ھالدا قايناملىق ھاۋا ئېقىمى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ھالىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يولۇچىلارغا سىلكىنىش تەسىرى بېرىدۇ.

ھاۋا بوشلۇقىدا سىلكىنىشنىڭ تۈرى

يېنىك دەرىجىلىك سىلكىنىش

ئورنىدا ئولتۇرغان يولۇچىلار بېزىندىنىڭ يېنىك تارتىشىغا ئۇچرىغانلىقىنى ھېس قىلىشى مۇمكىن، مۇقىملاشتۇرۇلمىغان جىسىملار جايىدىن ئازراق يۆتكىلىدۇ. يولۇچىلار يولۇچىلار بۆلمىسىدە ماڭغاندا ھىچقانداق قىينالمايدۇ، شۇنداقلا يولۇچىلار بۆلمىسىنىڭ مۇلازىمىتىگىمۇ تەسىر يەتمەيدۇ.

ئوتتۇرا دەرىجىلىك سىلكىنىش

ئورنىدا ئولتۇرغان يولۇچىلار بېزىندىنىڭ تارتىشىغا ئۇچرىغانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ، ئىچىملىك سۇ ئىستاكاندىن تۆكۈلۈپ كېتىشى مۇمكىن، يولۇچىلار بۆلمىسىنىڭ مۇلازىمىتى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، يولۇچىلار يولۇچىلار بۆلمىسىدە ماڭغاندا خېلى قىينىلىدۇ، مۇقىملاشتۇرۇلمىغان جىسىملار سىلكىنىش سەۋەبىدىن جايىدىن يۆتكىلىدۇ.

ئېغىر دەرىجىلىك سىلكىنىش

ئورنىدا ئولتۇرغان يولۇچىلار بېزىندە ياكى مۈرە تاسمىسىنىڭ كۈچلۈك تارتىشىغا ئۇچرىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، مۇقىملاشتۇرۇلمىغان جىسىملار ئالدى- كەينىگە، ئوڭ- سولغا تەۋرىنىدۇ، ھەتتا جايىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ، يولۇچىلار بۆلمىسى مۇلازىمىتى قىلغىلى بولمايدۇ.

قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئايروپىلان بىر قەدەر كۈچلۈك سىلكىنىشكە ئۇچرايدۇ؟

ھاۋا بوشلۇقى قوبۇل قىلغان ئىسسىقلىق تەكشى بولمىغاندا.ھاۋا تېمپېراتۇرىسى بىر قەدەر يۇقىرى، يەر يۈزىنىڭ يەر شەكلى نىسبەتەن مۇرەككەپ بولغاندا، يەر يۈزى قوبۇل قىلغان ئىسسىقلىقنىڭ تەكشى بولماسلىقى پەيدا قىلغان ھاۋانىڭ دولقۇنلىنىشى بىر قەدەر كۈچلۈك سىلكىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ، ياز پەسلىدە ئاپتاپ كۈچلۈك بولغان چۈش ۋاقتىدا، ئايروپىلان يەردىن كۆتۈرۈلگەن ۋە يەرگە قونۇۋاتقان باسقۇچتا بۇنداق ھاۋانىڭ دولقۇنلىنىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان سىلكىنىش ئەڭ كۆپ بولىدۇ.

ئايروپىلانلار ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشكەندە.ئايروپىلان ئۇچۇپ ئۆتكەن رايوندا قالايمىقان ئېقىم پەيدا بولىدۇ. ئەگەر ئىككى ئايروپىلاننىڭ ئارىلىقى بەك يېقىن بولسا، ئالدىدىكى ئايروپىلاننىڭ ئارقىسىدا قالغان ئېقىم رايونىنىڭ قايناملىق ھاۋا ئېقىمى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ، بۇ، كەينىدىكى ئايروپىلاندا كۈچلۈك سىلكىنىش پەيدا قىلىدۇ.

بورانلىق ھاۋا رايىدا.ھاۋا ئېقىمى تەكشى بولمىغان يەر يۈزى، مەسىلەن، تاغلىق رايون ۋە شەھەرلەردىن ئۆتكەندە، بىر قەدەر كۈچلۈك سىلكىنىش پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، ئايروپىلان بورانلىق كۈنلەردە ئېگىزلىك رايونىدا ئۇچقاندا ياكى بوراننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئايرودرومدىن ھاۋا بوشلۇقىغا كۆتۈرۈلگەندە، يەر يۈزىگە قونغاندا كۈچلۈك سىلكىنىشكە ئۇچرايدۇ.

گۈلدۈرمامىلىق ھاۋا رايىدا.ئايروپىلان قويۇق توپ بۇلۇت ياكى يامغۇرلۇق توپ بۇلۇتقا كىرىپ قالغاندىمۇ كۈچلۈك سىلكىنىش پەيدا بولىدۇ، يەنە چاقماق ياكى مۆلدۈرگە ئۇچراپ قېلىپ، ئايروپىلان زىيانغا ئۇچرىشى مۇمكىن. مۇشۇنداق ناچار ھاۋا رايى ئالامىتىنىڭ ئەتراپىدا ئۇچقاندىمۇ، ئايروپىلاننىڭ كۈچلۈك سىلكىنىشكە ئۇچراش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ.

ئوچۇق ئاسماندا.يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇش باسقۇچىدا، يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقى شامىلى جىددىي ئۆزگەرگەندە ياكى ھاۋا بوشلۇقى قوبۇل قىلغان ئىسسىقلىق تەكشى بولمىغاندا، كۆز بىلەن سەزگىلى بولمايدىغان قايناملىق ھاۋا ئېقىمى پەيدا بولۇپ، ئاسانلا ئوچۇق ئاسماندا سىلكىنىش پەيدا بولىدۇ. بۇنداق تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن كۈچلۈك سىلكىنىش ئادەمنى ئەڭ ئاسان يارىلاندۇرىدۇ، چۈنكى يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدىكى تەكشى سۈرئەتتە ئۇچۇش باسقۇچىدا، كۆپچىلىك ئاسانلا ھوشيارلىقىنى بوشاشتۇرۇپ قويىدۇ.

 قاتتىق سىلكىنىش يۈز بەرسە، ئايروپىلان خەتەرگە ئۇچرامدۇ؟

بوشلۇقتا سىلكىنىشنىڭ ئايروپىلاننىڭ ئۆزىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئىنتايىن كىچىك بولىدۇ.

ئىنسانلار ئايروپىلاننىڭ بىخەتەرلىكىگە ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بالدۇرلا سىلكىنىشقا قارىتىلغان بىر يۈرۈش ئالدىنى ئېلىش ئېلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ بولغان.

1- مۇداپىئە لىنىيەسى،ئايروپىلان گەۋدىسىنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى جەھەتتە، ئايروپىلان ئىشلىتىشكە كىرىشىشتىن بۇرۇن چوقۇم ستاتىكلىق كۈچ سىنىقى ۋە چارچاش سىنىقىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك سىناقتىن ئۆتۈشى كېرەك.

ستاتىكلىق كۈچ سىنىقىدا، ئايروپىلان ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچقاندا بارلىق كۈچ تەسىرىگە ئۇچراش ئەھۋالى تەقلىد قىلىنىپ، ئايروپىلان قۇرۇلمىسىنىڭ چىڭلىقى ۋە كۈچلۈكلۈكىنىڭ لايىھەدىكى تەلەپكە يەتكەن- يەتمىگەنلىكى تەكشۈرۈپ دەلىللىنىدۇ.

چارچاش سىنىقىدا، ئايروپىلان يېتەرلىك كۈچكە بەرداشلىق بېرىشتىن باشقا، يەنە بۇ كۈچ يۈكلەنگەندىن كېيىن يەنە بوشىتىۋېتىشتىن كېلىپ چىققان يۈك ئۆزگىرىشىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئايروپىلاننىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش مەزگىلىدە ئەڭ كۆپ بولغاندا 200 مىڭ قېتىمدىن 300 مىڭ قېتىمغىچە بولغان ھاۋا بوشلۇقىغا كۆتۈرۈلۈش ۋە يەر يۈزىگە قونۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.

بۇ ئىككى خىل قاتتىق سىناق ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشى جەريانىدىكى ھەر خىل قىيىن ئەھۋاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھاۋادىكى سىلكىنىشتىن ئىبارەت بۇنداق ئادەتتىكى كەچۈرمىش، بۇ سىناقلار ئالدىدا پەقەت «كىچىك بىر مەسىلە» خالاس.

2- مۇداپىئە لىنىيەسى،ئايروپىلان گۇرۇپپىسىنىڭ مەشغۇلات ئۆلچىمى.

خەلق ئاۋىياتسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچقۇچىلىرى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن مۇرەككەپ ھاۋا رايى شارائىتىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەربىيەلىنىدۇ ۋە باھالىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئايروپىلانغا ئورنىتىلغان ھاۋا رايى رادارىمۇ ھەر خىل تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ھاۋا رايى ئۇچۇرىنى ئاپتوماتىك ئىزدەيدۇ ۋە پەرقلەندۈرىدۇ، قوشۇمچە ئايروپىلان گۇرۇپپىسى ھەر خىل شارائىتتا پەيدا بولغان سىلكىنىشكە ئاسان تاقابىل تۇرالايدۇ.

3- مۇداپىئە لىنىيەسى،ئاۋىياتسىيەنى نازارەت قىلىش- تىزگىنلەش ۋە ھاۋا رايىدىن ئالدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسى.

يەر يۈزىدىكى ھاۋا رايى رادارى ھاۋا بوشلۇقىغا كۆتۈرۈلىدىغان، يەر يۈزىگە قونىدىغان ئايرودۇرۇم، ھاۋا يولى، ھاۋا يولى بۆلىكى ۋە زاپاس ئايرودۇرۇم قاتارلىق جايلارنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىكى ھاۋا رايى ئەھۋالىنى كۆزىتىپ ئۆلچەيدۇ ۋە ئالدىن مەلۇمات بېرىدۇ. ئەگەر خەتەرلىك ھاۋارايى كۆرۈلسە، يەر يۈزىدىكىلەر ئايروپىلاننىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا كۆتۈرۈلۈشىگە رۇخسەت قىلمايدۇ.

شۇڭا، قاتتىق سىلكىنىش جەريانىدا، يولۇچىلار ئايروپىلان قۇرۇلمىسىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ. ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىكى، ئۆزىنى قانداق قوغداش.

ئايروپىلان سىلكىنگەندە، يولۇچىلار قانداق قىلىشى كېرەك؟

بېزىندىنى ياخشى تاقاش كېرەك

ئورۇندۇقتا ئولتۇرغانلا بولسا، بېزىندىنى تاقاش كېرەك، بۇ بىر خىل ياخشى ئۇچۇش ئادىتى بولۇپ، تۇيۇقسىز سىلكىنىشتىن كېلىپ چىقىدىغان جىسمانىي زەخىملىنىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

يېنىدىكى مۇقىم جىسىمنى تۇتۇۋېلىش كېرەك

ئەگەر يولۇچىلار كارىدوردا مېڭىۋاتقان بولسا، دەرھال يېنىدىكى بوش ئورۇننى تېپىپ ياخشى ئولتۇرۇشى ھەم بېزىندىنى باغلىۋېلىشى كېرەك. ئەگەر ئەتراپتا بوش ئورۇن بولمىسا، دەرھال زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، ئىككى تەرەپتىكى ئورۇندىكى تۇتقىلى بولىدىغان ھەرقانداق نەرسىنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ، ئۆزىنى مۇقىملاشتۇرسا بولىدۇ، ياكى بولمىسا ياندىكى يولۇچىنىڭ قۇچىقىغا ئولتۇرۇپ، قارشى تەرەپكە «مېنى چىڭ قۇچاقلىۋېلىڭ» دەپ توۋلىسا ھەم ئورۇندۇق يۆلەنچۈكى قاتارلىق نەرسىلەرنى كۈچىنىڭ بارىچە چىڭ تۇتۇپ، ئۆزىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، يارىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

ئەگەر يولۇچى تازىلىق ئۆيىنى ئىشلىتىۋاتقان بولسا، دەرھال زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، ھاجەتداننىڭ يېنىدىكى تۇتقۇچنى چىڭ تۇتۇپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئامال بار قورقۇش پىسخىكىسىنى يېڭىش كېرەك

قاتتىق سىلكىنىش يۈز بەرگەندە، يولۇچىلاردا ئېغىرلىقنى يوقىتىش سېزىمى بولىدۇ، بەزىلەردە كۆڭلى ئېلىشىش، بېشى قېيىش ۋە قۇسۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، نۇرغۇن كىشى بۇنىڭدىن بەك قورقۇپ كېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا چوقۇم ئالاقزادە بولماسلىق، مۇقىم روھىي ھالەتنى ساقلاش، ئامال بار باشنى ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىگە تىرەپ مىدىرلىماي، باش قېيىشنى پەسەيتىش كېرەك.

ئايروپىلاننىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىدىكى ئورۇننى تاللاش كېرەك

بەزى يولۇچىلار ئايروپىلانغا ئولتۇرغاندا، ھاۋا ئېقىمى پەيدا قىلغان سىلكىنىشكە يولۇققاندا بەك جىددىيلىشىپ كېتىدۇ، ھەتتا بىر قىسىم يولۇچىلار سىلكىنىشتىن ئەنسىرىگەنلىكتىن، «ئۇچۇشتىن قورقۇش كېسىلى»گە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بار بولسا، ئايروپىلانغا ئولتۇرغاندا ئايروپىلاننىڭ ئېغىرلىق مەركىزىگە يېقىن جايدىكى ئورۇننى تاللاش كېرەك. ئايروپىلاننىڭ ئارقا قىسمىنىڭ سىلكىنىش دەرىجىسى ئالدى قىسمىدىن چوڭراق بولىدۇ، ئادەتتە ئايروپىلاننىڭ قانىتىنىڭ ئۇدۇلىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرا بۆلىكى ئەتراپىدا سىلكىنىشنىڭ دەرىجىسى نىسبەتەن كىچىك بولىدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: «بېيجىڭ گېزىتى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى