زۇكام دورىسى يەپ زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولامدۇ؟ قارا ئاشلىق تالقىنى ئىستېمال قىلسا تېخىمۇ ساغلام بولامدۇ؟ بۇ «كۈتۈنۈش توغرىسىدىكى تەكلىپلەر» ساغلام ئەمەس (7)

日期:2023年05月08日
来源:天山网
【字体:

«كۈتۈنۈش» نۆۋەتتە ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقان بىر تېما

تۇرمۇشىمىز ساغلاملىق توغرىسىدىكى ھەر خىل- ھەر ياڭزا بىلىملەر بىلەن تولغان

گەرچە توغرا كۈتۈنۈش ئۇسۇلى ئادەمنى تېخىمۇ ساغلام قىلىدۇ،

يەنە ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە قوشۇمچە داۋالاش ئۈنۈمىگە يەتكۈزىدۇ، دېيىلسىمۇ

ئەمما، كىشىلەرنىڭ ساغلاملىق ئېڭىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ

كۈتۈنۈش توغرىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن تۈرلۈك گەپلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە

بۇ تارقىلىپ يۈرگەن گەپلەرنىڭ ھەممىسى راستمىدۇ؟

ئەمەلىيەتتە، كۆپ ئاڭلىغان بۇ «كۈتۈنۈش توغرىسىدىكى تەكلىپلەر»

سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ساغلام ئەمەس

كۈتۈنگەنسېرى كېسەل بولۇپ كېتىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ!

زادى «كۈتۈنۈش توغرىسىدىكى تەكلىپلەر»نىڭ قايسىلىرىغا ھەرگىز ئىشەنمەسلىك كېرەك؟

كۈتۈنۈشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى يەنە نېمە؟

تۆۋەندە بىرلىكتە چۈشىنىپ باقايلى...

7

كۈتۈنۈش توغرىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن سۆز: سۈيدۈك سارغىيىپ قالسا بۆرەكتە مەسىلە كۆرۈلگەن بولىدۇ

ھەقىقىي ئەھۋال: سۈيدۈكنىڭ سارغىيىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى بىرقەدەر كۆپ، چوقۇم بۆرەكتە مەسىلە كۆرۈلگەن بولۇشى ناتايىن.

تۇرمۇشتا، نورمال ئەھۋالدا، ئەگەر سۈيدۈك سېرىق كېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ئالدى بىلەن، سۇنى ئاز ئىچىپ، سۈيدۈكنىڭ قويۇلۇپ كەتكەنلىكى ۋە ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن ياكى بەزى دورا ياكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغانلىقتىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئويلىشىشقا توغرا كېلىدۇ. ئاۋۋال كۆپرەك سۇ ئىچىپ، سۈيدۈك مىقدارى كۆپەيگەندىن كېيىن، يەنە كۆزىتىش كېرەك. ئەگەر سۈيدۈك سۈزۈلسە، ئۇنداقتا ھېچقانداق مەسىلە يوق بولغان بولىدۇ.

ئەگەر سۈيدۈكنىڭ رەڭگى داۋاملىق ئۆزگەرسە، ھەتتا قان رەڭدە، جياڭيۇ رەڭدە، سۈت رەڭدە ۋە قارا رەڭدە كېلىشتەك ئىنتايىن غەيرىي ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنى قىلىپ، سۈيدۈك رەڭگىنىڭ ئۆزگىرىش سەۋەبىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا ھەم داۋالاشنى قوبۇل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: CCTV «تۇرمۇش چەمبىرىكى» پىروگراممىسى