ئنار بۇلۇت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ساۋاتلىرى| ئەتىگەندە نېمىشقا دائىم ئىشتىھاسىز قوپىمىز؟

日期:2023年05月12日
来源:人民网
【字体:

بىز دائىم ئەتىگەنلىك تاماق بەك مۇھىم دەيمىز، ئەمما نۇرغۇن كىشى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن ئازراقمۇ قورسىقى ئاچقاندەك ھېس قىلمايدۇ. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئادرېنالىننىڭ سەۋىيەسى ئەتىگەندە بىرقەدەر يۇقىرى بولىدىكەن، ئۇ ئاشقازاننىڭ قۇرۇقدىلىشىنى ئاستىلىتىپ، جىگەر گىلىكوگېنى ۋە مۇسكۇل گىلىكوگېنىنىڭ پارچىلىنىشىنى تېزلىتىپ، بەدەننى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەپ، ئىشتىھانى تورمۇزلايدىكەن. ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن قويۇپ بېرىدىغان پېپتىد (ئاچلىق ھورمۇنى)نىڭ سەۋىيەسى ئالدىنقى كۈنى كەچتىكىدىن تۆۋەن بولۇشى؛ ئورۇقلىتىش ماددىسى (تويۇش تۇيغۇسىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھورمون)نىڭ سەۋىيەسى ئەتىگەندە تېخىمۇ يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ ھورمۇنلارنىڭ كېچىدىكى ۋە ئەتىگەندىكى داۋالغۇشى، ئويغانغاندىن كېيىن قورساق ئۇنچە بەك ئاچمىغاندەك تۇيغۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.