كاۋاپ يېسە راك پەيدا قىلامدۇ؟

日期:2023年05月17日
来源:天山网
【字体:

يېقىندا، زىبو كاۋاپلىرى پۈتۈن تورنى قاپلىدى، نۇرغۇن كىشى قاتلىمىغا ئورالغان كاۋاپنىڭ تەمىنى تېتىپ بېقىش ئۈچۈن مەخسۇس زىبوغا باردى. يەپ باققان نۇرغۇن تورداش باھا بېرىپ: «ماتېرىيالى ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن، ئەرزان ھەم يېيىشلىككەن» دېيىشتى. ئەمما يەنە بىر قىسىم تورداش كاۋاپ يېسە راك پەيدا قىلىدۇ، دەپ ئەندىشە قىلدى. بۇ قاراش راستمۇ؟ مەززىلىك تائام بىلەن ساغلاملىقنىڭ قايسىسىنى تاللاش كېرەك؟

ئەمەلىيەتتە بەك ئەنسىرەپ كەتمىسەكمۇ بولىدۇ، ئاندا- ساندا بىر نەچچە ۋاق كاۋاپ يەپ قويساق چوڭ مەسىلە چىقمايدۇ.



كاۋاپ راك پەيدا قىلىدۇ دېگەن قاراش ئانچە توغرا ئەمەس، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشتىن قورقۇپ كاۋاپ يېمەسلىككىمۇ بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، پىشۇرۇش ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولسىلا، توك بىلەن قاقلاش ۋە قاقلاپ پىشۇرۇش تەخسىسىنى ئوتتا قاقلاش ياكى ئوتتا قاقلىغاندا چىققان بۇستىن يىراق تۇرغاندا، راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنىڭ تەسىرىنى زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدۇ.

ئادەتتە زىختىكى راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار ئاساسلىقى بېنزوپىرېن ۋە ئارىلاش ھالقىلىق ئامىندىن ئىبارەت ئىككى خىل خىمىيەلىك ماددىنى كۆرسىتىدۇ.

بېنزوپىرېن بىر خىل كۆپ ھالقىلىق ئارېن تۈرىدىكى بىرىكمە بولۇپ، ئۇنىڭ كۆپ خىل راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بارلىقى خېلى بۇرۇنلا ئىسپاتلانغان، ئۇ بىر خىل ھەممە بىلىدىغان كۈچلۈك راك پەيدا قىلغۇچى ماددا. كۈندىلىك تۇرمۇشتا بېنزوپىرېن ئاساسلىقى ئىككى تەرەپتىن كېلىدۇ: بىر تەرەپتىن كۆمۈر، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قاتارلىقلار كۆيگەندە ھاسىل بولغان كېرەكسىز گازدىن كېلىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن يېمەكلىك تەركىبىدىكى ماي ۋە قەنت تۈرىدىكى ماددىلار يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ھاسىل قىلىدۇ.

كاۋاپقا سالغاندا بېنزوپىرېننىڭ كېلىش مەنبەسىنىمۇ ئىككى قىسىمغا بۆلۈشكە بولىدۇ: ئوتتا قاقلىغاندا چىققان بۇس ۋە يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئوتتا قايتا- قايتا قاقلانغان يېمەكلىكلەر. بولۇپمۇ كاۋاپنى پىشۇرغاندا بىژىلداپ ماي چىققاندا، ماي ئوتقا تامچىلاپ پەيدا بولغان ئىس.

بېنزوپىرېن سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، بىز يەنە ئارىلاش ھالقىلىق ئامىن توغرىسىدا توختىلايلى. ئارىلاش ھالقىلىق ئامىن كاربون ئاتومى، ئازوت ئاتومى ۋە ھىدروگېن ئاتومى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان، كۆپ ھالقىلىق ئاروماتىك ئائىلە قۇرۇلمىسىغا ئىگە بىرىكمە. ئۇزاق مۇددەت ھايۋاناتلاردا تەجرىبە قىلىپ ئىسپاتلىنىشىچە، ئارىلاش ھالقىلىق ئامىن راك پەيدا قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىكەن.

ئارىلاش ھالقىلىق ئامىن دائىم قىزدۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغان گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردە بايقىلىدۇ، ئۇنىڭ يېمەكلىكلەردىكى ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى ئاقسىل. ئامىنو كىسلاتاسى ياكى ئاقسىل ℃300لۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا خىمىيەلىك رېئاكسىيەلىشىپ، ئارىلاش ھالقىلىق ئامىننى ھاسىل قىلىدۇ. شۇڭا، ئارىلاش ھالقىلىق ئامىندىن ساقلىنىشنىڭ ئاچقۇچى رېئاكسىيە تېمپېراتۇرىسى ۋە رېئاكسىيە ۋاقتىدىن ئىبارەت.

مەيلى بېنزوپىرېن ياكى ئارىلاش ھالقىلىق ئامىن بولسۇن، بىز ئىلمىي تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك: كاۋاپ پىشۇرۇش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى، يېمەكلىك ئوت مەنبەسىگە بەك يېقىن بولۇپ كەتمەسلىكى، ئادەممۇ ئامال بار كاۋاپ پىشۇرغاندا پەيدا بولىدىغان بۇستىن يىراق تۇرۇشى كېرەك. توك كاۋاپداننى ئىشلەتكەندە ئوت بۇسىنىڭ تەسىرىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، توك كاۋاپدىنىنىڭ تېمپېراتۇرىسىمۇ كۆمۈر ئوچىقىدىن كۆپ تۆۋەن بولىدۇ، توك كاۋاپداندا پىشۇرغاندا تېمپېراتۇرا ئادەتتە ℃250تىن تۆۋەن بولىدۇ، بېنزول پىررول ۋە ئارىلاش ھالقىلىق ئامىننىڭ سانى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ.

خۇلاسە

بىر ۋاق كاۋاپ يەپ ئىشتىھانى باسقاندا مەسىلە چوڭ بولمايدۇ.

مۇۋاپىق غىزالىنىش ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، يەنىلا كۆپچىلىكنىڭ كاۋاپ يېيىش قېتىم سانىنى كونترول قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. كاۋاپ گەرچە يېيىشلىك بولسىمۇ، ئاچكۆزلۈك قىلىپ كۆپ يەۋالساق بولمايدۇ.