زۇكام دورىسى يەپ زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولامدۇ؟ قارا ئاشلىق تالقىنى ئىستېمال قىلسا تېخىمۇ ساغلام بولامدۇ؟ بۇ «كۈتۈنۈش توغرىسىدىكى تەكلىپلەر» ساغلام ئەمەس (9)

日期:2023年05月06日
来源:天山网
【字体:

«كۈتۈنۈش» نۆۋەتتە ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقان بىر تېما

تۇرمۇشىمىز ساغلاملىق توغرىسىدىكى ھەر خىل- ھەر ياڭزا بىلىملەر بىلەن تولغان

گەرچە توغرا كۈتۈنۈش ئۇسۇلى ئادەمنى تېخىمۇ ساغلام قىلىدۇ،

يەنە ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە قوشۇمچە داۋالاش ئۈنۈمىگە يەتكۈزىدۇ، دېيىلسىمۇ

ئەمما، كىشىلەرنىڭ ساغلاملىق ئېڭىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ

كۈتۈنۈش توغرىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن تۈرلۈك گەپلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە

بۇ تارقىلىپ يۈرگەن گەپلەرنىڭ ھەممىسى راستمىدۇ؟

ئەمەلىيەتتە، كۆپ ئاڭلىغان بۇ «كۈتۈنۈش توغرىسىدىكى تەكلىپلەر»

سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ساغلام ئەمەس

كۈتۈنگەنسېرى كېسەل بولۇپ كېتىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ!

زادى «كۈتۈنۈش توغرىسىدىكى تەكلىپلەر»نىڭ قايسىلىرىغا ھەرگىز ئىشەنمەسلىك كېرەك؟

كۈتۈنۈشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى يەنە نېمە؟

تۆۋەندە بىرلىكتە چۈشىنىپ باقايلى...

9

كۈتۈنۈش توغرىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن سۆز: بالا قىزىغاندا چۈمكەپ تەرلەتكەندە قىزىتمىسى تېز يانىدۇ

ھەقىقىي ئەھۋال: چۈمكەپ تەرلىتىش ئېغىر كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

زۇكامداپ قالغاندىن كېيىن يوتقانغا چۈمكەپ تەرلىتىش، ئادەتتىكى كىشىلەرگە، بولۇپمۇ كىچىك بالىلارغا ماس كەلمەيدۇ. چۈنكى، كىچىك بالىنىڭ پۇت- قوللىرىغا قان يېتىشمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نېرۋا سىستېمىسى مۇكەممەل يېتىلىپ بولمىغاچقا، قان تومۇرلارنىڭ كېڭىيىشى، قىسقىرىشىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل نېرۋىلار ئاسانلا قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ، ئەگەر بەك قېلىن چۈمكىۋېتىلسە، ئەكسىچە بەدەندىكى ئىسسىقلىق تارقىلالمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىللە سۇسىزلىنىش، مېتابولىزم خاراكتېرلىك كىسلاتادىن زەھەرلىنىشنى، تېخىمۇ ئېغىر بولغاندا مېڭىگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

كىلىنىكىدا مەخسۇس بالىلاردا كۆرۈلىدىغان بىر خىل كېسەللىك بار، ئۇ بولسىمۇ «يوتقانغا چۈمكىلىش ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى»، يەنى كىچىك بالىنى خاتا ھالدا چۈمكەپ قويۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئېغىر كېسەللىكتۇر. ئاغرىق بالا قىزىغان مەزگىلدە، بەدەن ئىسسىقلىقنى تارقىتىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش، ھەرگىزمۇ چۈمكەپ قويماسلىق كېرەك.

پايدىلانغان مەنبە: CCTV «تۇرمۇش چەمبىرىكى» پىروگراممىسى