يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئۆزگىرىشى تېز بولۇۋاتقان ئەھۋالدا ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ يەنە پايدىسى بارمۇ؟ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلاپ بېقىڭ!

日期:2023年05月24日
来源:天山网
【字体:

ھازىر، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ XBB ئۆزگەرگەن تۈپى دۆلىتىمىزدىكى ئاساسىي ئېقىم ئۆزگەرگەن ۋىرۇس تۈپىگە ئايلاندى. جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزى ئاشكارىلىغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، XBB ئۆزگەرگەن ۋىرۇس تۈپىدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتى 2- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى %0.2تىن ئۆرلەپ 4- ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا %74.4كە، ئاندىن 5- ئاينىڭ باشلىرىدا يەنە %83.6كە يېتىپ، داۋاملىق ئۆرلىگەن.

بۇنىڭدىن باشقا، «جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزى ھەپتىلىك مەلۇماتى»دا مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئېلان قىلىنغان 2- قېتىملىق يۇقۇملىنىش توغرىسىدىكى تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، تەكشۈرۈشكە قاتناشقان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان 368 كىشى ئىچىدە 104ى قايتا يۇقۇملانغان، نۇرغۇن قايتا يۇقۇملانغۇچى ئىلگىرى كۈچەيتمە ۋاكسىنىسىنى ئەملەتكەن ئىكەن.

ئۇنداقتا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى يەنە ئەملىتىش كېرەكمۇ؟ قانداق ۋاكسىنا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ؟ 5- ئاينىڭ 18- كۈنى، پەن- تېخنىكا گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلدى.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ئۇدا ئۆزگىرىۋاتقان ئەھۋالدا، ۋاكسىنىسىنى داۋاملىق ئەملىتىش كېرەكمۇ؟

«ۋىرۇسنىڭ ئۆزگىرىش ئورنىدىكى ئامىنو كىسلاتاسىنى دەل جايىدا ئۆزگەرتكەندە، ماس كېلىدىغان ئۆزگەرگەن تۈپ ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققىلى بولىدۇ». خۇ جېنشياڭ مۇنداق دېدى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئۆزگەرگەن تۈپ ۋە ئۇنىڭ تەرتىپىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئورۇنلىرى ھازىرقى بار بولغان سۇپىدا ۋىرۇسنىڭ ئۆزگىرىش نۇقتىسىغا قارىتا «ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرىدۇ»، تەتقىق قىلىپ ياساشقا ئۇزاق ۋاقىت كېتىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر- سەنئىتى، سۈپەتنى كونترول قىلىش قاتارلىق ئىزدىنىش جەريانىنى ئۆزگەرتمىسىمۇ بولىدۇ. شۇڭا قايتا گۇرۇپپىلانغان ئاقسىل ۋاكسىنىسى تېخنىكىسى ئارقىلىق بىخەتەر، ئۈنۈملۈك ئۆزگەرگەن تۈپ ۋاكسىنىسىنى تېز سۈرئەتتە تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققىلى بولىدۇ، بۇ، نۆۋەتتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك تېخنىكا لىنىيەلىرىنىڭ بىرى، دەپ قارالماقتا.

«مەسىلەن، بىز XBB تارمىقىغا قارىتا ۋاكسىنا لايىھەلىگەندە، BA.5 قاتارلىق قېچىپ كېتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان ۋىرۇس تۈپىنىڭ ئۆزگىرىش نۇقتىسىنى ئويلىشىپ تۇرۇپ، ئەلالاشتۇرىمىز.» خۇ جېنشياڭ مۇنداق دېدى: ھازىرقى تېخنىكا نۇقتىسىدىن قارىغاندا، «ۋاكسىنىنى ۋىرۇسقا ئەگىشىپ ئۆزگەرتىش»نى ۋاقتىدا ئىشقا ئاشۇرغىلى، قىلغىلى بولىدۇ.

ئۇنداقتا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ئۆزگىرىشتىن توختىمىغان ئىكەن، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى داۋاملىق ئەملەش كېرەكمۇ؟

شيې لياڭجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ياساش خىزمىتىدىكى ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك نىشان ھەممىباب ۋاكسىنىنى تەتقىق قىلىپ ياساش، يەنى، بىر ۋاكسىنا ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئۆزگەرگەن تۈپىدىن يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغاندا، ۋاكسىنىنىڭ قوغداش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتىپلا قالماي، يەنە ۋاكسىنىنىڭ قوغداش مۇددىتىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇپ، ۋىرۇسنىڭ «دەل جايىغا تەگكۈزۈش» نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، تېخىمۇ تېز بولغان كۆپ ۋالېنتلىق ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش سۇپىسى كۆپ ئورۇندا قۇرۇلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.

«تۆت ۋالېنتلىق ۋاكسىنا كېيىنكى بىر نەچچە ئەۋلاد يېڭى ئۆزگەرگەن تۈپكە نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى گىرەلەشمە قوغداش ئۈنۈمىگە ئىگە، شۇڭا قىسقىغىنا بىر نەچچە ئايدا ۋاكسىنىنىڭ ۋىرۇس تۈپىنى ئالماشتۇرۇش ھاجەتسىز، تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىغا ئوخشاش يىلدا بىر قېتىم ۋاكسىنىنىڭ ۋىرۇس تۈپىنى ئالماشتۇرسىلا بولىدۇ.» شيې لياڭجى مۇنداق دېدى: شېنجوۋ ھۈجەيرە گۇرۇھى پىشىپ يېتىلگەن كۆپ ۋالېنتلىق ئاقسىل ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساش سۇپىسىنى بەرپا قىلدى، ۋىرۇسنىڭ ئۆزگىرىشىگە قارىتا جانلىق ئالماشتۇرۇپ، كۆپ ۋالېنتلىق ۋاكسىنىدىكى ئوخشاش بولمىغان ۋىرۇس تۈپىگە قارىتىلغان ئانتىگېننى كۆپەيتىپ، ۋىرۇسنىڭ ئۆزگىرىشىگە تېخىمۇ تېز ئىنكاس قايتۇرالايدۇ.

«تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش بىرىكمىسىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك توپلاش ئارقىلىق ئانتىگېن لايىھەلەش ۋاكسىنىنى تېخىمۇ ياخشى بولغان كۆپ خىل رول كۆرسىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ». خۇ جېنشياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋاكسىنىدىنمۇ كېيىن پەيدا بولىدىغان XBB1.16 ۋىرۇس تۈپىگە قارىتا يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى نېيتراللاشتۇرۇش ئانتىتېلاسىنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت جۇغلاش، پىششىقلاش ئارقىلىق، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش تېخنىكىسى تەدرىجىي پىشىپ يېتىلىپ، ئاممىۋى ئىممۇنىتېت توسۇقى بەرپا قىلىش ئېھتىياجىنى تېز سۈرئەتتە قاندۇرالايدىغان بولدى. ئىگىلىنىشىچە، ۋىرۇسنىڭ ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارادا تېخىمۇ جانلىق بولغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى بازارغا سېلىشقا ئىجازەت بېرىش تۈزۈمى قوللىنىلىپ، ئۆزگەرگەن تۈپ ۋاكسىنىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەستىقلىنىپ جىددىي ئىشلىتىلىشى ياكى بازارغا سېلىنىشىغا ياردەم بېرىلىپ، ئۈنۈملۈك ئىممۇنىتېت توسۇقى بەرپا قىلىنىدىكەن.