كېتونلۇق ئوزۇقلىنىش ئارقىلىق ئورۇقلاشقا بكېتونلۇق ئوزۇقلىنىش ئارقىلىق ئورۇقلاشقا بولامدۇ؟

日期:2023年05月11日
来源:天山网
【字体:

كېتونلۇق ئوزۇقلىنىش ئارقىلىق ئورۇقلاش ئۇسۇلى

كېتونلۇق ئوزۇقلىنىش بىر خىل تۆۋەن كاربونلۇق، يۇقىرى مايلىق ئوزۇقلىنىش بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىرقەدەر كەڭ تارقالدى، ئۇنىڭدا كاربونلۇق سۇ (ھەر كۈنى 50 گىرامدىن تۆۋەن)نى قاتتىق كونترول قىلىش، ئاقسىل(ھەر كىلوگىرام بەدەن ئېغىرلىقىغا ھەر كۈنى بىر گىرام)نى بىرقەدەر قاتتىق كونترول قىلىش، كۆپ مىقداردا ماي قوبۇل قىلىش (ئومۇمىي ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ %70 - %80ىنى ئىگىلەيدۇ) تەلەپ قىلىنىدۇ.

كېتونلۇق ئوزۇقلىنىش تەركىبىدە كاربون- سۇ تەركىبى مول بولغان كۆپ مىقداردىكى يېمەكلىكلەرنى، جۈملىدىن ئاساسلىق يېمەكلىك، ياڭيۇ تۈرىدىكىلەر، مېۋە- چېۋە، كاربون- سۇ تەركىبى يۇقىرى كۆكتاتلار، قەنت تۈرىدىكىلەرنى ئاساسىي جەھەتتىن يېيىشكە بولمايدىغانلىقىدىن، ئەمما ماي تەركىبى مول بولغان يېمەكلىكلەر، مەسىلەن، تۇخۇم، چارۋا- قۇش گۆشى، بېلىق- راك گۆشى، دادۇر تۈرىدىكىلەر، قاتتىق پوستلۇق مېۋە، يوپۇرماقلىق كۆكتات، قوغۇن- تاۋۇز، پىدىگەن قاتارلىقلارنى تويغىچە يېسە بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

كاربون- سۇ بىرىكمىلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، كۆپ مىقداردا ماي قوبۇل قىلغاندا، قاندىكى گىلۇكوزا ناھايىتى تېزلا خوراپ تۈگەيدۇ، كېيىن گىلىكوگېننى خورىتىدۇ، ئەمما گىلىكوگېنمۇ ناھايىتى تېزلا خوراپ تۈگەيدۇ، بۇ ۋاقىتتا بەدەن ماينى خورىتىشقا باشلايدۇ. ياغ مېتابولىزمى كېتون تەنچىسى ھاسىل قىلىدىغانلىقتىن، «كېتونلۇق ئوزۇقلىنىش» دېگەن نام كېلىپ چىققان.

ماي تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى يېگەندە تويۇش تۇيغۇسى ئاشىدۇ، ھاسىل بولغان كېتون تەنچىسىمۇ ئىشتىھانى تىزگىنلەش رولىغا ئىگە، شۇڭا كېتونلۇق ئوزۇقلىنىش قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بەدەن ئېغىرلىقىنى ھەقىقەتەن تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىتىدۇ، تېز بولغاندا بىر ھەپتىدە بەش كىلوگىرام ئورۇقلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن، ئورۇقلىغۇچىلارنىڭ ئىشەنچى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كېتونلۇق ئوزۇقلىنىشنىڭ قان شېكىرى، ئىنسۇلىن، قاندىكى ماي قاتارلىقلارنى تەڭشەش رولى بار.

لېكىن، كېتونلۇق ئوزۇقلىنىشنىڭ تېز سۈرئەتتە ئورۇقلىتىش ئەۋزەللىكىمۇ ئورۇقلاشنىڭ ئالدىنقى 3- 6 ئېيىدا گەۋدىلىنىدۇ، 12 ئايدىن ئارتۇق چىڭ تۇرغاندىكى ئورۇقلىتىش ئۈنۈمى باشقا ئورۇقلىتىش ئۇسۇللىرىدىن روشەن پەرقلەنمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، باشقىلارنىڭ تەركىبىدە كاربون- سۇ كۆپ يېمەكلىكلەرنى مەززە قىلىپ يېيىشىگە قاراپ تۇرغاندا، بەدەننىڭ كاربون- سۇغا بولغان تەشنالىقى چېكىگە يېتىدۇ، نۇرغۇن كىشى 12 ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بەل قويۇۋېتىدۇ. كېتون ھاسىل قىلىش ئەندىزىسىنى توختاتقان ھامان، كاربون- سۇ تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ئۆزىنى تارتالماي، ئورۇقلىيالمايلا قالماي، بەلكى سەمرىپ كېتىدۇ.

ئۇزاق مۇددەت كېتونلۇق ئوزۇقلانغاندا، تەن ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ: كېتون كېسىلى كىسلاتاسىدىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، يېنىك بولغاندا كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسىدۇ، ئېغىر بولغاندا سۇسىزلىنىدۇ؛ جىگەر ۋە بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ؛ بەدەندە ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار يېتىشمەي، تېرە بوشاپ كېتىش، مۇسكۇللار ئېقىپ كېتىش، سۆڭەك شالاڭلىشىش، ھەيز توختاش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، تويۇنغان ياغ كىسلاتاسىنى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىش يۈرەك- مېڭە قان تومۇرلىرىغا پايدىسىز.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆزىدە ئاستا خاراكتېرلىك مېتابولىزم خاراكتېرلىك كېسىلى بار ئاغرىقلار، مەسىلەن، 1 تىپلىق دىيابېت كېسىلى، جىگەر كېسىلى، بۆرەك كېسىلى، يۈرەك- مېڭە قان تومۇر كېسىلى بار ئاغرىقلار كېتونلۇق ئوزۇقلىنىشقا ماس كەلمەيدۇ. كېتونلۇق ئوزۇقلانغاندا گەرچە تېز سۈرئەتتە ئورۇقلىسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي سالامەتلىككە پايدىسىز بولغاچقا، ھەقىقەتەن تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى