يالاڭئاياغ ئېڭىزدا يۈرمەڭ، تۆشۈكلۈك رېزىنكە ئاياغ كىيىپ لىفىتتا

日期:2023年05月24日
来源:天山网
【字体:

ھەممىمىز تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن ياز پەسلى يېتىپ كەلدى، ياز كەلگەندىكىن، ئۇچىمىزغا يازلىق كىيىم، پۇتىمىزغا راھەت يازلىق ئاياغلارنى كىيىمىز.

بۇنى ئاڭلىغان بىر ئۈرۈمچىلىك تورداش سەل نارازىلىق كەيپىياتىدا مۇنداق دېدى: يازلىق كىيىم كېيىشكە بەك ئالدىراپ كەتتىڭلارمۇ نېمە؟ بىز ھازىرغىچە چاپان كىيىپ يۈرۈۋاتساق...

− ھەي ئاناق دېمىيپاقسىڭىزا، جۈجەم، ئۆرۈك، تاۋۇز- قوغۇنلار پىشكەتكىچە يازلىق كىيىم كىيمىسەك سېسىقامامدۇق بىز، − تۇرپانلىق تورداشنىڭ ئۈرۈمچىلىك تورداشنىڭ گېپىگە پىكرى باردەك قىلاتتى.

دېمىسىمۇ، ئالتىنچى ئاي كىرەي دەپ قالغان بولسىمۇ، ئۈرۈمچىدىكىلەرنىڭ ياز كەلگىنىگە تازا ئىشەنگۈسى كەلمەيۋاتاتتى. چۈنكى بۇنىڭ سەۋەبى بار ⬇⬇⬇

قانداقلا بولسۇن، ھاۋانىڭ بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئىسسىپ قالغانلىقى ھەممىمىزنى خۇشال قىلدى. ئەمدى يەڭگىل، راھەت كىيىنىپ يۈرىدىغان چاغلار كەلدى...

شۇنداق قىلىپ خۇشال- خۇرام ياز پەسلىنى كۈتۈۋالدۇق. يازلىق كىيىملىرىمىز، ئاياغلىرىمىزنى كىيىۋالدۇق. ئاياغنىڭ گېپى چىقىشى بىلەن، تورداشلارنىڭ كۆرۈپ بېقىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئاياغلارنى سۇندۇق.

يەنە بار تېخى

قولغا ئېلىپ كۆرسىتىپ قويايلى، يەنە مۇنداق...

بۇ سۈرەتلەردىكى ئاياغلارنى كۆرۈپ، ھەرگىزمۇ بۇ يىلقى يېڭى مودا ئاياغ پاسونى ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالماڭ. بۇ ئاياغلارنىڭ ئورتاق ھېكايىسى بار، ئۇ بولسىمۇ لىفىت «چىشلىۋالغان».

دىققەت قىلىدىغان بولساق، بۇ ئاياغلارنىڭ ئاساسەن تۆشۈكلۈك رېزىنكە ئاياغ ئىكەنلىكىنى بايقىۋېلىش تەس ئەمەس.

بالىلارنىڭمۇ بار تېخى

ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، تۆشۈكلۈك رېزىنكە ئاياغنىڭ ماتېرىيالى يۇمشاق بولۇپ، مېتال ياكى باشقا جىسىملارنىڭ يۈزى بىلەن تېگىشكەندە ئاسانلا چاپلىشىپ قالىدۇ، پۇتنى كۆتۈرۈشكە ئۈلگۈرمەيلا تۇتقۇچلۇق لىفىتنىڭ پەلەمپەي ئارىسى ياكى لىفىتنىڭ يان تەرىپىدىكى ئاراچقا ئاسانلا كىرىپ قېلىپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئەمىسە، بۇنداق ئاياغنى كەيمەسلىك كېرەكمۇ؟

بۇنداق ئاياغنى كەيمەسلىك كېرەك دېمەكچى ئەمەس، بەلكى لىفىتقا چىققاندا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. بۇنىڭغا قارىتا، تورداشلار يەنە بۇنداق ئاياغنى كەيگەندە لىفىتتا قانداق تۇرۇش ئۇسۇلىنىمۇ سۈرەتكە تارتىپ كۆرسىتىپ بەردى.

بىلىۋالدىڭىزمۇ؟ ئۆزىمىزنىڭ ۋە ئەتراپىمىزدىكىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، كۆپرەك تارقىتىپ قويۇڭ.