قانداق قىلغاندا بالىلارنىڭ تىل ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بەرگىلى بولىدۇ؟

日期:2023年04月18日
来源:天山网
【字体:

سوئال سوراش

بالام پات يېقىندا يەسلى چوڭ سىنىپىغا چىقماقچى، لېكىن ئۇنىڭ ئىپادىلەش ئىقتىدارى ئانچە كۈچلۈك ئەمەس، گەپ قىلغاندا قايسى سۆزنىڭ مۇھىم ياكى مۇھىم ئەمەسلىكىنى ئايرىيالمايدۇ، ئائىلە باشلىقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بالىلارنىڭ تىل ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە قانداق ياردەم بېرىشىمىز كېرەك؟

مۇتەخەسسىسنىڭ قارىشى

چۇنجياڭ يەسلىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ليۇ رويۈ مۇنداق دېدى: تۇرمۇشتا بەزى بالىلار گەپدان، ئىپادىلەش ئىقتىدارىمۇ ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ، يەنە بەزى بالىلار ئىپادىلەشنى خالىسىمۇ، لېكىن قانداق ئېغىز ئېچىشنى بىلمەيدۇ ياكى گەپ قىلغاندا قايسى سۆزنىڭ مۇھىم، قايسى سۆزنىڭ مۇھىم ئەمەسلىكىنى ئايرىيالمايدۇ، مانا بۇ بالىلارنىڭ ئاغزاكى ئىپادىلەش ئىقتىدارىدىكى پەرق. نۆل ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان مەزگىل بالىلارنىڭ تىل تەرەققىياتىدىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل بولۇپ، تۇغۇلغاندىن تارتىپ تىلى چىققىچە، تاق سۆزلەردىن تارتىپ جۈملىلەرنى باغلىغىچە بالىلارنىڭ تىل تەرەققىياتى ئىنتايىن تېز بولىدۇ. ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، تۆت ياشلىق بالىلارنىڭ سۆزلۈك مىقدارى 1600دىن 2000غىچە، بەش ياشلىق بالىلارنىڭ 2200دىن 3000غىچە، ئالتە ياشلىق بالىلارنىڭ سۆزلۈك مىقدارى 3000دىن 4000غىچە بولۇشى كېرەك. شۇڭا، ئائىلە باشلىقلىرى بالىلارنىڭ تىل تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك.

بالىلارنىڭ ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى قانداق ئۆستۈرۈش كېرەك؟ ئالدى بىلەن ئەركىن- ئازادە تىل مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك، بۇ ئېغىزغىلا قارىتىلغان بولماستىن، بەلكى پىسخىكا جەھەتكىمۇ قارىتىلغان. ئائىلە باشلىقلىرى پاسسىپ، چەكلەش خاراكتېرىدىكى سۆزلەرنى ئىشلىتىپ ئارىلىشىش ۋە باھالاشنى ئازايتىشى، بالىلارنىڭ تىل ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. بالا گەپ قىلغاندا ئۇنىڭغا ياخشى تەييارلىق قىلىش، سۆزلەش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش، گەپ- سۆزنى ئېنىق قىلىش، ئىنتوناتسىيەنى يېقىملىق قىلىشنى ئەسكەرتىش كېرەك. بالا خاتا سۆزلەپ قويغان تەقدىردىمۇ جىددىيلىشىش، تەشۋىشلىنىش ۋە خاتىرجەمسىزلىنىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئېيتىش كېرەك. بولۇپمۇ قورقۇنچاق، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل، ئىدىيە ۋە روھىي جەھەتتە قىلچە تەييارلىقى بولمىغان بالىلارنى قارىتا ئائىلە باشلىقلىرى يولسىزلىق بىلەن ئەيىبلەپ، قورقۇتۇۋەتمەسلىكى كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئائىلە باشلىقلىرى بالىلارنىڭ «ۋاكالىتەن سۆزلىگۈچىسى» بولماسلىقى كېرەك، بالىلارنى قىلچە توسالغۇسىز ھالدا ئۆز تىلىنى ئىپادىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى كۆپرەك ئىلھاملاندۇرۇشى، كۆپرەك رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك. ئائىلە باشلىقلىرى بالىلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى ئۇششاق ئىشلارنى چىڭ تۇتۇپ، بالىلارنى ئىجابىي جەھەتتىن ئىلھاملاندۇرۇشى ۋە تەقدىرلىشى كېرەك.

باشقىلارنىڭ ئالدىدا بالىلارنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئىپادىلەشكە ئىلھاملاندۇرۇشتىن باشقا، ئائىلە باشلىقلىرى يەنە بالىلارغا ھېكايىلەرنى كۆپرەك بايان قىلدۇرۇپ بېرىشى كېرەك، بۇ بالىلارنىڭ «سۆزلىيەلىشى»نىڭ مۇھىم يولى. مەلۇم مەزگىلدە، ھېكايە ئۇلارغا نىسبەتەن خېلى جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بالىلار ھېكايىدىن نۇرغۇن ئىلھام ۋە بىلىمگە ئېرىشەلەيدۇ. بۇ، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ تىل تەرەققىياتىدا ئەڭ ئۈنۈم بېرىدۇ. بۇ، بالىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، تىل بىلەن ئىپادىلەش ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. يەنە بالىلارنى تەبىئەتكە سىڭدۈرۈپ، ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ تۇرمۇش تەسىراتىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى خۇشاللىقنى ھېس قىلالايدىغان، سۆزلەشنى خالايدىغان، سۆزلەشنى ياخشى كۆرىدىغان قىلىدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: «خەلق تورى ساغلاملىق» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى