زۇكام دورىسى يەپ زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولامدۇ؟ قارا ئاشلىق تالقىنى ئىستېمال قىلسا تېخىمۇ ساغلام بولامدۇ؟ بۇ «كۈتۈنۈش توغرىسىدىكى تەكلىپلەر» ساغلام ئەمەس (8)

日期:2023年05月07日
来源:天山网
【字体:

«كۈتۈنۈش» نۆۋەتتە ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقان بىر تېما

تۇرمۇشىمىز ساغلاملىق توغرىسىدىكى ھەر خىل- ھەر ياڭزا بىلىملەر بىلەن تولغان

گەرچە توغرا كۈتۈنۈش ئۇسۇلى ئادەمنى تېخىمۇ ساغلام قىلىدۇ،

يەنە ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە قوشۇمچە داۋالاش ئۈنۈمىگە يەتكۈزىدۇ، دېيىلسىمۇ

ئەمما، كىشىلەرنىڭ ساغلاملىق ئېڭىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ

كۈتۈنۈش توغرىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن تۈرلۈك گەپلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە

بۇ تارقىلىپ يۈرگەن گەپلەرنىڭ ھەممىسى راستمىدۇ؟

ئەمەلىيەتتە، كۆپ ئاڭلىغان بۇ «كۈتۈنۈش توغرىسىدىكى تەكلىپلەر»

سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ساغلام ئەمەس

كۈتۈنگەنسېرى كېسەل بولۇپ كېتىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ!

زادى «كۈتۈنۈش توغرىسىدىكى تەكلىپلەر»نىڭ قايسىلىرىغا ھەرگىز ئىشەنمەسلىك كېرەك؟

كۈتۈنۈشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى يەنە نېمە؟

تۆۋەندە بىرلىكتە چۈشىنىپ باقايلى...

8كۈتۈنۈش توغرىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن سۆز: بويۇن ئومۇرتقىسىنى ئۇۋۇلاپ بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلىنى داۋالىغىلى بولىدۇ

ھەقىقىي ئەھۋال: بويۇن قىسمىنى خالىغانچە ئۇۋۇلاشقا بولمايدۇ.

بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلى كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك، گەرچە كۈچەپ ئۇۋۇلىغاندا، بىمار قىسقا ۋاقىت ئىچىدە راھەتلەنسىمۇ، لېكىن كېسەللىك ئالامىتى ناھايىتى تېزلا يەنە كۆرۈلىدۇ، يەنە بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.

توغرا ئۇۋۇلىمىغاندا، بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ تۇراقسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنىڭ چېكىنىش خاراكتېرلىك پۇلتىيىپ چىقىشىنى تېزلىتىپ، بويۇن ئومۇرتقا نەيچىسىنى تېخىمۇ ئېغىر بېسىمغا ئۇچرىتىدۇ. ئەگەر بىمارنىڭ بويۇن قىسمىنىڭ بىئاراملىقى ئىزچىل پەسەيمىسە، دەرھال مۇنتىزىم دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنۈشى، خالىغانچە ئۇۋۇلاتماسلىقى كېرەك.

پايدىلانغان مەنبە: CCTV «تۇرمۇش چەمبىرىكى» پىروگراممىسى