مۇھەببەتلىشىۋاتقان مەزگىلىدىكى يۆتكەپ بەرگەن پۇل ھەدىيە ياكى بەرگەن قەرز پۇل ھېسابلىنامدۇ؟ سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم قىلدى

日期:2023年05月24日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىمۇخبىرىۋاڭ چېن، ئىختىيارىي مۇخبىرخوۋ جىدەن

ئاشىق- مەشۇقلار مۇھەببەتلەشكەن مەزگىلدە دائىم ئۆزئارا قىزىل بولاق ئەۋەتىپ ياكى ھېسابات يۆتكەپ، مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيدۇ، لېكىن ئايرىلىپ كەتسە، شۇنىڭغا ئەگىشىپلا ماجىرامۇ يۈز بېرىدۇ. ئۇنداقتا ئاشىق- مەشۇقلارنىڭ مۇھەببەتلىشىۋاتقان مەزگىلىدىكى يۆتكەپ بەرگەن پۇل قەرز بېرىشقا كىرەمدۇ ياكى ھەدىيە قىلىشقا كىرەمدۇ؟ قايتۇرىۋېلىشنى تەشەببۇس قىلسا بولامدۇ؟ كۇچا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى قاراپ چىققان بۇ دېلونى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

شياۋ جوۋ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) بىلەن شياۋ جىڭ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئەسلىدە ئاشىق- مەشۇقلار ئىدى، 2020- يىلى 4- ئايدىن 2022- يىلى 4- ئايغىچە بولغان مەزگىلدە، ئىككى تەرەپنىڭ مەبلەغ ئالاقىسى كۆپەيدى، شياۋ جوۋ ۋېيشىن قىزىل بولىقى ياكى ۋېيشىندا پۇل يۆتكەپ بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، شياۋ جىڭغا ئارقا- ئارقىدىن 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل بەردى. ئىككىيلەن ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن، شياۋ جوۋ شياۋ جىڭ ئۈستىدىن كۇچا شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىپ، شياۋ جىڭدىن 20 مىڭ يۈەن قەرز پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

شياۋجىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ پۇللار قەرز پۇلغا كىرمەيدۇ، ھەممىسىنى شياۋجوۋ مۇھەببەتلەشكەن مەزگىلدە ماڭا ھەدىيە قىلغان، ئىككى تەرەپ مۇھەببەتلىشىش مۇناسىۋىتىنى بېكىتكەندىن كېيىن، شياۋجوۋ مۇھەببىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن دائىم مېنى تاماققا چاقىراتتى، ھەم ماڭا كىيىم- كېچەك، گىرىم بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىشىمغا پۇل يۆتكەپ بېرەتتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى كۈندىلىك تۇرمۇش ئىستېمال چىقىمى بولۇپ، مۇھەببەتلەشكەن مەزگىلدىكى ھەدىيە قىلىشقا كىرىدۇ، كۆپ سوممىلىق پۇل يۆتكەش ياكى قەرز بېرىش ئەمەس، شۇڭا قايتۇرمايمەن.

كۇچا شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىش ئارقىلىق مۇنداق قارىدى: بۇ دېلودا دەۋاگەر بىلەن جاۋابكار ئىككىلا تەرەپ ئىلگىرى مۇھەببەتلەشكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى، دەۋاگەر جاۋابكاردىن قەرز پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلدى، قەرز ئالغانلىق ئاساسىنى دەلىل- ئىسپات كۆرسىتىپ ئىسپاتلىشى كېرەك. بۇ دېلودا تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان پاكىت ئەھۋالىدىن قارىغاندا، دەۋاگەر، جاۋابكار ئارىسىدىكى مەبلەغ يۆتكەش مۇئامىلىسى بىر قەدەر كۆپ، سوممىسى 0.52 يۈەن، 66 يۈەن، 520 يۈەندىن 1314 يۈەنگىچە بولغان، لېكىن دەۋاگەر پەقەت پۇل يۆتكەش خاتىرىسى بىلەن تەمىنلەپ، پۇل بېرىش قىلمىشى يۈز بەرگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا قەرز ئېلىش پىكىر بىرلىكى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپات كۆرسەتمىگەن، شۇنداقلا بۇ پۇلنىڭ خاراكتېرىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپات بىلەن تەمىنلىمىگەن، كۆرسەتكەن دەلىل- ئىسپات ئۆزى تەشەببۇس قىلغان پاكىتنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەن، دەلىل- ئىسپات كۆرسىتەلمەسلىكنىڭ قانۇن ئاقىۋىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

شۇڭا، شياۋ جوۋنىڭ ئىككى تەرەپ ئارىسىدا قەرز بېرىش- قەرز ئېلىش مۇناسىۋىتى مەۋجۇت دېگەن تەشەببۇسىدا دەلىل- ئىسپات تولۇق ئەمەس، سوت مەھكىمىسى قوللىمايدۇ. يېقىندا، كۇچا شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى شياۋجوۋنىڭ دەۋا ئىلتىماس- تەلىپىنى رەت قىلىش ھەققىدە ھۆكۈم چىقاردى.

سوتچىنىڭ قانۇننى چۈشەندۈرۈشى

خەلق ئىچىدىكى قەرز بېرىش- قەرز ئېلىش دېلولىرىدا، سوت مەھكىمىسى ئىككى تەرەپنىڭ قەرز بېرىش- قەرز ئېلىش مۇناسىۋىتى بار- يوقلۇقىنى بېكىتكەندە، بىرىنچىدىن، قەرز بېرىش- قەرز ئېلىش پىكرىنىڭ بىردەك بولغان- بولمىغانلىقىنى، يەنى يازما ياكى ئاغزاكى شەكىلدە ئىپادىلەنگەن خەلق ئىچى قەرز بېرىش- قەرز ئېلىش توختامىنى تەكشۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ قەرز بېرىش- قەرز ئېلىشتا بىردەك پىكىرگە كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ؛ ئىككىنچىدىن، پۇلنى ئەمەلىي تاپشۇرۇلغانلىق پاكىتىنىڭ بار- يوقلۇقىنى تەكشۈرەيدۇ. بۇ ئىككى ئامىل جەزمەن بىرلا ۋاقىتتا ھازىرلىنىشى كېرەك، بىرى كەم بولسا بولمايدۇ.

سوتچىنىڭ ئەسكەرتمىسى

مۇھەببەت گەرچە شېرىن بولسىمۇ، پۇل يۆتكەشتە ئېھتىيات قىلىشقا توغرا كېلىدۇ! كېيىن ئىختىلاپ كۆرۈلگەندە دەلىل- ئىسپات كۆرسىتەلمەسلىكتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مۇھەببەتلەشكەن مەزگىلدە پۇل- مال ئالاقىسى يۈز بېرىپ، ئەگەر قەرز بېرىش- قەرز ئېلىش مۇناسىۋىتى بولسا، ئالاقىدار ئىككى تەرەپنىڭ ۋاقتىدا يازما قەرز ئېلىش توختامى ياكى كېلىشىمى ئىمزالىشىنى، پۇل تاپشۇرغاندا ئىمكانقەدەر بانكا ئارقىلىق پۇل يۆتكەش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئىسپات قالدۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز، مەسىلەن، قەرز ھۆججىتى، خەت- چەك، ئىزاھات قاتارلىقلار.