بۇنىڭ ئىچىدە سىزمۇ بارمۇ؟ دۆلىتىمىزدە 5G يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى ئابۇنىچىلىرى سانى 1 مىليارد 200 مىليوندىن بۆسۈپ ئۆتتى

日期:2023年05月24日
来源:天山网
【字体:

يېقىندا، جۇڭگو تېلېگرافى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى ئەڭ يېڭى تىجارەت سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2023- يىلى 4- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئۈچ چوڭ تىجارەت شىركىتىنىڭ 5G يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى ئابۇنىچىسى ئومۇمىي سانى جەمئىي 1 مىليارد 200 مىليوندىن ئېشىپ، 1 مىليارد 213 مىليونغا يەتكەن.

4- ئايدا، جۇڭگو تېلېگرافىنىڭ كۆچمە ئابۇنىچى سانىنىڭ ساپ كۆپەيگىنى 1 مىليون 490 مىڭ بولۇپ، جەمئىي 400 مىليونغا يەتتى؛ 5G يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى ئابۇنىچى سانىنىڭ ساپ كۆپەيگىنى 4 مىليون 20 مىڭ بولۇپ، جەمئىي 287 مىليونغا يەتتى؛ سىملىق كەڭ بەلباغ ئابۇنىچى سانىنىڭ ساپ كۆپەيگىنى 820 مىڭ بولۇپ، جەمئىي 185 مىليونغا يەتتى؛ مۇقىم تېلېفون ئابۇنىچىسىدىن 400 مىڭى ئازىيىپ، جەمئىي 104 مىليون بولدى.

4- ئايدا، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشىنىڭ كۆچمە ئابۇنىچى سانىنىڭ ساپ كۆپەيگىنى 25 مىڭ بولۇپ، جەمئىي 983 مىليونغا يەتتى؛ 5G يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى ئابۇنىچى سانىنىڭ ساپ كۆپەيگىنى 9 مىليون 575 مىڭ بولۇپ، جەمئىي 699 مىليونغا يەتتى؛ سىملىق كەڭ بەلباغ ئابۇنىچى سانىنىڭ ساپ كۆپەيگىنى 1 مىليون 891 مىڭ بولۇپ، جەمئىي 283 مىليونغا يەتتى.

4- ئايدا، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشىنىڭ «چوڭ تۇتاشتۇرۇش» ئابۇنىچى سانى 909 مىليون بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە 5G يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى ئابۇنىچىسى سانى 227 مىليون بولدى؛ نەرسە تورى تېرمىنالىغا ئۇلانغانلار سانى 424 مىليون بولدى؛ 5G ساھەسىدىكى مەۋھۇم مەخسۇس تور مۇلازىمىتى ئابۇنىچىسى سانى 4818گە يەتتى. جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ شىركەتنىڭ 2023- يىلى 4- ئايغىچە ھوقۇق بېرىلگەن پاتېنت سانى جەمئىي 612 يۈرۈش بولغان؛ 4- ئايدا ئاقىل خېرىدارلار مۇلازىمىتىنىڭ ئابۇنىچىلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش نىسبىتى %97.9كە، ئاقىل خېرىدارلار مۇلازىمىتىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق مۇلازىمەت نىسبىتى %83.0كە يەتكەن.