دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى شېكەر ئەمەس تاتلىق تەم كىرگۈزگۈچ ئىشلىتىپ بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشقا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا تەكلىپ بەردى

日期:2023年05月18日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جەنۋە، 5- ئاينىڭ 15- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرۋاڭ چىبىڭ) دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ 5- ئاينىڭ 15- كۈنى ئېلان قىلغان شېكەر ئەمەس تاتلىق تەم كىرگۈزگۈچكە مۇناسىۋەتلىك يېڭى كۆرسەتمىسىدە، ئەنسەي ھەسىلى، ئاسىبا تاتلىقى، ساخارىن قاتارلىق شېكەر ئەمەس تاتلىق تەم كىرگۈزگۈچنى ئىشلىتىپ بەدەن ئېغىرلىقنى كونترول قىلىش ياكى غەيرىي يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەۋپ- خەتىرىنى تۆۋەنلىتىشكە بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھازىرقى ئىسپاتلارنى سىستېمىلىق ئەسلەش شۇنى كۆرسەتتىكى، شېكەر ئەمەس تاتلىق تەم كىرگۈزگۈچ ئىشلىتىشنىڭ چوڭلار ياكى بالىلارنىڭ بەدىنىدىكى ماينى تۆۋەنلىتىش جەھەتتە ھېچقانداق ئۇزۇن مۇددەتلىك پايدىسى يوق ئىكەن. شېكەر ئەمەس تاتلىق تەم كىرگۈزگۈچنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە يوشۇرۇن ناچار تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىنكەن، مەسىلەن، Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسىلى، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ۋە چوڭلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىش خەۋپ- خەتىرى بولىدىكەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئوزۇقلۇق ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تارمىقىنىڭ مۇدىرى فرانسېسكو بلانكانىڭ ئېيتىشىچە، شېكەر ئەمەس تاتلىق تەم كىرگۈزگۈچنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يوق ئىكەن. كىشىلەر كىچىكىدىن باشلاپ تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يەپ، سالامەتلىك ئەھۋالىنى ياخشىلىشى كېرەككەن.

كۆپ ئۇچرايدىغان شېكەر ئەمەس تاتلىق تەم كىرگۈزگۈچ − ئەنسەي ھەسىلى، ئاسىبا تاتلىقى، ئەيدېۋەن تاتلىقى، نيۇتيەن تاتلىقى، ساخارىد، ترىخلور شېكىرى، تاتلىق يوپۇرماقلىق جۈخارگۈل گىلۇكوزىدى ۋە تاتلىق يوپۇرماقلىق جۈخارگۈل گىلۇكوزىدى ھاسىلىۋى ماددىلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن شېكەر ۋە شېكەر ئالكوگولى تەركىبىدە ئىسسىقلىق مىقدارى بولغان شېكەر ۋە شېكەرنىڭ ھاسىلىۋى ماددىسى بولغاچقا، شېكەر ئەمەس تاتلىق تەم كىرگۈزگۈچ ھېسابلانمايدۇ.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ تەكلىپ دىيابېت كېسىلى ئاغرىقلىرىدىن باشقا بارلىق كىشىلەرگە، شۇنداقلا شېكەر ئەمەس تاتلىق تەم كىرگۈزگۈچ قوشۇلغان بارلىق يېمەكلىك ۋە ئىچىملىككە ماس كېلىدىكەن، لېكىن چىش پاستىسى، تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى، دورا قاتارلىق تەركىبىدە شېكەر ئەمەس تاتلىق تەم كىرگۈزگۈچ بولغان شەخسىي پەرۋىش ۋە تازىلىق مەھسۇلاتلىرىغا ماس كەلمەيدىكەن.

شېكەر ئەمەس تاتلىق تەم كىرگۈزگۈچكە مۇناسىۋەتلىك بۇ كۆرسەتمە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بىر يۈرۈش ئۈزلۈكسىز تۈزىتىلىۋاتقان ساغلام غىزالىنىش كۆرسەتمىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، بۇ كۆرسەتمە كىشىلەرنىڭ ساغلام يېمەك- ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، غىزالىنىش سۈپىتىنى ياخشىلاش ھەمدە يۇقۇملۇق خاراكتېرى بولمىغان كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپ- خەتىرىنى تۆۋەنلىتىشنى مەقسەت قىلغان.